مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ

ۋاقىتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

ۋاقىتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

‏«ئە‌گە‌ر تېخىمۇ كۆپرە‌ك ۋاقتىم بولغان بولسىچۇ؟‏» سىز بۇ‌نى قانچە قېتىم ئېيتتىڭىز؟‏ مە‌لۇ‌م مە‌نىدىن ئېيتقاندا،‏ مە‌يلى ھوقۇ‌قدارلار،‏ بايلار،‏ كە‌مبە‌غە‌للە‌ر ياكى ئاددىي كىشىلە‌ر بولسۇ‌ن،‏ ۋاقىت ھە‌ممىسى ئۈچۈن ئوخشاش.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ بايلار ياكى كە‌مبە‌غە‌للە‌ر بولسۇ‌ن،‏ ھېچكىم ۋاقىتنى توپلىيالمايدۇ.‏ ئۆتۈپ كە‌تكە‌ن ۋاقىتنى قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىشنىڭ ھېچقانداق ئامالى يوق.‏ شۇ‌ڭا،‏ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش دانالىقتۇ‌ر.‏ قانداق قىلىپ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن تۆت مە‌سلىھە‌تنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

1-‏مە‌سلىھە‌ت:‏ تە‌رتىپ-‏ئىنتىزاملىق بولۇ‌ش

نېمىنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئېنىقلاڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قايسى نە‌رسىنىڭ مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌ت بار (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏10‏)‏.‏ مۇ‌ھىم ۋە جىددىي ئىشلارنىڭ تىزىملاپ قويۇ‌ڭ.‏ بىراق شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاڭكى،‏ مە‌سىلە‌ن كە‌چلىك تاماق ئۈچۈن يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌رنى سېتىۋېلىش دائىم جىددىي بىر ئىش بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ جىددىي بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن ئىشلار بولسا،‏ مە‌سىلە‌ن ياقتۇ‌رۇ‌پ كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى باشلايدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈش مۇ‌ھىم بولماسلىقى كېرە‌ك.‏

ئالدىن-‏ئالا پىلانلاش.‏ «كىشى گال بولغان تۆمۈر ئە‌سۋاپنى ئىتتىك قىلمىسا،‏ چوڭراق كۈچ ئىشلە‌تمە‌ك لازىم كېلە‌دۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 10:‏10‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ خۇ‌ددى ئۆز ئىشىنى باشلاشتىن ئاۋۋال پالتىسىنى بىلىگە‌ن ئىشچىغا ئوخشاش،‏ ئىشلىرىڭىزنى ئالدىن-‏ئالا پىلانلىسىڭىز،‏ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈكرە‌ك پايدىلىنالايسىز.‏ ۋاقىت ۋە كۈچنى ئىسراپ قىلىدىغان ئە‌ھمىيە‌تسىز ئىشلارنى كېيىنگە قالدۇ‌رۇ‌ڭ ياكى باشلىماڭ.‏ ئىشىڭىزنى مۇ‌ددە‌تتىن بۇ‌رۇ‌ن پۈتۈرۈپ،‏ بوش ۋاقتىڭىز قالغان بولسا،‏ كېيىنگە قالدۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى قىلىڭ.‏ سىز ئۆز ۋاقتىدا پالتىسىنى بىلىگە‌ن ئىشچىغا ئوخشاش،‏ ئىشلىرىڭىزنى ئالدىن-‏ئالا پىلانلاپ قويسىڭىز،‏ ئۇ‌لارنى ئۈنۈملۈكرە‌ك قىلالايسىز.‏

ھاياتىڭىزنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ كۆپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئە‌ھمىيە‌تسىز ئىشلارغا «ياق» دېيىشنى ئۆگىنىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كۆپ ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈش ئادە‌منى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سېلىپ،‏ خۇ‌شاللىقتىن مە‌ھرۇ‌م قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

2-‏مە‌سلىھە‌ت:‏ ۋاقىتنى ئوغۇ‌رلايدىغان ئىشتىن قېچىڭ

كېيىنرە‌ك قىلىشقا قالدۇ‌رۇ‌ش ۋە ئىككىلىنىش.‏ «شامالغا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت تېرىماس ۋە بۇ‌لۇ‌تقا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت ئورىماس» (‏ۋە‌ز 11:‏4‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئىشنى كېيىنرە‌ك قىلىشقا قالدۇ‌رۇ‌ش ئادىتى ۋاقىتنى ئوغۇ‌رلايدۇ ۋە ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشۈرىدۇ.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاۋا رايىنى كۈتىدىغان دېھقان ھېچقاچان تېرىمايدۇ ھە‌م ھوسۇ‌لمۇ يىغالمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھاياتىمىزدا تۇ‌راقسىزلىقلار ۋە ئېنىقسىزلىقلار كۆپ بولغاچ،‏ بىز ئىككىلىنىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ بارچە كېرە‌كلىك مە‌لۇ‌ماتلارنى يىغىپ بولمىغۇ‌چە قارار چىقىرىشنى كە‌ينىگە سۈرۈپ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «ئە‌خمە‌ق ئادە‌م ھە‌ر سۆزگە ئىشىنە‌ر،‏ لېكىن ھوشىيار ئادە‌م ئۆز رە‌فتارىنى [قە‌دىمىنى] ئويلايدۇ‌ر» دېگە‌ن سۆزلە‌ر ئە‌قىلگە بە‌ك مۇ‌ۋاپىق (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏15‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ كۆپ قارارلارنى چىقارغاندا،‏ نە‌تجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا بىلە‌لمە‌يمىز (‏ۋە‌ز 11:‏6‏)‏.‏

ھە‌ممە ئىشلاردا مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى تە‌لە‌پ قىلىش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «يۇ‌قىرىدىن چۈشكە‌ن دانالىق .‏.‏.‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 3:‏17‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يۇ‌قىرى ئۆلچە‌ملە‌رنى قويۇ‌شنى ماختاشقا ئە‌رزىيدۇ!‏ لېكىن،‏ بە‌زىدە ئۆز ئىشىدا بە‌ك يۇ‌قىرى ئۆلچە‌منى يە‌نى مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ ئۇ ئۈمىدسىزلىككە،‏ ھە‌تتا مە‌غلۇ‌بىيە‌تكە دۇ‌چار بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باشقا تىلنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى خاتا سۆزلە‌شكە تە‌ييار بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ ئۆز خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالىدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان كىشى بىرە‌ر نە‌رسىنى خاتا سۆزلە‌پ قويۇ‌شتىن قورقىدۇ.‏ بۇ‌نداق كۆزقاراش مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشقا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئۆزۈمىزگە قارىتا كە‌متە‌ر بولۇ‌ش نە‌قە‌دە‌ر ياخشى،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏2-‏ئايە‌تتە [‏ي.‏د.‏‏]:‏ «كە‌متە‌رلە‌رگە بولسا دانالىق ھە‌مراھتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل ئادە‌ملە‌ر ئۆزىنى ھە‌ددىدىن زىيادە مۇ‌ھىم دە‌پ قارىمايدۇ،‏ ھە‌تتا ئۆزى ئۈستىدىن كۈلۈشى مۇ‌مكىن.‏

بىز بىر نە‌رسىنى سېتىۋالغاندا،‏ تۆلىگىنىمىز ئە‌سلىدە پۇ‌ل ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ۋاقىت.‏ (‏«‏What to Do Between Birth and Death‏»؛‏ ئىنگىلىزچە)‏.‏

3-‏مە‌سلىھە‌ت:‏ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاڭ.‏

ئىش ۋە دە‌م ئېلىشقا بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاڭ.‏ «ئارام بىلە‌ن تاپقان بىر چاڭگال نە‌رسە،‏ شامالنى قوغلاپ مۇ‌شە‌ققە‌ت بىلە‌ن تاپقان ئككى چاڭگال نە‌رسىدىن ياخشىدۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 4:‏6‏)‏.‏ ئادە‌تتە باش چۆكۈرۈۋېلىپ ئىشلە‌يدىغان كىشىلە‌ر «ئىككى قولدىكى جىق» نە‌رسىگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا «جاپالىق ئىشلە‌پ»،‏ مېۋىسىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشتىن مە‌ھرۇ‌م قالىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ پە‌قە‌ت ۋاقتى ھە‌م كۈچى قالمايدۇ.‏ ھورۇ‌نلار بولسا،‏ «ئىككى قولىنى» ئارام ئالدۇ‌رۇ‌شنى تاللاپ،‏ قىممە‌تلىك ۋاقىتنى بېكاردىن-‏بېكار ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاش،‏ تىرىشىپ ئە‌مگە‌ك قىلىش ۋە ئە‌مگىكىمىزنىڭ مېۋىسىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نداق خۇ‌شاللىق خۇ‌دانىڭ سوۋغىتى ياكى «خۇ‌دانىڭ بىر ھە‌دىيە‌سىدۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 5:‏19‏)‏.‏

ئۇ‌يقۇ‌نى قۇ‌ربان قىلماڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يازغۇ‌چىلىرىدىن بىرى:‏ «سالامە‌تلىكتە ]تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكتە[ يېتىپ ئۇ‌خلاي»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏زە‌بۇ‌ر 4:‏8‏)‏.‏ قۇ‌رامىغا يە‌تكە‌نلە‌ر كۆپىنچىسى جىسمانىي،‏ ھېسسىي ۋە ئە‌قلىي كۈچلىرىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن ھە‌ر كۈنى كە‌م دېگە‌ندە سە‌ككىز سائە‌ت ئۇ‌خلاشقا مۇ‌ھتاج.‏ ئۇ‌يقۇ‌نى تېجە‌شنىڭ ھاجىتى يوق،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ دىققە‌تنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە،‏ ئە‌ستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە ئە‌قلىي كۈچنى ئۇ‌رغۇ‌تىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌يقۇ يېتە‌رلىك بولمىسا،‏ ئۆگىنىشكە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىپ،‏ ھادىسىلە‌رنى،‏ خاتالىق ياكى ئاچچىقلىنىشنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدۇ.‏

يېتە‌لىگۈدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ.‏ «كۆز كۆرگە‌ن نە‌رسە جان ئارزۇ قىلغان نە‌رسىدىن ياخشىدۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 6:‏9‏)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە‌قىل-‏ئىدراكلىك كىشى خام-‏خىيال ياكى ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىنىڭ ھاياتىنى تىزگىنلىشىگە يول بە‌رمە‌يدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ ئېلانلارنىڭ ئازدۇ‌رۇ‌شىغا ئە‌گە‌شمە‌يدۇ ياكى ئاسانلا قە‌رز ئالمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ئۆزىدە بار نە‌رسىلە‌رگە رازى بولۇ‌پ قانائە‌تچان بولۇ‌شنى ئۆگىنىدۇ.‏

4-‏مە‌سلىھە‌ت:‏ قىممە‌ت قارىشىغا ئىگە بولۇ‌ڭ.‏

قىممە‌ت قاراشلىرىڭىز ئۈستىدە مۇ‌لاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ.‏ توغرا قىممە‌ت قارىشى نېمە ياخشى،‏ مۇ‌ھىم ۋە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىڭىزنى ئوقيانىڭ ئوقى دېسە‌ك،‏ قىممە‌ت قاراشلىرىڭىز ئۇ‌نىڭغا نىشاننى كۆرسىتىپ تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ توغرا قىممە‌ت قاراش ھاياتتا مۇ‌ھىمراق نە‌رسىلە‌رنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا ۋە ھە‌ر بىر كۈندىن ۋە ھە‌ر سائە‌ت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ توغرا قىممە‌ت قارىشىنى قە‌يە‌ردىن تېپىشقا بولىدۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چە‌كسىز دانالىقنىڭ مە‌نبە‌سى دە‌پ قاراپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن مە‌سلىھە‌ت ئىزدە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏6،‏ 7‏)‏.‏

سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھاياتىڭىزدا مۇ‌ھىم رول ئوينىسۇ‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ «كامىللىقنىڭ باغلانچىسى ]رىشتىسى[ بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كىيىڭلار» دە‌پ يېزىلغان (‏كولوسىلىقلار 3:‏14‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ئائىلىمىزدە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھۆكۈم سۈرمىسە،‏ بىز ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لمە‌يمىز.‏ بۇ‌نىڭغا پە‌رۋاسىزلىق قىلىپ،‏ مال-‏دۇ‌نيا ۋە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قوغلىشىدىغانلار ئە‌سلىدە بە‌خت ۋە خۇ‌شاللىقتىن مە‌ھرۇ‌م.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى نە‌چچە يۈز قېتىملاپ تىلغا ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئالاھىدە تە‌كىتلىگە‌ن (‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏1—‏3؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏)‏.‏

روھىي ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ جېف ئىسىملىك ئە‌ر كىشىنىڭ مېھرىبان ئايالى ۋە ئوماق ئىككى پە‌رزە‌نتى،‏ سادىق دوستلىرى بار ئىدى.‏ ئۇ جىددىي قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش خادىمى سۈپىتىدە مۇ‌كاپاتى ياخشى ئىشىنى قىلاتتى.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۆز ئىشىدا پات-‏پات ئۆلۈم ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى كۆرۈپ تۇ‌راتتى.‏ ئۇ:‏ «ھايات چوقۇ‌م شۇ‌نداق بولۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏»—‏دە‌پ ئۆز-‏ئۆزىدىن سورىغان.‏ بىر كۈنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌پ،‏ سوئاللىرىغا قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب تاپتى.‏

جېف ئالغان بىلىملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئايالى ۋە بالىلىرىغا ئېيتىپ بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارمۇ قىزىقىش كۆرسە‌تتى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلە ئە‌زالىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى ۋە مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈپ،‏ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگە‌ندى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۇ‌لارغا يە‌نە ئۆلۈم ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ردىن خالىي دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بە‌ردى (‏ۋە‌ھىي 21:‏3،‏ 4‏)‏.‏

جېفنىڭ مىسالى،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ:‏ «ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھتاجلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌نلە‌ر نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (‏مە‌تتا 5:‏3‏؛‏ ي.‏د.‏‏)‏.‏ سىزمۇ روھىي ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشقا تە‌ييارمۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ پۈتۈن ھاياتىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان دانالىققا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏