مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

7-‏ھېكايە: جاسارەتلىك كىشى

7-‏ھېكايە: جاسارەتلىك كىشى
ھانۇخ

يەر يۈزىدە كىشىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. نۇرغۇن كىشىلەر قابىلغا ئوخشاش يامان ئىشلارنى قىلغىلى تۇردى. ئەمما بىر كىشى باشقىلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇ كىشىنىڭ ئىسىمى ھانۇخ بولۇپ، ئۇ ناھايىتى جاسارەتلىك كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھانۇج يەنىلا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئۆتمۈشتە كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق يامان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئويلاپ بېقىڭ، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، خۇدا يېمەڭلار، دېگەن مېۋىنى يېيىشىگە كىم سەۋەبچى بولغان؟ ئۇ دەل بىر يامان پەرىشتە بولۇپ، مۇقەددەس كىتاب ئۇنى، شەيتان، دەپ ئاتىغانىدى. شەيتان ھەممە كىشىنى يامان ئىش قىلىشقا ئازدۇرىدۇ.

بىر بولاڭچى ۋە قاتىل

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەھۋا خۇدا ھانۇخ پەيغەمبەرنى باشقىلارغا بىر ئىشنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇدى، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ كىشىلەرگە:‏ «خۇدا بىر كۈنى، بارلىق يامان كىشىلەرنى يوق قىلىدۇ»، دېدى. كىشىلەر بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا، بەلكىم بەكمۇ ئاچچىقلانغان، ھەتتا ئۇلار ھانۇخنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھانۇخ جاسارەتلىك بولغاندىلا، خۇدانىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا يۈرەكلىك بىلەن باشقىلارغا ئېيتالايتتى.

خۇدا، ھانۇخ پەيغەمبەرنىڭ شۇ يامان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇنراق ياشىشىنى خالىمىدى. ھانۇخ پەقەت 365 يىل ياشىدى. نېمە ئۈچۈن پەقەتلا «365 يىل» ياشىدى، دەيمىز؟ سەۋەبى، ئاشۇ زامانلاردا، ئادەملەر بۈگۈنكى كۈندىكى ئادەملەرگە قارىغاندا، كۆپ كۈچلۈك بولۇپ ئۇزۇن ياشايتتى. ئەمەلىيەتتە، ھانۇخنىڭ ئوغلى مەتۇشەلاھ 969 يىل ياشىغان ئىدى!

كىشىلەر يامان ئىشلارنى قىلىشماقتا

ھانۇخ پەيغەمبەر ئۆلگەندىن كېيىن، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ يامان ئىشلارنى قىلدى. مۇقەددەس كىتاب:‏ «ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى، نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامانلىقىنى،… يەر يۈزىنىڭ زوراۋانلىققا تولغانلىقىنى»، بايان قىلىدۇ.

ئاشۇ زامانلاردا، يەر يۈزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ يامان ئىشلارغا تولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سەۋەبى، شەيتان يېڭى بىر ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا قۇتراتقانىدى. كېيىنكى پارچە ھېكايىدە، شۇ توغرىسىدا ئۆگىنىمىز.

يارىتىلىش 5:‏21-‏24، 27؛ 6:‏5؛ ئىبرانىيلار 11:‏5؛ يەھۇدا 14، 15



سوئاللار

  • ھانۇخ باشقىلاردىن قانداق پەرق قىلاتتى؟
  • نېمە ئۈچۈن ھانۇخ ياشىغان زاماندا كىشىلەر شۇنچە كۆپ يامان ئىشلارنى قىلغان؟
  • كىشىلەر قانداق يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ (رەسىمگە قاراڭ)
  • نېمە ئۈچۈن ھانۇخ جاسارەتلىك بولۇشى كېرەك؟
  • ئاشۇ زامانلاردا كىشىلەر قانچىلىك ئۇزۇن ياشىغان؟ لېكىن، ھانۇخ قانچىلىك ياشىدى؟
  • ھانۇخ ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 5:‏21-‏24، 27-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ھانۇخنىڭ يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟

    مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا كىم ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن؟ ئۇ قانچە ياشتا ئۆلۈپ كەتكەن؟ (يارىتىلىش 5:‏27)

  • يارىتىلىش 6:‏5-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    ھانۇخ ئۆلگەندىن كېيىن، يەر يۈزىنىڭ ئەھۋالى قانداق يامان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؟ شۇ چاغدىكى ھالەتنى ھازىرقى دەۋرىمىزگە قانداق سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ؟ (2-‏تىموتىي 3:‏13)

  • لۇقا 3:‏23، 37-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ھانۇخ ‹خۇدا بىلەن يېقىن ياشاپ›، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتى؟ (يارىتىلىش 5:‏22)

  • يەھۇدا 14، 15-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولغان بىز، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئارماگېدون ئۇرۇشى ھەققىدە كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغاندا، ھانۇخنىڭ جاسارىتىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (2-‏تىموتىي 4:‏2؛ ئىبرانىيلار 13:‏6)