مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏قىسىم: يارىتىلشىتىن توپان سۈيى كەلگىچە

1-‏قىسىم: يارىتىلشىتىن توپان سۈيى كەلگىچە

ئاسمان ۋە يەر قانداق پەيدا بولغان؟ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارچە نەرسىلەر قەيەردىن كەلگەن؟ مۇقەددەس كىتاب جاۋاب بېرىپ:‏ ئۇلارنى خۇدا ياراتقان، دەيدۇ. شۇڭا، بۇ كىتابىمىز يارىتىلىش توغرىسىدىكى مۇقەددەس كىتاب ھېكايىسى بىلەن باشلىنىدۇ.

خۇدانىڭ تۇنجى بولۇپ ياراتقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش روھى شەخسلەر ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىمىز. يەنى ئۇلار پەرىشتىلەردۇر. بىراق، يەر شارى بىزگە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن يارىتىلغان ئىدى. شۇڭا، پەرۋەردىگار ئەر بىلەن ئايال، يەنى ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنى يارىتىپ، چىرايلىق بىر باغقا ماكانلاشتۇردى. ئەمما، ئۇلار ياراتقۇچىغا بويسۇنمىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ياشاش ھوقۇقى يوق بولدى.

ئادەم-‏ئاتىنىڭ يارىتىلىشىدىن توپان بالاسى يەنى بەكمۇ چوڭ كەلكۈن سۈيى يېتىپ كەلگىچە، 1656 يىل ئۆتكەن ئىدى. شۇ مەزگىلدە، يامانلىق قىلغۇچىلار كۆپىيىپ كەتتى. ئاسماندا، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان روھى شەخسلەر، يەنى شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ئەسكى پەرىشتىلەر پەيدا بولدى. يەر يۈزىدە، قابىل ۋە باشقا يامان كىشىلەر پەيدا بولۇپ، ھەتتا بەزى ئەرلەر ئالاھىدە كۈچتۈڭگۈر كىشىلەر ئىدى. ئەمما، يەر يۈزىدە ھابىل، ھانۇخ ۋە نۇھ دېگەندەك ياخشى ئادەملەرمۇ بار ئىدى. 1-‏قىسىمدا، بىز ئاشۇ كىشىلەر ۋە يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە ئوقۇيمىز.

ئېرەم بېغىدىكى جان-جانىۋارلار