مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

14-‏ھېكايە: خۇدانىڭ ئىبراھىمنىڭ ئىشەنچىسىنى سىنىشى

14-‏ھېكايە: خۇدانىڭ ئىبراھىمنىڭ ئىشەنچىسىنى سىنىشى

قاراڭ، بۇ يەردە ئىبراھىم پەيغەمبەر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ قولىدا پىچاق بار ئىكەن، قارىغاندا ئۇ ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى ئوخشايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلماقچى بولغاندۇ؟ ئاۋۋال، ئىبراھىم بىلەن سارەنىڭ قانداق قىلىپ بىر ئوغۇلغا ئىگە بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئىبراھىم ئوغلى ئىسھاقنى قوربانلىق سۈپىتىدە تەقدىم قىلماقچى

ئېسىڭىزدە بولسا، يەھۋا خۇدا ئۇلارنىڭ بىر ئوغۇلغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما، بۇ قارىماققا مۇمكىن ئەمەس ئىش. سەۋەبى، ئىبراھىم بىلەن سارە بەكمۇ قېرىپ كەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ، ئىبراھىم قارىماققا مۇمكىن ئەمەس ئىشنى، ياراتقۇچى يەھۋانىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى. نەتىجىدە نېمە ئىش يۈز بەردى؟

يەھۋا خۇدا ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، دەل بىر يىل ئۆتتى. شۇ چاغدا، ئىبراھىم 100 ياشتا، سارە 90 ياشتا بولۇپ، ئۇلار ئىسھاق ئىسىملىك بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدى. ئاللا ئۆز ۋەدىسىدە تۇرغانىدى!

لېكىن، ئىسھاق چوڭراق بولغاندا، پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئىشەنچىسىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئۇ:‏ «ئىبراھىم!»، دەپ چاقىردى. ئىبراھىم:‏ «مانا مەن!»، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا:‏ «سەن ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغقا بارغىن. ئۇ يەردە ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلغىن»، دېدى.

ئاشۇ سۆزلەر ئىبراھىمنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ يېرىم قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئۆز ئوغلىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. سىزنىڭ ئېسىڭىزدە بارمۇ، ئاللا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىنى قانان زېمىنىغا ئىگە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان. بىراق، ئەمدى ئىسھاق ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ئىش قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشسۇن؟ ئىبراھىم پەيغەمبەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا بويسۇندى.

ئىبراھىم تاغقا چىقىپ، ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىگە ياتقۇزدى. ئاندىن كېيىن، قولىغا پىچاق ئېلىپ، ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. دەل ئاشۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى:‏ «ئىبراھىم، ئىبراھىم!»، دەپ چاقىردى. ئىبراھىم:‏ «مانا مەن!»، دەپ جاۋاب بەردى.

خۇدا:‏ «قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى كۆردۈم. چۈنكى، سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى بىر تال ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ»، دېدى.

ئىبراھىمنىڭ يەھۋا خۇداغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى نېمە دېگەن كۈچلۈك، ھە! ئۇ يەھۋانىڭ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا، ھەتتا ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردە، ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنىدى. ئەمما، ئاللا ئەمەلىيەتتە ئىبراھىمنىڭ ئىسھاقنى ئۆلتۈرۈشىنى خالىغان ئەمەس. شۇڭا، خۇدا مۈڭگۈزى ئەتراپتىكى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوينى كۆرسىتىپ، ئىبراھىمنى ئوغلى ئورنىغا، شۇ قوينى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇدى

يارىتىلىش 21:‏1-‏7؛ 22:‏1-‏18.



سوئاللار

  • خۇدا ئىبراھىمغا نېمىنى ۋەدە قىلغان؟ خۇدا ۋەدىسىنى قانداق ئورۇندىدى؟
  • رەسىمگە قاراڭ، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئىشەنچىسىنى قانداق سىنىدى؟
  • گەرچە ئىبراھىم، نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نېمە ئىش قىلدى؟
  • ئىبراھىم ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولىغا پىچاق ئالغاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • ئىبراھىمنىڭ خۇداغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى قانچىلىك كۈچلۈك؟
  • خۇدا ئىبراھىمغا قۇربانلىق قىلىشقا نېمىنى بەردى؟ قانداق بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 21:‏1-‏7-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئوغلى تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى؟ (يارىتىلىش 17:‏10-‏12؛ 21:‏4)

  • يارىتىلىش 22:‏1-‏18-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا بويسۇنغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ مۇشۇ ۋەقە كەلگۈسىدىكى قايسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىش ھەققىدە بېشارەت بەردى؟ (يارىتىلىش 22:‏7-‏9؛ 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏7؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏8، 9)