ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن
5. ئوچۇق سۆزلىشىش
دېگەن نېمە؟
ئوچۇق سۆزلىشىش ئاتا-ئانىسى ۋە بالىلىرى ئۆزئارا ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى ئوچۇق ئېيتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
ئاتا-ئانىلارغا ئۆز ئۆسمۈر بالىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، يېقىندىلا پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ قەلب ئىشىكى سىز ئۈچۈن ئوچۇق ئىدى. لېكىن، ئەمدى بولسا ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئىشىكىنى قانچە تاقىلداتسىڭىزمۇ، ئۇ ئېچىلمايۋاتىدۇ. بىراق قىزىقارلىق يېرى شۇكى، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۆسمۈر بالىلىرىڭىز مۇڭدىشىپ تۇرۇشىڭىزغا ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ.
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
مۇڭدىشىشقا تەييار تۇرۇڭ، ئىشىك ھەرقاچان ئېچىلىشى مۇمكىن. ھەتتا يېرىم كېچىدە سۆزلىشىشكە توغرا كەلسىمۇ، شۇنداق قىلىپ تۇرۇڭ.
«بەلكىم، سىز بالىڭىزغا: «مەن كۈن بويى سېنىڭ بىلەن بولدۇمغۇ. نېمە ئەمدىلىكتە گەپ قىلغۇڭ كېلىپ قالدىمۇ؟»— دېمەكچى بولىسىز. بىراق، پەرزەنتلىرىمىز بىزگە كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولغاندا، نارازىلىق بىلدۈرۈش توغرىمۇ؟» (لىزا).
«مەن ئەتىگەنرەك ئۇخلاشنى ياخشى كۆرۈمەن. بىراق، ئۆسمۈر بالىلىرىم بىلەن ئادەتتە يېرىم كېچىلەردە ياخشىراق مۇڭدىشالايمەن» (گېربېرت).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ھېچكىم ئۆز نەپىنى [مەنپەئىتىنى] ئىزدىمەي، بەلكى باشقىسىنىڭكىنى ئىزدىسۇن».—1-كورىنتلىقلار 10:24.
دىققىتىڭىز چېچىلمىسۇن. بىر ئاتا مۇنداق دەيدۇ: «گايىدا بالىلىرىم بىلەن پاراڭلاشقاندا، يەنە باشقا نەرسە ھەققىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىمەن. بىراق، بالىلىرىممۇ بۇنى بايقايدۇ».
ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، تېلېۋىزور ۋە باشقا تېلېفونغا ئوخشاش دەخلى قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆچۈرۈپ قويۇڭ. بالىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭ. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئانچە مۇھىم ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ گەپ قىلغاندا پۈتۈن دىققەت ئېتىبارىڭىزنى قارىتىڭ.
«بالىلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر شۇنداق قىلمىساق، ئۇلار بىزدىن ئۆزلىرىنى چەتكە تارتىشى ياكى باشقا جايدىن ياردەم ئىزدىشى مۇمكىن» (ماراندا).
«ھەتتا بالىڭىز ناتوغرا ئوي-پىكىرلەرنى ئېيتسىمۇ، ئارتۇقچە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى ئەيىبلىمەڭ» (ئانتونى).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «قانداق ئاڭلىغىنىڭلارغا سەپسېلىپ بېقىڭلار».—لۇقا 8:18.
پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش. بەزىدە بالا بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ سوئال-سوراق شەكلىدە پاراڭلاشقاندا، ئۇلار كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.
«بىز ماشىنىدا كېتىپ بېرىپ، سۆزلىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىمىز. يۈزمۇ-يۈز بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئولتارمىغاچ، ئۆز ئوي-پىكىرىمىزنى ئەركىن-ئازادە ئېيتالايمىز» (نىكول).
بىر داستىخاندا جەم بولۇش ئەركىن-ئازادە سۆزلىشىش ئۈچۈن يەنە بىر قولايلىق پۇرسەتنى يارىتىدۇ.
«كەچكى تاماق ئۈستىدە ھەربىرىمىز پاراڭ سېلىپ، بىر كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ياخشى-يامان ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىمىز. بۇ بىزنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە ھەتتا قىيىنچىلىقلارغا يالغۇز ئەمەس، يېقىن كىشىلىرىمىز بىلەن بىرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئەستىن چىقارماسلىققا ياردەم بېرىدۇ» (روبىن).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ھەر ئادەم ئاڭلىماقتا ئىتتىك، سۆز قىلىشتا ئېغىر ... بولسۇن».—ياقۇپ 1:19.