مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏ھېكايە: نېمە ئۈچۈن ئۇلار ماكانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى

4-‏ھېكايە: نېمە ئۈچۈن ئۇلار ماكانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى

نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، قارىڭە! ئادەم بىلەن ھاۋا گۈزەل ئېرەم بېغىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. نېمە ئۈچۈن ھەيدەپ چىقىرىلدى، بىلەمسىز؟

ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئېرەم بېغىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

سەۋەبى، ئۇلار يامان ئىش قىلدى. شۇڭا، يەھۋا ئۇلارنى جازالىغانىدى. ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ قانداق يامان ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئۇلار، يەھۋا خۇدا ئۇلارغا قىلماڭلار، دەپ بۇيرۇغان ئىشنى قىلدى. خۇدا ئۇلارغا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى يېسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، باغدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى بۇيرىدى، ھەمدە ئەگەر ئۇلار يېسە، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئاشۇ دەرەخنى خۇدا ئۆزى ئۈچۈن قالدۇرغان ئىدى. باشقىلارغا تەۋە بولغان نەرسىلەرنى ئېلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟

بىر كۈنى، ھاۋا باغدا يالغۇز تۇرغىنىدا، بىر يىلان كېلىپ ئۇنىڭغا سۆز قىلدى. ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ!؟ ئۇ ھاۋاغا، خۇدا ئۇلارغا يېمەڭلار، دەپ بۇيرۇغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ئېلىپ يېيىشنى ئېيتتى. خۇدا يىلانلارنى ياراتقاندا، ئۇلار سۆزلىيەلمەتتى. شۇڭا، ناھايىتى ئېنىقكى باشقا بىرى يىلاننى شۇنداق سۆز قىلدۇرغانىدى. ئۇ زادى كىم؟

ئۇ ئادەم-‏ئاتا ئەمەس. ئۇ چوقۇم باشقا بىر شەخس. يەھۋا يەر شارىنى يارىتىشتىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، باشقا جانلىقلارنى، يەنى بىز كۆز بىلەن كۆرەلمەيدىغان پەرىشتىلەرنى ياراتقان ئىدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر پەرىشتە بەكمۇ تەكەببۇر بولۇپ كەتكەچ، ئۇ ئۆزىنى خۇداغا ئوخشاش باشقىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ يەھۋاغا ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىگە بويسۇنۇشىنى خالىدى. دەل شۇ پەرىشتە يىلاننى سۆز قىلدۇرغان ئىدى.

شۇ پەرىشتە ھاۋانى ئازدۇرۇپ، ئەگەر ھاۋا شۇ مېۋىنى يېسە، خۇداغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھاۋا شۇ سۆزلەرگە ئىشەندى ۋە مېۋىنى ئېلىپ يېدى، ئادەممۇ ئۇ مېۋىدىن يېدى. ئادەم بىلەن ھاۋا خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. بۇ دەل ئۇلارنىڭ گۈزەل باغ ماكانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

ئەمما، ئاخىر بىر كۈن، خۇدا پۈتكۈل يەر شارىنى خۇددى شۇ ئېرەم باغدەك چىرايلىق قىياپەتكە كەلتۈرىدۇ. كېيىنرەك، قانداق قىلىپ ئۆز كۈچىڭىزنى چىقىرىپ، شۇ ئىشقا ھەسسە قوشالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئۆگىنىمىز. ئەمما، ھازىر ئادەم بىلەن ھاۋاغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

يارىتىلىش 2:‏16، 17؛ 3:‏1-‏13، 24؛ ۋەھىيلەر 12:‏9.



سوئاللار

  • رەسىمگە قارىسىڭىز، ئادەم بىلەن ھاۋاغا نېمە بولدى؟
  • نېمە ئۈچۈن، يەھۋا ئۇلارنى جازالىدى؟
  • يىلان ھاۋاغا نېمە دېدى؟
  • كىم يىلاننى ھاۋاغا سۆز قىلدۇرغانىدى؟
  • ئادەم بىلەن ھاۋا، نېمە ئۈچۈن جەننەت ماكانىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 2:‏16، 17 ۋە 3:‏1-‏13، 24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يىلان ھاۋاغا سۆز قىلغاندا، يەھۋاغا قانداق تۆھمەت قىلدى؟ (يارىتىلىش 3:‏1-‏5؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏3)

    ھاۋانىڭ قىلغان ئىشى بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (فىلىپىلىكلەر 4:‏8؛ ياقۇپ 1:‏14، 15؛ 1-‏يۇھاننا 2:‏16)

    ئادەم بىلەن ھاۋا ئۆزلىرى قىلغان ئىشنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قاچقانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (يارىتىلىش 3:‏12، 13)

    ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە قويۇلغان كېرۇب، دەپ ئاتىلىدىغان پەرىشتىلەر، خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قانداق قوغدىدى؟ (يارىتىلىش 3:‏24)

  • ۋەھىيلەر 12:‏9-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    شەيتان ئىنسانلارنى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقىشقا قۇترىتىشتا، قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ كەلدى؟ (1-‏يۇھاننا 5:‏19)