مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قە‌دىمقى ئورام يازمىنىڭ «ئېچىلىشى»‏

قە‌دىمقى ئورام يازمىنىڭ «ئېچىلىشى»‏

1970-‏يىلى يېن-‏گېدىدىن تېپىلغان كۆيۈپ ساقلىنىپ قالغان ئورام يازمىنى ئوقۇ‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن.‏ بىراق 3-D سكانېرنىڭ ياردىمى بىلە‌ن شۇ ئورام يازمىدا لاۋىيلار كىتابىدىكى بە‌زى ئايە‌تلە‌ر،‏ شۇ جۈملىدىن خۇ‌دانىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقى ئېنىق بولغان.‏

1970-‏يىلى ئارخېئولوگلار ئۆلۈك دېڭىزىنىڭ غە‌ربىي تە‌رىپىدىكى يېن-‏گېدى (‏ئىسرائىل)‏ دېگە‌ن جايدىن،‏ يە‌نى تە‌خمىنە‌ن مىلادى 6-‏ئە‌سىردە كۆيدۈرۈلۈپ ۋە‌يران قىلىنغا بىر يېزىدىكى سىناگوگ خارابىسىنى قېزىپ چىقىرىۋاتقاندا،‏ كۆيۈپ قاپقارا بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن يازمىنى بايقىغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ كۆيۈپ بە‌كمۇ ۋە‌يران بولۇ‌پ كە‌تكە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭدا يېزىلغانلارنى ئوقۇ‌ش،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى بۇ‌زماي شۇ تۇ‌رغان ھالىتىدە ئېچىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بىراق D (‏ئۈچ ئۆلچە‌ملىك گرافىكا)‏ سكانېر تېخنولوگىيىسىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئورام يازما «ئېچىلدى».‏ زامانىۋىي كومپيۇ‌تېر پروگراممىلىرىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نىنى ئوقۇ‌ش مۇ‌مكىن بولدى.‏

ئورام يازمىدا نېمە يېزىلغان؟‏ بۇ يازمىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى لاۋىيلار كىتابىنىڭ بىرىنچى بىرنە‌چچە ئايىتى يېزىلغان ئىكە‌ن.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تېتراگرامماتون شە‌كلىدىكى خۇ‌دانىڭ خاس ئىسمى ئۇ‌چرايدۇ.‏ مە‌زكۇ‌ر يازما مىلادى 50-‏يىل بىلە‌ن مىلادى 400-‏يىل ئارىلىقىدا يېزىلغان بولسا كېرە‌ك.‏ بىر مە‌شھۇ‌ر گېزىتتا يېزىلغاندە‌ك،‏ يېن-‏گېدىدىن لاۋىيلار كىتابىنىڭ ئۈزۈندىسى تېپىلمىغىچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌ڭ كونا قوليازمىسى بولۇ‌پ ھېسابلانغان ۋە بۇ‌نىڭدىن 2000 يىل بۇ‌رۇ‌ن (‏ئىككىنچى ئىبادە‌تخانىنىڭ ۋاقتىدا)‏ يېزىلغان ئۆلۈك دېڭىز (‏كۇ‌مران‏)‏ ئورام يازمىلىرى بىلە‌ن مىلادى 10-‏ئە‌سىردە يېزىلغان ئالېپپو كودېكسىنىڭ ئارىسىدا مىڭ يىل ۋاقىت ئۆتكە‌ن (‏«‏The Jerusalem Post‏»)‏.‏ مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ تېپىلغان ئورام يازما تە‌ۋراتنىڭ ماسورېت تېكستىنىڭ مىڭ يىل ئىچىدە ھېچ ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نى كۆچۈرۈپ يازغان كىشىلە‌ر كىرگۈزگە‌ن خاتالىقلار مە‌زمۇ‌نغا تە‌سىر قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏