مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

11-‏ھېكايە: تۇنجى ھەسەن-‏ھۈسەن

11-‏ھېكايە: تۇنجى ھەسەن-‏ھۈسەن

نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېمىدىن چىقىپ، تۇنجى قىلغان ئىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ خۇداغا قۇربانلىق كەلتۈرگەن، يەنى سوۋغات بەرگەن. تۆۋەندىكى رەسىمدە، نۇھنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. نۇھ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى توپان سۈيىدىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاغا رەھمەت ئېيتىپ، بىرقانچە ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلدى.

كېمە ۋە ھەسەن-ھۈسەن

سىزنىڭچە، پەرۋەردىگار نۇھنىڭ سوۋغىتىنى ياخشى كۆرگەنمىدۇ؟ شۇنداق، ئۇ ياخشى كۆرگەن. شۇڭا، ياراتقۇچى خۇدا توپان سۈيى بىلەن بۇ دۇنيانى قايتا ۋەيران قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە نۇھ پەيغەمبەرگە ۋەدە بەرگەن.

ئۇزۇن ئۆتمەي، يەر يۈزى قۇرۇپ، نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېمىنىڭ سىرتىدا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى بەرىكەتلىدى ۋە ئۇلارغا:‏ «سىلەر كۆپ پەرزەنتلىك بولۇڭلار، ئادەملەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ماكانلاشقىچە كۆپىيىڭلار»، دەپ بۇيرۇدى.

ئەمما، كېيىنچە كىشىلەر توپان سۈيى ھەققىدە ئاڭلىغاندا، ئۇلار بەلكىم يەنە شۇنداق توپان سۈيىنىڭ كېلىشىدىن قورققان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىر نەرسە بەردى. شۇ نەرسە ئارقىلىق پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ توپان سۈيى بىلەن يەر يۈزىنى قايتا ۋەيران قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئىنسانلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇردى. خۇدا ئىنسانلارنىڭ ئېسىگە سېلىش ئۈچۈن، قانداق نەرسە بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ بەرگىنى ھەسەن-‏ھۈسەندۇر.

نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر

يامغۇر يېغىپ توختىغاندىن كېيىن، قۇياش چىققاندا، ئاسماندا ھەمىشە ھەسەن-‏ھۈسەن پەيدا بولىدۇ. ھەسەن-‏ھۈسەندە ھەرخىل رەڭلەر بار، بەكمۇ چىرايلىق. سىز ھەسەن-‏ھۈسەننى كۆرۈپ باققانمۇ؟ سۈرەتتىكى ھەسەن-‏ھۈسەننى كۆردىڭىزمۇ؟

خۇدا:‏ «مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ھەرگىزمۇ بارلىق ئىنسانلار ۋە جان-‏جانىۋارلارنى قايتا توپان سۈيى بىلەن يوق قىلىۋەتمەيمەن. مەن ھەسەن-‏ھۈسەنلەرنى بۇلۇتلار ئارىسىغا قويدۇم. ھەر قېتىم ھەسەن-‏ھۈسەننى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ ۋەدىسىنى ئېسىمگە ئالىمەن»، دېدى.

شۇڭا، ھەر قېتىم ھەسەن-‏ھۈسەننى كۆرگىنىڭىزدە، نېمىنى ئەسكە ئېلىشىڭىز كېرەك؟ شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، ياراتقۇچى ئىگىمىز ھەرگىزمۇ دۇنيانى قايتا توپان سۈيى بىلەن خاراب قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان

يارىتىلىش 8:‏18-‏22؛ 9:‏9-‏17.



سوئاللار

  • رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، نۇھ كېمىدىن چىققاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ نېمە ئىش قىلغان؟
  • توپان سۈيىدىن كېيىن، خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟
  • خۇدا قانداق ۋەدە بەردى؟
  • ھەسەن-‏ھۈسەننى كۆرگىنىمىزدە، ئۇ نېمىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 8:‏18-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا «مەمنۇن» بولىدىغان قۇربانلىقنى قانداق تەقدىم قىلالايمىز؟ (يارىتىلىش 8:‏21؛ ئىبرانىيلار 13:‏15، 16)

    يەھۋا ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ قانداق خۇلاسىگە كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك؟ (يارىتىلىش 8:‏21؛ مەتتا 15:‏18، 19)

  • يارىتىلىش 9:‏9-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار بىلەن قانداق ئەھدە تۈزدى؟ (يارىتىلىش 9:‏10، 11)

    ھەسەن-‏ھۈسەن ئەھدىسى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت كۈچكە ئىگە؟ (يارىتىلىش 9:‏16)