ھەقىقىي ئۈمىدنى قەيەردىن تاپالايسىز؟
ھەقىقىي ئۈمىدنى قەيەردىن تاپالايسىز؟
سائىتىڭىزنى توختاپ قالدى دەيلى. ئۇنى ياسىتىشقا توغرا كېلىپ، قارىسىڭىز سائەت ياسايدىغانلار كۆپ بولغاچ، ئەڭ ياخشىسىنى تاللاشقا دۇچ كەلدىڭىز. سائەت رېمونت قىلىش ئېلانلىرى شۇنچە كۆپ ئىدىكى، بەزىلىرى ئىشەنچىلىكتەك كۆرۈنەتتى، باشقىلىرى بولسا ئانچە ئەمەس. بىراق، سىز ئۆز قوشنىڭىزنىڭ ماھىر ئۇستا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ بىرنەچچە يىل بۇرۇن دەل بۇ خىل سائەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى لايھىلىگەنلىكىنى بىلدىڭىز. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇ سىزگە ھەقسىز ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمدى كىمنى تاللايدىغانلىقىڭىز ئېنىق بولدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ھازىر شۇ سائەت بىلەن ئۈمىد قىلىش قابىلىيىتىنى سېلىشتۇرۇڭ. غەم-تەشۋىشلەرگە تولغان دۇنيادا ياشاۋاتقان كۆپ كىشىلەرگە ئوخشاش ئۈمىدىڭىزنى ئۈزگەن بولسىڭىز، قەيەردىن ياردەم سورىيالايسىز؟ نۇرغۇن كىشىلەر قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالايمىز، دېيىشىدۇ. لېكىن، بىزنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان، ھەتتا زىددىيەتلىك تۈگىمەس مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئەڭ ئاۋۋال ئىنسانلارنى ئۈمىد قىلىش قابىلىيىتى بىلەن ياراتقان زاتقا مۇراجىئەت قىلساق بولمامدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا خۇدا توغرىسىدا: «ئۇ ئۆزى ھەربىرىمىزدىن يىراق ئەمەستۇر»،— دەپ يېزىلغان (ئەلچىلەر 17:27؛ 1-پېترۇس 5:7).
ئۈمىدنىڭ چوڭقۇر مەنىسى
مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد چۈشەنچىسى بۈگۈنكى دوختۇرلار، پسىخولوگلار ۋە ئالىملار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان چۈشەنچىگە قارىغاندا، كەڭرەك ۋە چوڭقۇرراق. مۇقەددەس كىتابتىكى «ئۈمىد» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزلەر ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈش ۋە ياخشىلىققا تەلپۈنۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۈمىد ئىككى مەنىگە ئىگە. بۇ بىرەر ياخشى نەرسىگە ئېرىشىش ئىستىكىنى ۋە شۇ ياخشى نەرسىگە ئېرىشىشكە ئىشىنىشنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغان ئۈمىد _ ئۇ پەقەتلا خام خىيال ئەمەس، بەلكى ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان.
شۇنداق ئىكەن، ئۈمىد خۇددى ئىمان-ئېتىقادقا ئوخشاش دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە خام خىيالغا ئەگەشمەيدۇ. (ئىبرانىيلار 11:1). بىراق، مۇقەددەس كىتابتا ئىمان-ئېتىقاد بىلەن ئۈمىدنىڭ پەرقى كۆرسىتىلگەن (1-كورىنتلىقلار 13:13).
بۇ پەرقنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇنداق ۋەزىيەتنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. يېقىن دوستىڭىزدىن ياردەم سورىدىڭىز ۋە ئۇنى ياردەم بېرىدۇ دەپ ئۈمىد قىلدىڭىز. سىزنىڭ ئۇنىڭغا شۇنداق ئۈمىد باغلىغىنىڭىزنىڭ ئاساسى بار. چۈنكى، سىز ئۇنى ياخشى تونۇيسىز، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى ۋە مەردلىكىنى بىلگەچ، دوستىڭىزغا ئىشەنچ قىلىسىز. ئىشەنچىڭىز ۋە ئۈمىدىڭىز بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلانغان. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. سىز خۇداغىمۇ شۇنداق ئۈمىد باغلىيالامسىز؟
ئۈمىد ئۈچۈن ئاساس
خۇدا ھەقىقىي ئۈمىدنىڭ مەنبەسىدۇر. قەدىمدە، يەھۋا «ئىسرائىلنىڭ ئۈمىدى» دەپ ئاتالغان (يەرەمىيا 14:8). ئۇنىڭ خەلقىنىڭ بارچە ئىشەنچىلىك ئۈمىدى خۇدادىن كەلگەن. ئېنىقكى، تەڭرى يەھۋا ئۇلارنىڭ ئۈمىدى بولغان. بۇنداق ئۈمىد پەقەت ئارزۇ-ئارمان بولۇپ قالماي، بەلكى مۇستەھكەم ئۇل-ئاساسقا ئاساسلانغان. خۇدا ئەسىرلەر بويى ئۆز خەلقى بىلەن ئالاقە قىلىپ، بىر قاتار ۋەدىلەرنى بېرىپ، شۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەن. ئىسرائىل خەلقىنىڭ يولباشچىسى بولغان يەشۇئا مۇنداق دېگەن: «خۇداۋەندە سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋەدە قىلغان ھەممە ياخشىلىقىدىن ھېچبىرى زايە بولماي، بەلكى ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن بەجا كېلىپ، ھېچنېمە يەرگە چۈشمىدى» (يەشۇئا 23:14).
نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ھەممىگە قادىر ئاللا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاشۇ ۋەدىلەر تا ھازىرغىچە ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. تارىخىي ماتېرىياللارمۇ مۇقەددەس كىتابتىكى خۇدا بەرگەن ئاجايىپ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خۇدانىڭ بېشارەت قىلغان ۋەدىلىرى شۇنچىلىك ئىشەنچىلىككى، ھەتتا ئۇلار بېشارەت قىلغاندا، خۇددى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغاندەك يېزىلغان.
شۇ سەۋەبتىن، مۇقەددەس يازمىلارنى ئۈمىد بېرىدىغان كىتاب دەپ ئېيتساق بولىدۇ. خۇدانىڭ ئىسانلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى تەتقىق قىلسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاشقا قارىتا سەۋەبلىرىڭىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «قەدىمدە يېزىلغان بارچە نەرسىلەر بىزگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن يېزىلغاندۇر، شۇ سەۋەب سەۋر-تاقىتىمىز ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىن ئالغان تەسەللي بىزگە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ» (رىملىقلار 15:4، ي.د).
خۇدا بىزگە قانداق ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ؟
بىز بولۇپمۇ قاچان ئۈمىدكە ئەڭ مۇھتاج بولىمىز؟ يېقىنىمىز ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەندە، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن، كۆپ كىشىلەر شۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ ئۈمىد ھەققىدە كەمدىن-كەم ئويلايدۇ. ئۆلۈمدىن باشقا يەنە دەھشەتلىكرەك نەرسە بارمۇ؟ ئۆلۈمدىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ. بىز پەقەت مەلۇم بىر مەزگىل ئۇنىڭدىن يىراق تۇرالىشىمىز مۇمكىن، ئەمما قارشى تۇرۇشقا يەنىلا ئاجىز كېلىمىز. مۇقەددەس كىتابتا ئۆلۈمنى «ئاخىرقى دۈشمەن» دەپ ئاتالغان (1-كورىنتلىقلار 15:26)
ھايات-مامات مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، قەيەردىن ئۈمىد تاپالايمىز؟ ئۆلۈم ئاخىرقى دۈشمەن دەپ تىلغا ئېلىنغان ئايەتتە، يەنە ئۇ دۈشمەننىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقىمۇ ئېيتىلغان. ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆلۈمدىن كۈچلۈكرەك. ئۇ بۇنى كۆپلىگەن ۋەزىيەتلەردە ئىسپاتلىغان. قانداق قىلىپ؟ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق بۇنى تەستىقلىغان. مۇقەددەس كىتابتا، خۇدا ئۆز كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى توققۇز ۋەزىيەت بايان قىلىنغان.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، يەھۋا مەسىھ ئەيساغا ئۆلگىنىگە تۆت كۈن بولغان يېقىن دوستى لازارنى تىرىلدۈرۈش كۈچىنى بەرگەن. ئەيسا ئۇنى يوشۇرۇن ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تىرىلدۈرگەن (يۇھاننا 11:38—48، 53؛ 12:9، 10).
بەلكىم، سىز: «ئاشۇ ئادەملەرنى تىرىلدۈرگەننىڭ نېمە پايدىسى بولدى؟ ئاخىرى ئۇلار ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟»— دەپ ئەجەبلىنىۋاتقانسىز. شۇنداق، ئۇلار ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما، شۇ يېزىلغان تىرىلىش ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك بايانلار بولغاچ، ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنىڭ تىرىلىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلالىدۇق ۋە كەلگۈسىدە شۇلارنىڭ ھەقىقەتەن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ باغلاشقا يېتەرلىك ئاساسىمىز بار بولدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بىز ھەقىقىي ئۈمىدكە ئىگە.
ئەيسا پەيغەمبەر: «قىيامەت [تىرىلىش] ۋە تىرىكلىك مەن ئۆزۈمدۇرمەن»،— دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 11:25). ياراتقۇچى يەھۋا پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈش كۈچىنى ھەزرىتى ئەيساغا بېرىدۇ. ئەيسا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «گۆرلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ [مەسىھنىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلەر» (يۇھاننا 5:28، 29). ئېنىقكى، ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدىكى جەننەتتە تىرىلىدۇ.
يەشايا پەيغەمبەر تىرىلىشنى گۈزەل سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن: «سېنىڭ ئۆلگەنلىرىڭ ياشايدۇ. ماڭا مەنسۈپ جەسەتلەر تۇرىدۇ. ئەي، توپىدا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شات-خوراملىققا چۆمۈڭلار! شەبنىمىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك، يەر كۈچسىز ئۆلگەنلەرنى ياشاش ئۈچۈن قايتۇرىدۇ.» (يەشايا 26:19).
بۇ ۋەدە تەسەللى بېرىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بوۋاق خۇددى ئانىنىڭ قوسىقىدا ھىمايە قىلىنغانغا ئوخشاش، ئۆلگەنلەرمۇ ئەڭ بېخەتەر جايدا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا بولغانلار ھەممىگە قادىر ئاللانىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ خاتىرىسى چەكسىزدۇر (لۇقا 20:37، 38). خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە تەقەززالىق بىلەن يېڭى تۇغۇلىدىغان بوۋاقنى قارشى ئالغاندەك، پات-ئارىدا شاد-خۇراملىققا تولغان دۇنيادا ئۆلگەنلەر قايتا ھاياتقا قايتقاندا، ئۇلارنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز! شۇنداق ئىكەن، ھەتتا ئۆلۈمگە دۇچ كەلسەممۇ، بىز ئۈچۈن ئۈمىد بار.
ئۈمىدنىڭ ئۈچۈن پايدىسى بار
ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئۈمىدنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا كۆپ نەرسىنى بىلەلەيمىز. پاۋلۇس ئۇنى دۇبۇلغا بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ روھىي قورال-ياراقلارنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان (1-سالونىكالىقلار 5:8). ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟ قەدىمدە جەڭچى تۆمۈردىن ياسالغان دۇبۇلغىنىڭ ئىچىگە كىگىز ياكى تېرىدىن تىكىلگەن تۇماقنى قاپلاپ، بېشىغا كىيىپ جەڭگە قاتناشقان. دۇبۇلغا ئەسكەرنىڭ بېشىنى ئېغىر زەخمىلىنىش ۋە ئۆلۈمدىن قوغداپ قالالىغان. شۇڭا، پاۋلۇس دۇبۇلغا ئەسكەرنىڭ بېشىنى ھىمايە قىلغاندەك، ئۈمىدىمىز بىزنىڭ ئەقلىمىز، يەنى ئوي-پىكىرلىرىمىزنى ھىمايە قىلىدۇ دېمەكچى بولغان. ئەگەر سىز خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس مۇستەھكەم ئۈمىدكە ئىگە بولسىڭىز، بېشىڭىزغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە، ۋەھىمىگە ياكى ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ قالمايسىز. قايسىمىز شۇنداق دۇبۇلغىغا مۇھتاج ئەمەس؟!
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن باغلانغان ئۈمىد ھەققىدە، پاۋلۇس يەنە بىر مىسالنى كەلتۈرۈپ: «شۇ ئۈمىد جېنىمىزنىڭ مەھكەم ۋە سابىت لەڭگىرى» دېگەن (ئىبرانىيلار 6:19). بىرنەچچە قېتىم كېمە ھادىسىگە ئۇچراپ، ئامان قالغان پاۋلۇس لەڭگەرنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگەن. ئادەتتە دېڭىزچىلار بوران-چاپقۇن ۋاقتىدا، لەڭگەرنى سۇغا تاشلايدۇ. ئەگەر ئۇ دېڭىز ئاستىغا يېتىپ، مەھكەم بىر نەرسىگە ئىلىشسا، كېمە بوران-چاپقۇندا چايقىلىپ، دېڭىز قىرغىقى ياكى خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە بولغان ئۈمىدىمىز مۇستەھكەم ۋە ئىشەنچىمىز كۈچلۈك بولسا، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىشمىزگە ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا ۋەدە قىلغاندەك، پات-يېقىدا ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇرۇشلار، جىنايەت، ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ھەتتا ئۆلۈم بولمايدۇ («ئۈمىد ئۈچۈن سەۋەبلەر» ناملىق رامكىغا قاراڭ). ئۈمىد لەڭگەرگە ئوخشاش، ھاياتىمىزدىكى بوران-چاپقۇن كەبى ئېغىر كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بۇ دۇنيادا كەڭ تارقالغان تەرتىپسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىققا قارشى تۇرۇپ، خۇدانىڭ تەلەپ-ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ.
يەھۋا ئاتا قىلغان ئۈمىدنىڭ سىز ئۈچۈن پايدىسى بار ئۇ سىزنىڭ ئۆزى ئىرادە قىلغاندەك ھايات كەچۈرۈشىڭىزنى خالايدۇ. خۇدا «ھەممە ئادەملەرنىڭ نىجات تېپىپ» قۇتقۇزۇلۇشىنى خالايدۇ. قانداق قۇتقۇزۇلىدۇ؟ ئاۋۋال، ھەر بىر كىشى ھەقىقەتنىڭ توغرا بىلىمىگە ئىگە بولۇشى كېرەك (1-تىموتىي 2:4). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىزنى خۇدا سۆزىگە ئاساسلانغان، ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان بىلىمنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق خۇدا ئاتا قىلىدىغان ئۈمىد، بۇ دۇنيا بېرىدىغان ھەرقانداق ئۈمىدتىن ئالاھىدە ئۈستۈندۇر.
شۇنداق ئۈمىدكە ئېرىشسەك، ھېچقاچان ئۆزىمىزنى ئۈمىدسىز ھېس قىلمايمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس ھەرقانداق مەقسەتلەرگە يېتىشىڭىز ئۈچۈن، ئۇ سىزگە كۈچ بېرەلەيدۇ (2-كورىنتلىقلار 4:7؛ فىلىپىلىكلەر 4:13). بۇنداق ئۈمىدنىڭ بولۇشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا بەل قويۇۋەتمەي ئىزدەنسىڭىز، چوقۇم ھەقىقىي ئۈمىدنى تاپالايسىز!
[10-بەتتىكىرامكا\سۈرەت]
ئۈمىد ئۈچۈن ئاساسلار
مۇقەددەس كىتابتىكى ئوي-پىكىرلەر ئۈمىدىڭىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدۇ:
◼خۇدا بەختلىك كېلەچەكنى ۋەدە بېرىدۇ.
ئۇنىڭ سۆزىدە، پۈتۈن يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىپ، ئىنسانلار بەختلىك ۋە ئىناق-ئىتتىپاق بىر ئائىلە بولۇپ ياشايدىغانلىقى ئېيتىلغان (زەبۇر 37:11، 29؛ يەشايا 25:8؛ ۋەھىي 21:3، 4).
◼خۇدا يالغان ئېيتمايدۇ.
ئۇ يالغانچىلىقنىڭ ھەرقانداق تۈرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. يەھۋا پۈتۈنلەي پاك ۋە مۇقەددەستۇر. شۇڭا، ئۇ يالغانچىلىق قىلالمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 6:16—19؛ يەشايا 6:2، 3؛ تىتۇس 1:2؛ ئىبرانىيلار 6:18).
◼خۇدا چەكسىز كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە.
پەقەت يەھۋا ئۆزى ھەممىگە قادىر خۇدادۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا كائىناتتىكى ھېچقانداق نەرسە توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ (چىقىش 15:11؛ يەشايا 40:25، 26).
◼خۇدا مەڭگۈ ياشىشىڭىزنى خالايدۇ.
(يۇھاننا 3:16؛ 1-تىموتىي 2:3، 4).
◼خۇدا بىزگە ئۈمىد كۆزلىرى بىلەن قارايدۇ.
خۇدا كەمچىلىكلىرىمىز ۋە خاتالىقلىرىمىزغا ئەمەس، بەلكى ئېسىل پەزىلەتلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە دىققەت ئاغدۇرىدۇ (زەبۇر 103:12—14؛ 130:3؛ ئىبرانىيلار 6:10). تەڭرى ھەقىقەت يولدا مېڭىشىمىزنى ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 27:11).
◼خۇدا روھىي مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنى ئاجىز ھېس قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى، خۇدا بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ مۇقەددەس روھىنى مەردلىك بىلەن بېرىدۇ (فىلىپىلىكلەر 4:13).
◼خۇداغا ئۈمىد باغلاپ، ھېچقاچان پۇشايمان قىلمايسىز.
ئاللاغا تايىنىپ، ئىشەنچ باغلاڭ. ئۇ سىزنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ (زەبۇر 25:3).
[12-بەتتىكى سۈرەت]
دۇبۇلغا باشنى قوغدىغاندەك، ئۈمىد ئەقلىمىزنى قوغدايدۇ
[12-بەتتىكى سۈرەت]
لەڭگەرگە ئوخشاش، مۇستەھكەم ئۈمىد بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ
[رەسىم رۇخسىتى بىلەن]
Courtesy René Seindal/Su concessione del Museo Archeologico Regionale A. Salinas di Palermo