مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

21-‏ھېكايە: ئاكىلىرىنىڭ يۈسۈپنى ئۆچ كۆرۈشى

21-‏ھېكايە: ئاكىلىرىنىڭ يۈسۈپنى ئۆچ كۆرۈشى

قاراڭ، ئۇ بالىغا! كۆڭلى قانچىلىك يېرىم بولغان، ئۈمىدسىزلەنگەن، ھە! ئۇ بالا يۈسۈپ. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى مىسىرغا ماڭغان كىشىلەرگە سېتىۋەتتى. ئۇ يەردە، يۈسۈپ ئەمدى قۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا ئاكىلىرى شۇنداق ئەسكى ئىشلارنى قىلدى؟ سەۋەبى، ئۇلار يۈسۈپكە ھەسەت قىلاتتى.

ئاكىلىرىنىڭ يۈسۈپنى سېتىۋېتىشى

ئۇلارنىڭ دادىسى ياقۇپ پەيغەمبەر يۈسۈپنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ياقۇپ بۇ ئوغلىغا چىرايلىق بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى ئەزىز كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. ئۇنىڭ 10 ئاكىسى، ياقۇپنىڭ يۈسۈپنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار يۈسۈپكە ھەسەت قىلىشىپ، ئۇنى ئۆچ كۆرۈشكە باشلىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ يۈسۈپنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ يەنە باشقا سەۋەبىمۇ بار.

يۈسۈپ ئىككى قېتىم ئالاھىدە چۈش كۆرگەن. ھەر ئىككى چۈشىدە، ئاكىلىرى يۈسۈپكە بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلغانىدى. يۈسۈپ كۆرگەن ئاشۇ چۈشلىرىنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇلار يۈسۈپكە تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.

بىر كۈنى، ئاكىلىرى دادىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىۋاتقاندا، ياقۇپ پەيغەمبەر يۈسۈپنى ئاكىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قانداق تۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئاكىلىرى يۈسۈپنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بەزىلىرى:‏ «ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى»، دېيىشتى. لېكىن، ئەڭ چوڭ ئاكىسى رۇبېن:‏ «ياق، سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار!»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يۈسۈپنى تۇتۇپ، سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋەتتى. ئاندىن كېيىن، ئۇلار ئولتۇرۇپ، يۈسۈپنى زادى قانداق قىلىش توغرىسىدا سۆزلىشىشكە باشلىدى.

دەل شۇ ۋاقىتتا، ئىسمائىل قەبىلىسىدىن بەزى كىشىلەر يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. يەھۇدا، ئاتا بىر، ئانا باشقا قېرىنداشلىرىغا:‏ «ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى»، دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇلار يۈسۈپنى 20 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇ نېمە دېگەن رەزىل، شەپقەتسىز قىلمىش، ھە!

يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى دادىسىغا قانداقمۇ جاۋاب بېرەر؟ ئۇلار بىر ئۆچكىنى ئۆلتۈرۈپ، يۈسۈپنىڭ چىرايلىق ئالا تونىنى قايتا-‏قايتا ئۆچكىنىڭ قېنىغا چىلاپ، توننى ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ دادىسىغا كۆرسەتتى. ئۇلار:‏ «بىز بۇنى تېپىۋالدۇق. قارىڭە! بۇ يۈسۈپنىڭ تونىمۇ، نېمە؟»، دېدى.

ياقۇپ پەيغەمبەر ئۇ توننى كۆرۈپ يىغلاپ:‏ «يۈسۈپنى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كېتىپتۇ»، دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى دادىسىنىڭ دەل شۇنداق ئويلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. ياقۇپ كۆپ ھەسرەت چېكىپ، ئۇزۇنغىچە ھەر كۈنى كۆز يېشى قىلدى. ئەمما، يۈسۈپ ئۆلمىگەنىدى. ئۇنداقتا، ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولدى؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

يارىتىلىش 37:‏1-‏35.



سوئاللار

  • يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشتى؟ ھەمدە ئۇلار نېمە ئىش قىلدى؟
  • يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى يۈسۈپنى قانداق قىلماقچى بولدى؟ ئەمما، رۇبېن نېمە دېدى؟
  • ئىسمائىل سودىگەرلەر كەلگەندە، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • دادىسىنىڭ يۈسۈپنى ئۆلۈپتۇ، دەپ ئويلىشى ئۈچۈن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى نېمە ئىش قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 37:‏1-‏35-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئېتىقادچىلار ئەگەر جامائەتتە بىرىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلسە، يۈسۈپنى ئۈلگە قىلىپ، نېمە ئىش قىلىشى كېرەك؟ (يارىتىلىش 37:‏2؛ لاۋىيلار 5:‏1؛ 1-‏كورىنتلىقلار 1:‏11)

    ئاكىلىرىنىڭ يۈسۈپكە شۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىشىغا نېمە سەۋەبچى بولدى؟ (يارىتىلىش 37:‏11، 18؛ پەندى-‏نەسىھەت 27:‏4؛ ياقۇپ 3:‏14-‏16)

    ياقۇپ ھەسرەت چەككەندە، ئۇنىڭ نېمە قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال؟ (يارىتىلىش 37:‏35؛ يۇھاننا 11:‏33-‏37)