مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏ھېكايە: جاپا-‏مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشى

5-‏ھېكايە: جاپا-‏مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشى

ئېرەم باغنىڭ سىرتىدا، ئادەم بىلەن ھاۋا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار دۇچ كەلدى. ئۇلار يېمەكلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن يەرگە تەر تۆكۈپ جاپالىق ئىشلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ئەتراپىدا چىرايلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن تىكەنلىك ئوت-‏چۆپ، ئۆسۈملۈكلەرنى كۆردى. ئادەم بىلەن ھاۋا، خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، ئاشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغان ئىدى.

ئادەم-ئاتا ئوغلى بىلەن بىرگە جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ

تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇلار ئاستا-‏ئاستا قېرىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتتى. يادىڭىزدا بارمۇ، يەھۋا خۇدا ئۇلارنى، ئەگەر ئاشۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېسە، ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى. دەرۋەقە، ئۇلار مېۋىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ئۆلۈم ئاستا-‏ئاستا ئۇلارغا يېقىنلاشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان، ئۇلار نېمە دېگەن نادان، ھە؟!

ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ بالىلىرى بولسا، خۇدا ئىنسانلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن تۇغۇلدى. شۇ سەۋەب، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ بالىلىرىمۇ قېرىپ، ئاخىرىدا ئۆلدى.

ئەگەر ئادەم بىلەن ھاۋا، يەھۋا خۇدانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلغانلا بولسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتى. ئۇلار ھەممىسى يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشىيالايتتى. ھېچ كىم قېرىپ كېسەل بولمىغان ۋە ئۆلمىگەن بولاتتى.

خۇدا ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ شاد-‏خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى خالايدۇ ۋە كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ شۇ كۈنگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. شۇ چاغدا، پۈتكۈل يەر يۈزى چىرايلىق ھالەتكە كېلىپلا قالماي، بارچە كىشىلەر ساغلام تەنگە ئىگە بولىدۇ. يەر يۈزىدىكى ھەممە كىشى بىر-‏بىرى بىلەن، ھەتتا خۇدا بىلەن يېقىن دوست بولۇشىدۇ.

ھاۋا-ئانا بالىلىرى بىلەن بىللە

لېكىن، ھاۋانىڭ خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇقى بۇزۇلغاچ، ئۇ بالا تۇغقىنىدا قىينىلىپ، كۆپ ئاغرىق ئازابى تارتتى. ئۇنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىتائەتسىزلىكى، ئۆزىگە يەتكۈچە ئازاب-‏ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەنىدى. سىزمۇ شۇنداق دەپ قارامسىز؟

ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا نۇرغۇن ئوغۇل-‏قىزلارغا ئىگە بولغانىدى. ئۇلارنىڭ تۇنجى ئوغلى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭغا قابىل، دەپ ئىسىم قويدى. ئىككىنچى ئوغلىغا ھابىل، دەپ ئىسىم قويدى. ئاشۇ ئىككى ئوغۇلغا نېمە بولدى، سىز بىلەمسىز؟

يارىتىلىش 3:‏16-‏23؛ 4:‏1، 2؛ ۋەھىيلەر 21:‏3، 4.



سوئاللار

  • ئېرەم باغنىڭ سىرتىدا، ئادەم بىلەن ھاۋا قانداق ھايات كەچۈردى؟
  • ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىغا نېمە ئىش بولۇشقا باشلىدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • نېمە ئۈچۈن ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى قېرىدى ۋە ئۆلدى؟
  • ئەگەر ئادەم بىلەن ھاۋا، يەھۋاغا ئىتائەتچان بولغان بولسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتى؟
  • ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ئۆزىگە قانداق ئازاب ئېلىپ كەلدى؟
  • ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
  • رەسىمدىكى باشقا بالىلار كىملەر؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 3:‏16-‏23 ۋە 4:‏1، 2-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەرنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى، ئادەم-‏ئاتىنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر قىلدى؟ (يارىتىلىش 3:‏17-‏19؛ رىملىقلار 8:‏20، 22)

    ھاۋا دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسىنى «ھاياتلىق»، نېمە ئۈچۈن ئۇنى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتاش بەكمۇ مۇۋاپىق؟ (يارىتىلىش 3:‏20)

    ھەتتا ئادەم بىلەن ھاۋا گۇناھ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەھۋا ئۇلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلدى؟ (يارىتىلىش 3:‏7، 21)

  • ۋەھىيلەر 21:‏3، 4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىسىز؟