مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏ھېكايە: چىرايلىق باغ

2-‏ھېكايە: چىرايلىق باغ

پاھ، بۇ رەسىمدىكى مەنزىرىگە قارىڭە! نېمە دېگەن چىرايلىق، ھە! ئوت-‏چۆپ، دەل-‏دەرەخ، گۈل-‏گىياھ ۋە بارچە جان-‏جانىۋارلارغا قاراپ بېقىڭ. بۇ رەسىمدىن پىل بىلەن شىرنى تاپالامسىز؟

ئېرەم بېغىدىكى ھايۋاناتلار

مۇشۇ چىرايلىق باغ قانداق پەيدا بولغاندۇ؟ خۇدا يەر شارىنى بىز ئۈچۈن قانداق تەييار قىلغان؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئاۋۋال، خۇدا يەر يۈزىنى قاپلايدىغان ئوت-‏ چۆپلەرنى ياراتتى. ئاندىن كېيىن، ھەر تۈرلۈك چوڭ-‏كىچىك ئۆسۈملۈك، چاتقاللار ۋە دەل-‏ دەرەخلەرنى ياراتتى. شۇلار يەر يۈزىنى چىرايلىق كۆركەم قىياپەتكە كەلتۈرگەن ئىدى. ھەتتا شۇلارنىڭ باشقا پايدىلىق تەرىپى بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى شىرىن تەملىك يېمەكلىكلەرنى بېرىدۇ.

كېيىنچە، خۇدا سۇدا ئۈزىدىغان بېلىقلار ۋە ئاسماندا ئۇچىدىغان قۇشلارنى ياراتتى. چوڭ-‏كىچىك جان-‏جانىۋارلارنى، ئىتلار، مۈشۈكلەر ۋە ئاتلارنى ياراتتى. ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىدا قانداق جانىۋارلار ياشايدۇ؟ شۇ بارلىق نەرسىلەرنى، پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن ياراتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇشىمىز كېرەك، شۇنداقمۇ؟

ئاخىرىدا، خۇدا يەر يۈزىدىكى بىر بۆلەك جاينى ئالاھىدە قىلىپ ياراتتى. ئۇ شۇ جاينى ئېرەم باغ، دەپ ئاتىدى. شۇ جاي مۇكەممەل يارىتىلغان، شۇڭا، ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسە بەك چىرايلىق ئىدى. ئۇ جاي دەل جەننەت. مۇقەددەس كىتاب جەننەتنى فىرات دەرياسىغا يېقىن يەردە دەپ تىلغا ئالغان. بىلەمسىز، شۇ دەريا قەيەردە؟ خەرىتىگە قارىسىڭىز، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئاقىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. جەننەت يەر يۈزىدە بولغان! ئاللا پۈتكۈل يەر شارىنىڭ دەل ئۆزى ياراتقان ئاشۇ گۈزەل باغ جەننەتتەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانىدى.

بىراق، بۇ رەسىمدىكى باغقا يەنە بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ. پەرۋەردىگار نېمىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى كۆردى، سىز بىلەمسىز؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

يارىتىلىش 1:‏11-‏‏25؛‏ 2:‏8-‏14.‏



سوئاللار

  • خۇدا يەر شارىنى بىزگە ماكان قىلىپ تەييارلاش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلدى؟
  • رەسىمگە قاراپ، يەھۋا خۇدا ياراتقان ھەرخىل جان-‏جانىۋارلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ؟
  • ئېرەم باغ، نېمە ئۈچۈن بەك ئالاھىدە؟
  • خۇدا پۈتكۈل يەر شارىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 1:‏11-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يارىتىلىشنىڭ 3-‏كۈنىدە، خۇدا نېمىلەرنى ياراتتى؟ (يارىتىلىش 1:‏12)

    يارىتىلىشنىڭ 4-‏كۈنىدە، نېمە ئىش يۈز بەردى؟ (يارىتىلىش 1:‏16)

    بەشىنچى، ئالتىنچى يارىتىلىش كۈنىدە، خۇدا قانداق جان-‏جانىۋارلارنى ياراتتى؟ (يارىتىلىش 1:‏20، 21، 25)

  • يارىتىلىش 2:‏8، 9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدا باغدا قايسى ئىككى تۈپ ئالاھىدە دەرەخنى ئۆستۈردى؟ مۇشۇ ئىككى تۈپ دەرەخ نېمىگە ۋەكىللىك قىلغان؟