مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

17-‏ھېكايە: مىجەز-‏خۇلقى ئوخشىمايدىغان قوشكېزەك ئوغۇل

17-‏ھېكايە: مىجەز-‏خۇلقى ئوخشىمايدىغان قوشكېزەك ئوغۇل
ئەساۋ

سىزنىڭچە، بۇ ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ سىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟ ئاۋۇ ئوۋچى بولسا ئەساۋ. قويلاردىن خەۋەر ئېلىۋاتقىنى ياقۇپ.

ئەساۋ ۋە ياقۇپ، ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ قوشكېزەك ئوغۇللىرى ئىدى. ئاتىسى ئىسھاق ئەساۋنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، سەۋەبى ئەساۋ ياخشى بىر ئوۋچى بولۇپ، ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنى ئوۋلاپ كېلەتتى. بىراق، رىبەقا ياقۇپنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇ ياۋاش-‏يۇمشاق، ئوبدان بالا ئىدى.

ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا، بوۋىسىنىڭ يەھۋا توغرىسىدا ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى، ياقۇپنىڭ قانچىلىك ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلىقىنى خىيال قىلىپ بېقىڭە. ئاخىرى، ئىبراھىم 175 يېشىدا ئۆلۈپ كەتتى. شۇ چاغدا، ئاشۇ قوشكېزەك ئوغۇللار 15 ياشتا ئىدى.

ئەساۋ 40 ياشتا، قانانلىق ئىككى قىز بىلەن توي قىلدى. بۇ ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى بىئارام قىلدى. سەۋەبى، ئۇ ئىككى ئايال پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايتتى.

كېيىنچە بىر كۈنى، بىر ئىش يۈز بېرىپ، ئەساۋ ئۆز ئىنىسىغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. شۇ چاغدا ئىسھاق تۇنجى ئوغلىغا خەيرلىك دۇئا قىلماقچى بولغانىدى. ئەساۋ ياقۇپتىن چوڭ بولغاچ، ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىغا ئەساۋنىڭ ئېرىشىشى تەبىئىي ئىش ئىدى. بىراق، ئەساۋ خەيرلىك دۇئاغا ئېرىشىش ھوقۇقىنى ئىلگىرى ياقۇپقا سېتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئۇ ئىككى ئوغۇل تۇغۇلغاندىلا، ياقۇپنىڭ بەرىكەتلەشكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئىشلار ھەقىقەتەن شۇنداق يۈز بەردى. يەنى ئىسھاق خەيرلىك دۇئاسىنى ئوغلى ياقۇپ ئۈچۈن قىلدى.

ياقۇپ

كېيىن، ئەساۋ بۇ ئىشلارنى بىلىپ، ياقۇپقا قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇ ناھايىتى غەزەپلىنىپ، ھەتتا ياقۇپنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. رىبەقا بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، بەكمۇ ئەنسىرىدى. شۇڭا، ئۇ ئېرى ئىسھاققا:‏ «ئەگەر ياقۇپمۇ قانانلىق قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئالسا، بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق ئىش بولىدۇ»، دېدى.

شۇڭلاشقا، ئىسھاق ياقۇپنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:‏ «قانانلىق قىز بىلەن توي قىلما. ھاراندىكى بوۋاڭ بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئوغلى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرى بىلەن توي قىل»، دېدى.

ياقۇپ ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئاڭلاپ، ھاراندىكى تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن دەرھال ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى.

يارىتىلىش 25:‏5-‏11، 20-‏34؛ 26:‏34، 35؛ 27:‏1-‏46؛ 28:‏1-‏5؛ ئىبرانىيلار 12:‏16، 17.



سوئاللار

  • ئەساۋ بىلەن ياقۇپ كىم؟ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟
  • بوۋىسى ئىبراھىم ئۆلگەندە، ئەساۋ بىلەن ياقۇپ قانچە ياشلاردا ئىدى؟
  • ئەساۋ قىلغان قايسى ئىش، ئاتا-‏ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ بىئارام قىلدى؟
  • نېمە ئۈچۈن ئەساۋ ئىنىسى ياقۇپقا قاتتىق ئاچچىقلاندى؟
  • ئىسھاق ئوغلى ياقۇپقا نېمە دەپ نەسىھەت بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 25:‏5-‏11، 20-‏34-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا رىبەقانىڭ ئىككى ئوغلى ھەققىدە قانداق بېشارەت بەردى؟ (يارىتىلىش 25:‏23)

    تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىغا نىسبەتەن ياقۇپ بىلەن ئەساۋ ئوتتۇرىسىدا قانداق چوڭ پەرق بار ئىدى؟ (يارىتىلىش 25:‏31-‏34)

  • يارىتىلىش 26:‏34، 35؛ 27:‏1-‏46؛ ۋە 28:‏1-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەساۋنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلىمىگەنلىكى قانداق ئاشكارا بولدى؟ (يارىتىلىش 26:‏34، 35؛ 27:‏46)

    ياقۇپنىڭ خۇدانىڭ بەرىكەتلىشىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئىسھاق ياقۇپنى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟ (يارىتىلىش 28:‏1-‏4)

  • ئىبرانىيلار 12:‏16، 17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەساۋنىڭ مىسالى، مۇقەددەس نەرسىلەرگە سەل قارىغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟