مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

6-‏ھېكايە: ياخشى ئوغۇل ۋە يامان ئوغۇل

6-‏ھېكايە: ياخشى ئوغۇل ۋە يامان ئوغۇل

ھازىر قابىل بىلەن ھابىلغا قارىڭە! ھەر ئىككىسى چوڭ بولدى. قابىل دېھقان بولۇپ، زىرائەتلەر، مېۋە-‏چىۋە ۋە سەي-‏كۆكتاتلارنى ئۆستۈردى.

قابىل بىلەن ھابىل خۇداغا قۇربانلىق تەقدىم قىلىۋاتىدۇ

ھابىل قوي باققۇچى بولدى. ئۇ قوزىلاردىن خەۋەر ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ باققان قوزىلار چوڭ بولۇپ قوي بولدى. شۇڭا ئۇزۇنغا بارماي، ئۇ بىر توپ قوي پادىسىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى.

بىر كۈنى، قابىل بىلەن ھابىل ئۆزلىرى تەييار قىلغان سوۋغاتنى خۇدانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قابىل ئۆزى ئۆستۈرگەن يېمەكلىكنى، ھابىل ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى قويىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. خۇدا ھابىل ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىدىن خۇرسەن بولدى. ئەمما قابىل ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىدىن خۇرسەن بولمىدى. سىز بىلەمسىز، نېمە ئۈچۈن؟

سەۋەبى، ھابىلنىڭ سوۋغىتى قابىلنىڭكىدىن ياخشىراق بولغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس. بەلكى ھابىل ياخشى كىشى ئىدى. ئۇ يەھۋانى ۋە ئۆز ئاكىسىنى ياخشى كۆرەتتى. ئەمما، قابىل بولسا ئەسكى كىشى بولۇپ، ئۆز ئىنىسىنى ياخشى كۆرمەيتتى.

شۇڭا، خۇدا قابىلغا ئۆزىنىڭ ئۇنداق يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئېيتتى. بىراق، قابىل ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. قابىل ئۆزىگە قارىغاندا، خۇدانىڭ ئىنىسى ھابىلنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى غەزەپلەندى. شۇڭا قابىل ئىنىسى ھابىلغا:‏ «يۈرە، بىرگە دالىدا سەيلە قىلىپ كېلەيلى»، دېدى. ئۇ يەردە، ئۇلار ئىككىسى يالغۇز قالغان ۋاقىتتا، قابىل ھابىلنى قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. قابىل بەك يامان ئىشنى قىلدى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلغىنى خاتا!

قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىۋاتىدۇ

گەرچە ھابىل ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھابىل ياخشى كىشى ئىدى. يەھۋا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى ئۇنتۇمايدۇ. شۇڭا، خۇدا چوقۇم بىر كۈنى ھابىلنى تىرىلدۈرىدۇ. ھابىل يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشىيالايدۇ. ھابىلغا ئوخشاش كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش نېمە دېگەن ياخشى!

ئەمما، خۇدا قابىلغا ئوخشاش كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا، قابىل ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى جازالاپ، ئائىلىسىدىكىلەردىن يىراق تۇرۇشى ئۈچۈن قابىلنى يىراق جايغا ھەيدىۋەتتى. ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، يەر يۈزىنىڭ يەنە بىر چېتىدىكى يىراق جايدا ياشاش ئۈچۈن ماڭغىنىدا، بىر سىڭلىسىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىۋالدى. ئۇ قابىلنىڭ خوتۇنى بولدى.

كېيىنچە، قابىل بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى بالىلىق بولۇشقا باشلىدى. ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ باشقا بالىلىرىمۇ توي قىلىپ، پەرزەنتلىك بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەر يۈزىدە ئادەملەر كۆپىيىپ نۇرغۇن بولدى. ھازىر شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

يارىتىلىش 4:‏2-‏26؛ 1-‏يۇھاننا 3:‏11، 12؛ يۇھاننا 11:‏25.



سوئاللار

  • قابىل بىلەن ھابىل نېمە ئىش قىلدى؟
  • قابىل بىلەن ھابىل يەھۋاغا قانداق سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلدى؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن ھابىلنىڭ سوۋغىتىدىن خۇرسەن بولدى؟ قابىلنىڭ سوۋغىتىدىن نېمە ئۈچۈن خۇرسەن بولمىدى؟
  • قابىل قانداق كىشى؟ يەھۋا ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدى؟
  • قابىل دالىدا ئىنىسى بىلەن يالغۇز قالغان ۋاقىتتا، نېمە ئىش قىلدى؟
  • قابىل ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمە بولغانلىقىنى ئېتىىپ بېرىڭ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 4:‏2-‏26-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قابىلنىڭ خەتەرلىك كۆزقاراشتا بولۇۋاتقانلىقىنى، يەھۋا قانداق تەسۋىرلىدى؟ (يارىتىلىش 4:‏7)

    قابىل كۆڭلىدىكى نىيىتىنى قانداق ئاشكارا قىلدى؟ (يارىتىلىش 4:‏9)

    يەھۋا بىگۇناھ قان تۆكۈلۈشكە قانداق كۆزقاراشتا؟ (يارىتىلىش 4:‏10؛ يەشايا 26:‏21)

  • 1-‏يۇھاننا 3:‏11، 12-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن قابىل ئاچچىقلاندى؟ مۇشۇ ئىشتىن، بۈگۈنكى كۈندە قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ (يارىتىلىش 4:‏4، 5؛ پەندى-‏نەسىھەت 14:‏30؛ 28:‏22)

    مۇقەددەس كىتاب، گەرچە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا قارشى چىقسىمۇ، يەنىلا يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلىيالايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (زەبۇر 27:‏10؛ مەتتا 10:‏21، 22)

  • يۇھاننا 11:‏25-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    ئۆلۈمگە قارىماي، ھەقىقەت يولىدا چىڭ تۇرغانلارغا، يەھۋا قانداق كاپالەت بېرىدۇ؟ (يۇھاننا 5:‏24)