مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏قىسىم: توپان سۈيىدىن، مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىشقىچە

2-‏قىسىم: توپان سۈيىدىن، مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىشقىچە

توپان سۈيىدە پەقەت سەككىز كىشى ئامان قالغانىدى. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئادەملەر كۆپىيىپ، يەر يۈزى سان-‏ساناقسىز كىشىلەر بىلەن تولدى. توپان سۈيىدىن كېيىن، 352 يىل ئۆتۈپ، ئىبراھىم تۇغۇلدى. بىز خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇنداپ، ئىبراھىمنى ئىسھاق ئىسىملىك بىر ئوغۇلغا ئىگە قىلغانلىقى؛ كېيىنچە پەرۋەردىگار، ئىسھاقنىڭ ئىككى ئوغلىدىن ياقۇپ ئىسىملىك بىرىنى تاللىغانلىقى ھەققىدە كۆرۈپ ئۆتىمىز.

ياقۇپ 12 ئوغۇل، بىرقانچە قىز پەرزەنتلىك بولۇپ، چوڭ ئائىلە قۇرغانىدى. ياقۇپنىڭ 10 ئوغلى ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ئىنىسى يۈسۈپنى ئۆچ كۆرگەن ۋە مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. كېيىنچە، يۈسۈپ مىسىر پادىشاھىنىڭ باش ۋەزىرى بولدى. يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولغاندا، يۈسۈپ ئۆز ئاكىلىرىنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەنلىكىنى سىناپ كۆردى. ئەڭ ئاخىرىدا، ياقۇپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر، يەنى ئىسرائىللار مىسىر يۇرتىغا كۆچۈپ باردى. بۇ ۋەقە ئىبراھىم تۇغۇلۇپ، 290 يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى.

ئىسرائىللار 215 يىل مىسىر زېمىنىدا ياشىغانىدى. يۈسۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاشۇ زېمىندا قۇلغا ئايلىنىپ قالدى. كېيىنچە، مۇسا تۇغۇلدى ۋە ئاللا ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇپ مىسىردىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى . 2-‏قىسىم جەمئىي 857 يىللىق تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىرغا كۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ

بۇ بۆلەكتە