مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

22-‏ھېكايە: يۈسۈپنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى

22-‏ھېكايە: يۈسۈپنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى

يۈسۈپ مىسىر زېمىنىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، ئارانلا 17 ياشتا ئىدى. ئۇ يەردە، يۈسۈپ قۇل ئورنىدا پوتىفار ئىسىملىك بىر كىشىگە سېتىۋېتىلدى. پوتىفار بولسا مىسىرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋنگە خىزمەت قىلاتتى.

يۈسۈپ زىنداندا

يۈسۈپ خوجايىنى پوتىفار ئۈچۈن تىرىشىپ جاپالىق ئىشلىدى. شۇڭا، يۈسۈپ سەل چوڭراق بولغاندا، پوتىفار ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. ئۇنداقتا، يۈسۈپ زادى نېمە ئۈچۈن زىندانغا تاشلاندى؟ بۇ پوتىفارنىڭ خوتۇنى سەۋەبلىك.

يۈسۈپ چوڭ بولۇپ، ناھايىتى كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت بولدى. پوتىفارنىڭ خوتۇنى يۈسۈپ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىشنى ئارزۇ قىلدى. ئەمما، يۈسۈپ شۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ شۇنداق قىلىشنى رەت قىلدى. پوتىفارنىڭ خوتۇنى قاتتىق ئاچچىقلاندى. شۇڭا، ئېرى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇ خوتۇن ئېرىگە:‏ «يۈسۈپ دېگەن پەسكەش بىر نېمە، مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتماقچى بولدى»، دەپ يالغان ئېيتتى. پوتىفار خوتۇنىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، يۈسۈپكە ئىنتايىن غەزەپلەندى. شۇڭا، ئۇ يۈسۈپنى تۇتۇپ زىندانغا تاشلىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، زىندان باشلىقى يۈسۈپنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. شۇڭا، ئۇ يۈسۈپنى زىندانغا تاشلانغان بارلىق كىشىلەرنى باشقۇرۇشقا بەلىگىلەپ قويدى. كېيىن، فىرئەۋننىڭ باش ساقىيسى (شاراب قويغۇچى) بىلەن باش ناۋىيى، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. شۇڭا، فىرئەۋن ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى. بىر كۈنى كېچىسى، ئۇلار ھەر ئىككىسى ئالاھىدە چۈش كۆردى. ئەمما، ئۇلار كۆرگەن چۈشىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدى. ئەتىسى يۈسۈپ ئۇلارغا:‏ «كۆرگەن چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار»، دېدى. ئۇلار ئېيتىپ بەردى. يۈسۈپ پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ چۈشلىرىنى ئۆرۈپ، مەنىسىنى ئېيتىپ بەردى.

يۈسۈپ پەيغەمبەر باش ساقىيغا:‏ «ئۈچ كۈن ئىچىدە، سەن زىنداندىن چىقىپ، فىرئەۋننىڭ باش ساقىيسى بولىسەن»، دېدى. ئۇ يەنە:‏ «سەن زىنداندىن چىققاندىن كېيىن، مەن توغرۇلۇق فىرئەۋنگە ئېيتىپ، مېنىڭ بۇ يەردىن چىقىشىمغا ياردەم بەرگىن»، دېدى. لېكىن، يۈسۈپ باش ناۋايغا:‏ «ئۈچ كۈن ئىچىدە فىرئەۋن سېنىڭ كاللاڭنى كېسىدۇ»، دېدى.

ئۈچ كۈن ئىچىدە، دەل يۈسۈپ پەيغەمبەر ئېيتقاندەك ئىشلار يۈز بەردى. فىرئەۋن باش ناۋاينىڭ كاللىسىنى ئالدى. ئەمما، باش ساقىي زىنداندىن چىقىپ، يەنىلا فىرئەۋنگە خىزمەت قىلدى. لېكىن، باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى ۋە يۈسۈپ توغرۇلۇق فىرئەۋنگە ھېچ نېمە ئېيتمىدى. شۇڭا، يۈسۈپ يەنىلا زىنداندا قالدى.

يارىتىلىش 39:‏1-‏23؛ 40:‏1-‏23.



سوئاللار

  • يۈسۈپ مىسىرغا ئېلىپ بېرىلغاندا، قانچە ياشلاردا ئىدى؟ ئۇ يەرگە بارغاندا، يۈسۈپكە نېمە بولدى؟
  • يۈسۈپ نېمە سەۋەبتىن زىندانغا تاشلاندى؟
  • يۈسۈپ زىنداندا نېمە ئىش قىلىشقا بەلگىلەندى؟
  • فىرئەۋن زىندانغا تاشلىغان باش ساقىي ۋە باش ناۋاي ئۈچۈن، يۈسۈپ نېمە ئىش قىلدى؟
  • باش ساقىي زىنداندىن چىققاندىن كېيىن، نېمە ئىش بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 39:‏1-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يۈسۈپنىڭ زامانىدا، زىناخورلۇق ھەققىدە خۇدانىڭ يازما قانۇنلىرى يوق ئىدى. ئۇنداقتا، يۈسۈپنى پوتىفارنىڭ خوتۇنىنىڭ ئازدۇرۇشىنى رەت قىلىشقا نېمە ئۈندىدى؟ (يارىتىلىش 2:‏24؛ 20:‏3؛ 39:‏9)

  • يارىتىلىش 40:‏1-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يۈسۈپنىڭ يەھۋانىڭ ياردىمى ئارقىلىق باش ساقىينىڭ چۈشىنىڭ مەنىسىنى ئۆرۈپ بەرگەنلىكىنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ بايان قىلىڭ؟ (يارىتىلىش 40:‏9-‏13)

    باش ناۋاي قانداق چۈش كۆردى؟ ئۇنىڭ مەنىسى قانداق ئىدى؟ (يارىتىلىش 40:‏16-‏19)

    ئىشەنچلىك ۋە دانا قۇل بۈگۈنكى كۈندە يۈسۈپنى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟ (يارىتىلىش 40:‏8؛ زەبۇر 36:‏9؛ يۇھاننا 17:‏17؛ ئەلچىلەر 17:‏2، 3)

    يارىتىلىش 40:‏20، 22-‏ئايەتلەر، خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشكە بولغان كۆزقارىشىنى چۈشىنىشمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ۋەز 7:‏1؛ ماركۇس 6:‏21-‏28)