مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن بىز ئۈمىدكە مۇ‌ھتاج؟‏

نېمە ئۈچۈن بىز ئۈمىدكە مۇ‌ھتاج؟‏

نېمە ئۈچۈن بىز ئۈمىدكە مۇ‌ھتاج؟‏

ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان راك كېسىلى تۈپە‌يلىدىن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن دانىيال ئۈمىدىنى ئۈزمىگە‌ن بولسا،‏ نېمە بولاتتى؟‏ ئۇ راك كېسىلىنى يېڭىپ،‏ ساقىيىپ كېتە‌تتىمۇ؟‏ ئۇ ھازىر ھايات بولاتتىمۇ؟‏ ھە‌تتا،‏ ئۈمىد داۋالاش كۈچىگە ئىگە دە‌يدىغانلارمۇ،‏ ھە‌ددىدىن زىيادە ئۆز ئوي-‏پىكىرىدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بۇ يە‌ردە مۇ‌ھىم بىر ئوي-‏پىكىر بار.‏ ئۈمىدنىڭ كۈچىنى كۆپتۈرۈپ ئاشۇ‌رۋە‌تمە‌سلىك كېرە‌ك.‏ ئۇ ھە‌ممە ئاغرىقلارنىڭ داۋاسى ئە‌مە‌س.‏

ئامېرىكا CBS News خە‌ۋە‌ر پروگراممىسىدا،‏ ئۆتكۈزۈلگە‌ن سۆھبە‌تتە دوختۇ‌ر ناتان چېرنى ئېغىر كېسە‌للىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان بىمارلار ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ندە،‏ ئۈمىدنىڭ كۈچىگە ھە‌ددىدىن زىيادە ئىشىنىشنىڭ خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌رلە‌ر ئاياللىرىنى يېتە‌رلىك دە‌رىجىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلمىغانلىقى ياكى ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلىمىغانلىقى ئۈچۈن تىللاپ ھاقارە‌تلىگىنىگە گۇ‌ۋاھ بولدۇ‌ق.‏ بىراق،‏ بۇ‌نداق ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزى،‏ يە‌نى كىشى راك كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كونترول قىلالايدۇ،‏ دېگە‌ن گە‌پ بىر ناتوغرا ئويدۇ‌رما.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولغان بولسا،‏ بىمارلار ئۆز كېسىلى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش ئىرادىسى كۈچلۈك بولمىغاچ،‏ سالامە‌تلىكى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دە‌پ چۈشە‌ندۈرۈش،‏ بۇ ئادالە‌تسىزلىك بولىدۇ».‏

ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىر كىشىنىڭ ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشى خۇ‌ددى ھېرىپ ھالىدىن كە‌تكە‌ن جە‌ڭچىنىڭ ئۇ‌رۇ‌شقا قاتناشقىنىغا ئوخشاش.‏ كېسە‌ل كىشىنىڭ يۈكى تولىمۇ ئېغىر بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ يېقىنلىرى ئۇ‌نى ئە‌يىبكاردە‌ك ھېس قىلدۇ‌رۇ‌شنى خالىمايدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئۈمىدنىڭ ھېچقانداق ئە‌ھمىيىتى يوق،‏ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كېلىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏

ياق.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان دوختۇ‌ر پاللىئاتىۋ (‏يېنىكلىتىش)‏ داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لى بويىچە مۇ‌تە‌خە‌سسىستۇ‌ر.‏ بۇ داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لى كېسە‌للىكنى ساقايتمايدۇ ياكى بىمارنىڭ ھاياتىنى ئۇ‌زارتمايدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌ل كىشىنىڭ ئۆز كېسلى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش جە‌ريانىدا،‏ ئۇ‌نىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنى يېنىكلە‌شتۈرىدۇ.‏ بۇ‌نداق داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لىنى قوللىنىدىغان مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر،‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌ل ھە‌تتا ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقانلارغا خۇ‌شال كە‌يپىياتنى پە‌يدا قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىدۇ.‏ ئۈمىدنىڭ كېسە‌للە‌رگە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ۋە ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك پايدىلىق تە‌سىرى بارلىقى ھە‌ققىدە يېتە‌رلىك ئىسپاتلار بار.‏

ئۈمىدنىڭ ئە‌ھمىيىتى

تىبابە‌ت ساھە‌سىدە ئىشلە‌يدىغان ژۇ‌رنالىست گىففورد-‏جونس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۈمىد كۈچلۈك داۋالاش».‏ ئۇ ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان كىشىنى ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنىڭ پايدىسى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تە‌تقىقاتلارنى كۆرۈپ چىققان.‏ بۇ‌نداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش كىشىلە‌رگە تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇ‌پ،‏ ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ،‏ دە‌پ قارالغان.‏ 1989-‏يىلى ئۆتكۈزۈلگە‌ن بىر تە‌تقىقاتقا ئاساسلانغاندا،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن ياردە‌مگە ئېرىشكە‌ن بىمارلار ئۇ‌زۇ‌نراق ياشىغان.‏ تە‌تقىقاتچىلار شۇ‌نى ئېيتىدۇ‌كى،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىكى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنى ئالغان بىمارلار شۇ‌نداق ياردە‌منى ئالمىغانلارغا قارىغاندا،‏ ئازراق چۈشكۈنلۈككە چۈشىدۇ ھە‌م ئازراق ئاغرىق ئازابى تارتىدۇ.‏

ئىجابىي ياكى سە‌لبىي كۆزقاراش تاجىسىمان يۈرە‌ك كېسىلىگە،‏ يە‌نى يۈرە‌ك قان تومۇ‌رى ئاغرىقىغا قانداق تە‌سىر قىلىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدىكى ئىزدىنىشنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ 1300دىن كۆپرە‌ك ئە‌رلە‌ر ھاياتقا قانداق كۆزقاراش بىلە‌ن،‏ يە‌نى ئىجابىي ياكى سە‌لبىي كۆزقاراش بىلە‌ن قارايدىغانلىقىغا قارىتا سىناققا قاتناشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئون يىلدىن كېيىن،‏ 12 پىرسە‌نتتىن كۆپرە‌كى تاجىسىمان يۈرە‌ك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئۈمىدسىز كىشىلە‌رنىڭ سانى ئۈمىدۋار كىشىلە‌ردىن كە‌م دېگە‌ندە ئىككى ھە‌سسە كۆپ بولۇ‌پ چىققانىدى.‏ خارۋارد ئۇ‌نىۋېرسىتېتىدە ياردە‌مچى پروفېسسور بولۇ‌پ،‏ تە‌ن-‏سالامە‌تلىك ۋە ئىجتىمائىي يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شنى تە‌تقىق قىلىۋاتقان لورا كۇ‌بزانسكى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ««ئىجابىي كۆزقاراش» تە‌ن-‏سالامە‌تلىك ئۈچۈن پايدىلىق دېگە‌ن پىكىر بۇ‌رۇ‌ن كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىلمىي جە‌ھە‌تتىن تولۇ‌ق ئىسپاتلانمىغان ئىدى.‏ بىراق،‏ يۈرە‌ك كېسە‌للىكلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مە‌زكۇ‌ر ئىزدىنىش،‏ بۇ ئوي-‏پىكىرنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى ئىلمىي جە‌ھە‌تتىن تە‌ستىقلايدۇ».‏

بە‌زى ئىزدىنىشلە‌ر شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ سالامە‌تلىكىم ناچار دە‌پ ئويلايدىغانلارغا قارىغاندا،‏ سالامە‌تلىكىم ياخشى دە‌پ ئويلايدىغانلار ئوپېراسىيىدىن كېيىن چاپسانراق ئە‌سلىگە كېلىۋاتىدۇ.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ‌زاق ياشاش ئۈمىدۋارلىق بىلە‌ن باغلىنىشلىق بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن!‏ بىر ئىزدىنىشتە ياشانغانلارنىڭ قېرىلىققا بولغان ئىجابىي ياكى سە‌لبىي كۆزقاراشلىرى ئۇ‌لارغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە تە‌كشۈرۈش ئېلىپ بارغان.‏ ياشانغانلار،‏ ئىنسانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ تېخىمۇ ئە‌قىللىق ۋە تە‌جرىبىلىك بولغانلىقى ھە‌ققىدىكى قىسقا ئۇ‌چۇ‌رلارنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار جانلىق،‏ جۇ‌شقۇ‌ن كە‌يپىياتتا مېڭىش ئىستىگى پە‌يدا بولغان.‏ ئە‌سلى،‏ بۇ‌نداق نە‌تىجە 12 ھە‌پتىلىك جىسمانىي چېنىقىش پروگراممىسىنىڭ نە‌تىجىسىگە باراۋە‌ر!‏

قىزىق،‏ نېمە ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق،‏ ئىجابىي كۆزقاراش ۋە كە‌يپىيات تە‌ن-‏سالامە‌تلىككە پايدىلىق؟‏ ئېھتىمال،‏ ئالىملار ۋە دوختۇ‌رلار ئىنساننىڭ مېڭىسىنى ۋە تېنىنى تېخىچە تە‌لتۆكۈس چۈشە‌نمىگە‌چكە،‏ بۇ سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ مە‌زكۇ‌ر ساھە‌دە ئىشلە‌يدىغان مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر تە‌جرىبىسى،‏ بىلىمى ياكى ئېرىشكە‌ن مە‌لۇ‌ماتلارغا ئاساسلىنىپ،‏ بە‌زى قىزىقارلىق پىكىرلە‌رگە كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نېرۋا كېسە‌للىكلىرى ساھە‌سىدە ئىشلە‌يدىغان پروفېسسور مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلايدىغان ئۈمىدۋار كىشى ئۆزىنى خۇ‌شال ھېس قىلىدۇ.‏ كىشىنىڭ شۇ‌نداق خۇ‌ش كە‌يپىياتى ئانچە بېسىم پە‌يدا قىلمايدۇ ۋە تە‌ن-‏سالامە‌تلىككە ھە‌م پايدىلىق.‏ بۇ ساغلام بولاي دېگە‌ن كىشىلە‌ر ئۆز-‏ئۆزى ئۈچۈن قىلالايدىغان يە‌نە بىر ئىش».‏

بە‌زى دوختۇ‌رلار،‏ پسىخولوگلار ۋە ئالىملار ئۈچۈن بۇ يېڭى بىر ئوي-‏پىكىر ياكى بايقاشتە‌ك تۇ‌يۇ‌لىشى مۇ‌مكىن،‏ لېكىن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېڭىلىق ئە‌مە‌س.‏ تە‌خمىنە‌ن 3000 يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ پادىشاھ سۇ‌لايمان بۇ ئوي-‏پىكىرنى مۇ‌نداق ئىپادىلىگە‌ن:‏ «بىر خۇ‌ش كۆڭۈل ئوبدان دورا بولار،‏ ئە‌مما ئېزىلگە‌ن روھ ئۇ‌ستىخاننىڭ ئىلىكىنى قۇ‌رىتار» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏22‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ تە‌ڭپۇ‌ڭلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ ئايە‌تتە «شاد كۆڭۈل» ھە‌رقانداق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ دېيىلمىگە‌ن،‏ ئە‌كسىنچە ئۇ «شىپالىق دورىدە‌ك» دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏

شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئە‌گە‌ر ئۈمىد ھە‌رخىل كېسە‌للىكلە‌ر ئۈچۈن دورا ئىكە‌ن،‏ قايسى دوختۇ‌ر ئۇ‌نى تە‌ۋسىيە قىلمايدۇ؟‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئۈمىد پە‌قە‌تلا تە‌ن-‏سالامە‌تلىككە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى باشقا كۆپ جە‌ھە‌تتىن پايدىلىق.‏

ئۈمىدۋارلىق،‏ ئۈمىدسىزلىك ۋە ھاياتىڭىز

تە‌تقىقاتچىلار ئىجابىي كە‌يپىياتنىڭ ئۈمىدۋار كىشىلە‌رگە كۆپ جە‌ھە‌تتىن پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.‏ ئادە‌تتە شۇ‌نداق كىشىلە‌ر مە‌كتە‌پتە،‏ ئىشتا ھە‌تتا تە‌نتە‌ربىيە ساھە‌لىرىدە نە‌تىجە قازىنالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يېنىك ئاتلېتىكا بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىدىغان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا بىر تە‌تقىقات ئېلىپ بارغانىدى.‏ ترېنېرلىرى ھە‌ربىر ئايالنىڭ قابىلىيە‌تلىرىنى تە‌پسىلىي باھالاپ چىققان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ تە‌تقىقاتچىلار ئۆزلىرى ھە‌م شۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا تە‌كشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈمىدۋارلىق دە‌رىجىسىگە باھا بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىلە‌ر شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ ئاياللارنىڭ ئۈمىدۋارلىق دە‌رىجىسى ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌سابىقىدە مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىش-‏ئېرىشە‌لمە‌سلىكىگە كۆپرە‌ك تە‌سىر قىلغان.‏ بۇ ترېنېرلارنىڭ ستاتىستىكا مە‌لۇ‌ماتلىرىدىن كۆپ پە‌رقلىق بولۇ‌پ چىققان.‏ خوش،‏ نېمە ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ تە‌سىر كۈچى شۇ‌نچە چوڭ؟‏

تە‌تقىقاتچىلار ئۈمىدۋارلىقنىڭ قارمۇ-‏قارشىلىقى بولغان ئۈمىدسىزلىك ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارنى ئاشكارە قىلدى.‏ ھايۋاناتلارنىڭ ھە‌رىكە‌تلىرىگە قارىتا قىلىنغان بىر ئىزدىنىش نە‌تىجىسىدە،‏ 1960-‏يىللاردا «ئادە‌تلە‌نگە‌ن ئاجىزلىق» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە پە‌يدا بولدى.‏ تە‌تقىقاتچىلار شۇ‌نى ئېچىپ بە‌رگە‌نكى،‏ ئادە‌ملە‌رمۇ بۇ ئونىۋېرسال كېسە‌للىك ئالامىتىنىڭ بىر تۈرىدىن ئازاب چېكىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر تە‌تقىقاتقا قاتنىشىۋاتقان كىشىلە‌رگە يېقىمسىز شاۋقۇ‌ن ئاۋازنى قويۇ‌پ بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌لارغا مە‌لۇ‌م تە‌رتىپ بويىچە كونوپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق شۇ شاۋقۇ‌ننى ئۆچۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار شاۋقۇ‌ننى ئۆچۈرە‌لىگە‌ن.‏

باشقا بىر توپتىكى كىشىلە‌رگىمۇ ئوخشاش نە‌رسىنى ئېيتقان.‏ بىراق،‏ كونوپكىلارنى باسقاندا يېقىمسىز شاۋقۇ‌ن توختىمىغان.‏ بۇ توپتىكى كۆپىنچە كىشىلە‌ر ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈشكە باشلىدى.‏ ئۆتكۈزۈلگە‌ن كېيىنكى سىناقلار جە‌ريانىدا ئۇ‌لار ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ئىككىلە‌نگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌لار مە‌يلى قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلايلى،‏ ھېچ نېمە ئۆزگە‌رمە‌يدۇ،‏ دېگە‌ن ئوي-‏پىكىرگە كە‌لگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ توپتىكى ئۈمىدۋار كىشىلە‌ر ھە‌تتا ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئۆزلىرىگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويمىغان.‏

يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىزدىنىشلە‌رنى تە‌ييارلاشتا ياردە‌م بە‌رگە‌ن دوختۇ‌ر مارتىن سېلىگمان ئۈمىدۋارلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى تە‌تقىق قىلىشقا ھاياتنى بېغىشلىغانىدى.‏ ئۇ ئۆزىنى ئۈمىدسىز دە‌پ ئويلاشقا مايىل بولغان كىشىلە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزىنى تە‌پسىلىي تە‌تقىق قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ‌نداق ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزىگە ئىگە بولغان كىشىلە‌ر ھاياتىدا كۆپلىگە‌ن قىزىقارلىق ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانمىغان،‏ ھە‌تتا پائالىيە‌تسىز بولۇ‌پ قالغان.‏ سېلىگمان يە‌كۈنلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يىگىرمە بە‌ش يىللىق ئىزدىنىشىمنىڭ نە‌تىجىسىدە شۇ‌نىڭغا كۆزۈم يە‌تتىكى،‏ ئە‌گە‌ر ئۈمىدسىز كىشىگە ئوخشاش ھېچقانداق ئىش قىلىش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلاشقا ئادە‌تلە‌نسە‌ك‏،‏ بۇ بارچە ئىشىمىزغا تە‌سىر قىلىدۇ ۋە ھە‌رقانداق ئىشتا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنالمايمىز.‏ بىراق،‏ ئە‌كسىچە ئويلىساق،‏ بە‌لكىم بۇ‌نداق بولمايدۇ».‏

يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش خۇ‌لاسىلە‌ر،‏ بۈگۈنكى كۈندە بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن يېڭى بىر ئوي-‏پىكىر ياكى بايقاشتە‌ك تۇ‌يۇ‌لىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېڭىلىق ئە‌مە‌س.‏ تۆۋە‌ندىكى ھېكمە‌تلىك سۆزلە‌رگە دىققە‌ت قىلىڭ:‏ «تە‌ڭلىك [ئېغىر] كۈنىدە جۈرئە‌تسىز بولساڭ،‏ ھېكمىتىڭنىڭ كە‌ملىكىدىن بولۇ‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏10‏)‏.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ چۈشكۈنلۈك ۋە ئۇ‌نىڭغا خاس بولغان سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌ر سىزنى ھە‌رىكە‌ت كۈچىڭىزدىن قالدۇ‌رىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېنىق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۈمىدسىزلىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىپ،‏ تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇ‌شنى خالىسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

‏[4،‏ 5-‏بە‌تتىكى سۈرە‌ت]‏

ئۈمىدۋار بولۇ‌شنىڭ پايدىسى كۆپ