مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئۈمىدسىزلىكنى يېڭە‌لە‌يسىز

ئۈمىدسىزلىكنى يېڭە‌لە‌يسىز

ئۈمىدسىزلىكنى يېڭە‌لە‌يسىز

مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ‌نىڭغا قانداق قارايسىز؟‏ كۆپ مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى سىزنىڭ ئۈمىدۋار ياكى ئۈمىدسىز ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئاشكارە قىلىدۇ.‏ ھە‌ربىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بە‌زىلە‌ر باشقىلارغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى كىشىلە‌ر بېشىغا كە‌لگە‌ن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ ئۈمىد ئۈزمە‌يدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ كىچىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىسىمۇ،‏ دە‌رھاللا ئۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى يوقىتىدۇ؟‏

سىز بىر ئىش ئىزدىدىڭىز دە‌يلى.‏ يۈزمۇ-‏يۈز كۆرۈشۈشكە بارىسىز،‏ بىراق سىزنى ئىشقا قوبۇ‌ل قىلمىدى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟‏ بۇ‌نى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ،‏ ئە‌سلى بۇ قىيىنچىلىق ھېچقاچان ھە‌ل بولمايدۇ،‏ دە‌پ ئۆز-‏ئۆزىڭىزگە:‏ «زادى كىم مېنى ئىشقا ئالىدۇ؟‏ مە‌ن ھېچقاچان ئىش تاپالمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئاشۇ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تسىزلىك ھاياتىڭىزغا ھە‌ممە تە‌رە‌پتىن تە‌سىر قىلىپ:‏ «قولۇ‌مدىن ھېچ ئىش كە‌لمە‌يدۇ.‏ ھېچكىمگە كېرىكىم يوق ئىكە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌ش ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشنىڭ ئاساسى سە‌ۋە‌بى بولىدۇ.‏

ئۈمىدسىزلىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش

ئۈمىدسىزلىك بىلە‌ن قانداق كۈرە‌ش قىلىشقا بولىدۇ؟‏ بىرىنچى مۇ‌ھىم قە‌دە‌م شۇ‌نداق سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئېنىقلاش.‏ كېيىنكى قە‌دە‌م ئۇ‌لار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش.‏ نېمە ئۈچۈن سىزنى ئىشقا ئالمىغانلىقىنى باشقا تە‌رە‌پتىن ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىشقا قوبۇ‌ل قىلىنمىغانلىقىڭىزنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ھېچ كىم سىزنى ئىشقا ئېلىشنى خالىمامدۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ ئىش بە‌رگۈچى باشقا شۇ خىزمە‌تتە كۆپرە‌ك تە‌جرىبىسى بار كىشىنى ئىزدە‌ۋاتامدۇ؟‏

ئېنىق سە‌ۋە‌بلە‌رنى ئۈستىدە ئويلىنىپ،‏ روھىڭىزنى چۈشۈرىدىغان سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئېنىقلىيالايسىز.‏ بىر قېتىم مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن قولۇ‌ڭىزدىن ھېچ ئىش كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ھاياتىڭىزنىڭ باشقا ساھە‌لىرىدە،‏ مە‌سىلە‌ن روھىي ئىشلاردا،‏ ئائىلىۋى ياكى دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتە ئېرىشكە‌ن مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىرىڭىز توغرىسىدا بىراز ئويلاپ بېقىڭ.‏ كېلە‌چە‌ك نېمە ئىش بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى قورقۇ‌نچلۇ‌ق پە‌رە‌زلىرىڭىزنى كاللىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاشنى ئۆگىنىڭ.‏ سىز ھېچقاچان ئىش تېپىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمە‌يسىزغۇ!‏ كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە،‏ سىزگىمۇ بىر ئىش تېپىلىپ قالار!‏ سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى يېڭىشنىڭ كۆپلىگە‌ن ئۇ‌سۇ‌للار بار.‏

ئىجابىي كۆزقاراش ۋە مە‌قسە‌تلە‌ر

يېقىنقى يىللاردا،‏ تە‌تقىقاتچىلار ئۈمىد چۈشە‌نچىسىگە قىزىقارلىق،‏ ئە‌مما تار ئېنىقلىما بە‌ردى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۈمىد مە‌قسە‌تلە‌رگە قول يە‌تكۈزە‌لە‌يمە‌ن،‏ دېگە‌ن ئىشە‌نچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ ئۈمىد ئە‌سلىدە بۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ لېكىن،‏ يۇ‌قىرىدا ئۈمىدكە بېرىلگە‌ن ئېنىقلىمىنى بىرنە‌چچە ۋە‌زىيە‌تتە قولىنىشقا ئە‌رزىيدۇ.‏ دىققىتىمىزنى بۇ‌نداق ئۈمىدلىرىمىزگە ئاغدۇ‌رساق،‏ ئىجابىي كۆزقاراشنى يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز ۋە مە‌قسە‌تلە‌رگە قول يە‌تكۈزۈشكە ئىنتىلىمىز.‏

مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنى ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ھېچقاچان شۇ‌نداق قىلمىغان بولسىڭىز،‏ ئالدىڭىزغا قويغان مە‌قسە‌تلىرىڭىز ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈشىڭىزگە ئە‌رزىيدۇ.‏ ئە‌سلى قانداقتۇ بىر مە‌قسە‌تلىرىڭىز بارمۇ؟‏ ھاياتىمىز بە‌ك ئاسانلا بىر قېلىپقا چۈشۈپ قېلىشى ۋە غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌رگە بېرىلىپ كېتىپ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ھاياتتا زادى نېمىلە‌رنى قىلماقچى ئىدۇ‌ق ۋە بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش نېمە ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌ھىم مە‌قسە‌تلە‌رنى ئېنىقلاشقا قارىتا،‏ ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌ت بېرىلگە‌نلىكىنى تاپالايمىز.‏ ئۇ يە‌ردە مۇ‌ھىمراق نە‌رسىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭ دېيىلگە‌ن (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏10‏)‏.‏

نېمە مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلىساق،‏ ھاياتىمىزنىڭ تۈرلۈك ساھە‌سىدە،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشتا،‏ ئائىلىمىزدە ۋە كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا مۇ‌ھىم مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ئاسانراق بولىدۇ.‏ باشتا ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ قول يە‌تكۈزە‌لە‌يدىغان مە‌قسە‌تلە‌رنى قويالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر كۆزلىگە‌ن مە‌قسىتىمىزگە يېتىش ئىنتايىن قىيىن بولسا،‏ قىزغىنلىقىمىز سوۋۇ‌پ،‏ بە‌ل قويۇ‌ۋېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ۋاقىتنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان قىيىن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ قىسقا ۋە ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە يېتىشكە بولىدىغان مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ئە‌ۋزە‌ل.‏

‏«خاھىش بار بولسا،‏ ئىمكان تېپىلىدۇ»،‏ دېگە‌ن كونا ماقال بىر ھە‌قىقە‌تنى ئاشكارە قىلىدۇ.‏ ئاساسىي مە‌قسە‌تلىرىمىزنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارغا قول يە‌تكۈزۈشكە بە‌ل باغلىشىمىز لازىم.‏ مە‌قسە‌تلىرىمىزنىڭ مۇ‌ھىملىقى ۋە ئۇ‌لارغا يېتىش قانداق مۇ‌كاپاتلارغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ ئىرادىمىز كۈچىيىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە توسالغۇ‌لار پە‌يدا بولىدۇ.‏ بىراق،‏ مانا ئە‌مدى ئامال يوق،‏ دە‌پ قاراشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارنى يېڭە‌لە‌يمە‌ن،‏ دە‌پ قارىشىمىز كېرە‌ك.‏

ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌قسە‌تلىرىمىزگە يېتىشنىڭ ئە‌مە‌لىي يوللىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۈمىدنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌تقىق قىلغان رىك سنايدېر مە‌قسە‌تكە يېتىشنىڭ بىرنە‌چچە يوللىرىنى ئىزدە‌ش كېرە‌ك،‏ دە‌پ مە‌سلىھە‌ت بە‌ردى.‏ ئە‌گە‌ر بىرىنچىسى ياردە‌م بە‌رمىسە،‏ ئىككىنچىسى،‏ ئۈچىنچىسى ۋە باشقىلىرىنى قوللانساق بولىدۇ.‏

شۇ‌نداقلا سنايدېر بىر مە‌قسە‌تنى باشقا مە‌قسە‌تكە ئالماشتۇ‌رۇ‌شنى ئۆگىنىشنى تە‌ۋسىيە قىلغان.‏ ئە‌گە‌ر مە‌قسىتىمىزگە يېتىشنىڭ يولى يېپىلغان بولسا،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە بېرىلىپ،‏ روھىمىز چۈشىدۇ.‏ بىراق،‏ قىيىن مە‌قسە‌تنى قولىمىزدىن كېلىدىغان باشقا مە‌قسە‌تكە ئالماشتۇ‌رساق،‏ ئۈمىد ئۈچۈن ئاساس پە‌يدا بولىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر مىسال بۇ ئوي-‏پىكىرنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پادىشاھ داۋۇ‌ت ياراتقۇ‌چىسى يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن بىر ئىبادە‌تخانا سېلىشنى مە‌قسە‌ت قىلغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئىبادە‌تخانا سېلىش شان-‏شە‌رىپىنى نى ئوغلى سۇ‌لايمانغا بېرىدىغانلىقىنى داۋۇ‌تقا ئېيتقان.‏ داۋۇ‌ت بولسا،‏ بۇ‌نى ئاڭلاپ،‏ ئۆزى دېگە‌ن سۆزىدە تۇ‌رۇ‌ۋالماي،‏ ئۆز مە‌قسە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن ئىدى.‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتىكى ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن مە‌بلە‌غ ۋە ماتېرىياللارنى يىغىشقا بار كۈچىنى چىقىرىپ،‏ ئۆز ئوغلى سۇ‌لايمانغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏1-‏پادىشاھلار 8:‏17—‏19؛‏ 1-‏تارىخنامە 29:‏3—‏7‏)‏.‏

ئۈمىدسىزلىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش،‏ ئىجابىي كۆزقاراشنى يېتىلدۈرۈش كۆزلىگە‌ن مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدە كۈچلۈك ئۈمىدنى تۇ‌رغۇ‌زغان بولسىڭىزمۇ،‏ بۇ‌نىڭ ئۆزى يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بىز بۇ دۇ‌نيادا ئۇ‌چراۋاتقان ئۈمىدسىزلىك،‏ كۆپىنچە ۋاقىتتا بىزگە باغلىق ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كە‌مبە‌غە‌للىك،‏ ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ ئادالە‌تسىزلىك،‏ قورقۇ‌نچلۇ‌ق كېسە‌للىكلە‌ر ھە‌م ئۆلۈم قاتارلىق تۈرلۈك تاقابىل تۇ‌رغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۈمىدۋارلىق بىلە‌ن ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاپ قېلىش مۇ‌مكىنمۇ؟‏

‏[7-‏بە‌تتىكى سۈرە‌ت]‏

ئە‌گە‌ر كىرمە‌كچى بولغان ئىشقا سىزنى قوبۇ‌ل قىلمىسا،‏ ئە‌مدى ھېچ قاچان ئىش تاپالمايمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلامسىز؟‏

‏[8-‏بە‌تتىكى سۈرە‌ت]‏

پادىشاھ داۋۇ‌ت مە‌قسە‌تلە‌رنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە ماسلاشقان ئىدى