مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

8-‏ھېكايە: يەر يۈزىدىكى ھەيۋەتلىك ئادەملەر

8-‏ھېكايە: يەر يۈزىدىكى ھەيۋەتلىك ئادەملەر

ئەگەر بىر كىشى سىزگە قاراپ كېلىۋاتقان ھەمدە ئۇ ئۆيىڭىزنىڭ تورۇسىغا تاقاشقۇدەك ئېگىز بولسا، سىز قانداق ئويلايسىز؟ ئۇ بەكمۇ يوغان، ھەيۋەتلىك ئادەم! ئىلگىرى بىر زامانلاردا، يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن غايەت يوغان ئادەملەر ياشىغان ئىدى. مۇقەددەس كىتاب، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنىڭ ئاسماندىن كەلگەن پەرىشتىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، ئۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟

غايەت يوغان زوراۋان ئادەملەر

شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، يامان پەرىشتە شەيتان، ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش ھەرخىل ئامال ئىزدىگەن. شۇڭا، ئۇ ھەتتا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنى يامان ئىش قىلىشقا ئازدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، بەزى پەرىشتىلەر شەيتاننىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشقا باشلىدى. ئەسلىدە خۇدا پەرىشتىلەرنى ئاسماندا خىزمەت قىلىشقا قويغان. ئەمما، ئۇلار ئاسماندىكى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ، يەر يۈزىگە ئىنسان قىياپىتىدە كەلدى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، بىلەمسىز؟

مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ:‏ سەۋەبى، ئاشۇ پەرىشتىلەر يەر يۈزىدىكى قىزلارنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ قىزلار بىلەن بىرگە ياشاشنى ئارزۇ قىلدى. شۇڭا، ئۇلار يەر يۈزىگە كېلىپ، شۇ قىزلار بىلەن توي قىلدى. مۇقەددەس كىتاب، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى خاتا، دەيدۇ. سەۋەبى، پەرۋەردىگار پەرىشتىلەرنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن ياراتقان ئىدى.

كېيىنچە، شۇ پەرىشتىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى بالىلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى ئادەتتىكى بوۋاقلارغا ئوخشىمايتتى. دەسلەپتە، ئۇلار قارىماققا كۆپ پەرق قىلمىغان. ئەمما، ئۇلار ئۆسۈپ چوڭ بولغانسېرى، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا غايەت يوغان ھەيۋەتلىك ئادەملەرگە ئايلاندى.

ھەيۋەتلىك ئادەملەر ئەسكى ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار بەكمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغاچ، باشقىلارنى خالىغانچە بوزەك قىلاتتى؛ ئۇلار ھەمىشە بارلىق كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش يامانلىق قىلىشقا مەجبۇرلايتتى.

ئاشۇ ۋاقىتتا ھانۇخ پەيغەمبەر ئاللىقاچان ئۆلگەنىدى. ئەمما، يەر يۈزىدە يەنە بىر ياخشى ئادەم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى نۇھ بولۇپ، مەيلى خۇدا قانداق ئىشنى تاپشۇرسۇن، ئۇ ھەر دائىم خۇدانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قىلاتتى.

بىر كۈنى، خۇدا نۇھقا، بارلىق يامان ئادەملەرنى يوق قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق، ئۇ نۇھ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە نۇرغۇنلىغان جان-‏جانىۋارلارنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى. ئۇنداقتا، خۇدا قانداق قىلدى؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

يارىتىلىش 6:‏1-‏8؛ يەھۇدا 6.



سوئاللار

  • خۇدانىڭ بەزى پەرىشتىلىرى شەيتاننىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، نەتىجىدە نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • نېمە ئۈچۈن بەزى پەرىشتىلەر ئاسماندىكى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ، يەر يۈزىگە چۈشتى؟
  • پەرىشتىلەرنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈپ، ئىنسان قىياپىتىگە كىرىشى نېمە ئۈچۈن خاتا؟
  • پەرىشتىلەردىن تۇغۇلغان بالىلار قانداق پەرق قىلاتتى؟
  • بۇ رەسىمگە قارىسىڭىز، پەرىشتىلەرنىڭ بالىلىرى چوڭ بولۇپ غايەت يوغان ئادەملەرگە ئايلانغاندا، نېمە ئىش قىلدى؟
  • ھانۇختىن كېيىن، يەر يۈزىدە ياشىغان ياخشى ئادەم كىم؟ نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 6:‏1-‏8-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يارىتىلىش 6:‏6-‏ئايەتكە ئاساسلانغاندا، سۆز-‏ھەرىكەتلىرىمىز يەھۋانىڭ ھېس-‏تۇيغۇلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟ (زەبۇر 78:‏40، 41؛ پەندى-‏نەسىھەت 27:‏11)

  • يەھۇدا 6-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    نۇھنىڭ زامانىدىكى «ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كەتكەن» پەرىشتىلەر، بۈگۈنكى كۈندە بىزگە نېمىنى ئەسلىتىدۇ؟ (1-‏كورىنتلىقلار 3:‏5-‏9؛ 2-‏پېترۇس 2:‏ 9، 10، ب ج)