مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

18-‏ھېكايە: ياقۇپنىڭ ھارانغا كېلىشى

18-‏ھېكايە: ياقۇپنىڭ ھارانغا كېلىشى

سىز بىلەمسىز، ياقۇپ سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەر كىم؟ نۇرغۇن كۈنلەر سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ياقۇپ بىر قۇدۇقنىڭ قېشىدا ئۇلارنى ئۇچراتقانىدى. ئۇلار قوي بېقىۋاتاتتى. ياقۇپ ئۇلاردىن:‏ «سىلەر قەيەرلىك؟»، دەپ سورىدى.

ئۇلار:‏ «ھارانلىق»، دەپ جاۋاب بەردى.

ياقۇپ:‏ «سىلەر لاباننى تونۇمسىلەر؟»، دەپ سورىدى.

ئۇلار:‏ «تونۇيمىز، ئەنە قاراڭ! ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتىدۇ»، دېدى. راھىلەنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟

ياقۇپ بىلەن راھىلەنىڭ كۆرۈشىشى

ياقۇپ، تاغىسى لاباننىڭ قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتقان راھىلەنى كۆرۈپ، بېرىپ قۇدۇقنىڭ ئېغىزىدىكى تاشنى بىر ياققا دوملىتىۋېتىپ، قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى. ئاندىن، ياقۇپ راھىلەنى سۆيۈپ سالاملىشىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. راھىلە ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا، ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دادىسىغا خەۋەر بەردى.

لابان ياقۇپنىڭ ئۆزى بىللە تۇرماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن بەك خۇشال بولدى. كېيىن، ياقۇپ راھىلە بىلەن توي قىلىشنى سورىغاندا، لابان بۇنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ خۇرسەن بولدى. بىراق، ئۇ ياقۇپتىن راھىلە ئۈچۈن يەتتە يىل ئېتىزىدا ئىشلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ياقۇپ راھىلەنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچ، ئۇ شۇنداق قىلدى. ئەمما، توي قىلىدىغان كۈن كەلگەندە، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

لابان ياقۇپقا راھىلەنىڭ ئورنىغا چوڭ قىزى لېياھنى خوتۇنلۇققا بەرگەنىدى. ياقۇپ لابانغا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرىشكە قوشۇلدى. شۇڭا، لابان راھىلەنىمۇ ياقۇپقا خوتۇنلۇققا بەردى. شۇ زامانلاردا، خۇدا ئەرلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق خوتۇنلۇق بولۇشىغا يول قويغان. ئەمما ھازىر، مۇقەددەس كىتاب بىر ئەرنىڭ پەقەت بىرلا خوتۇنى بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ

يارىتىلىش 29:‏1-‏30.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئاۋۇ ياش ئايال كىم؟ ياقۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەردى؟
  • راھىلە بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن ياقۇپ نېمە ئىش قىلىشقا قوشۇلدى؟
  • راھىلە بىلەن ياقۇپ توي قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، لابان نېمە ئىش قىلدى؟
  • راھىلەنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئۈچۈن ياقۇپ نېمە ئىش قىلىشقا قوشۇلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 29:‏1-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ھەتتا لابان ياقۇپنى ئالدىغان بولسىمۇ، ياقۇپ ئۆزىنىڭ ئالىي جاناب پەزىلىتىنى قانداق كۆرسەتتى؟ بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (يارىتىلىش 29:‏26-‏28؛ مەتتا 5:‏37)

    ياقۇپنىڭ مىسالى، سۆيگۈ-‏مۇھەببەت بىلەن مەستانە بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قانداق كۆرسەتتى؟ (يارىتىلىش 29:‏18، 20، 30؛ شېئىرلارنىڭ شېئىرى 8:‏6)

    قايسى تۆت ئايال ياقۇپقا ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى؟ (يارىتىلىش 29:‏23، 24، 28، 29)