مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

23-‏ھېكايە: فىرئەۋننىڭ چۈشى

23-‏ھېكايە: فىرئەۋننىڭ چۈشى

ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، يۈسۈپ يەنىلا زىنداندا تۇرۇۋەردى. باش ساقىي ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. بىر كۈنى ئاخشىمى، فىرئەۋن غەلىتە ئىككى چۈش كۆردى ۋە چۈشىنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولدى. قاراڭ، ئۇنىڭ ئاۋۇ يەردە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەتىسى ئەتىگەندە، فىرئەۋن بارلىق دانىشمەنلىرىنى چاقىرتىپ، كۆرگەن چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. ئەمما، ئۇلار فىرئەۋن كۆرگەن چۈشنى ئۆرۈپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى.

مۇشۇ ۋاقىتتا، باش ساقىينىڭ ئېسىگە يۈسۈپ كەلدى. ئۇ فىرئەۋنگە:‏ «مەن زىندانغا تاشلانغاندا، ئۇ يەردە چۈشنى ئۆرۈپ، مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بىر كىشى بولىدىغان»، دېدى. فىرئەۋن دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى زىنداندىن چىقاردى.

فىرئەۋن كۆرگەن چۈشىنى يۈسۈپكە بايان قىلىپ:‏ «مەن يەتتە تۇياق ساغلام، سېمىز كالىنى كۆردۈم. كېيىن، يەتتە تۇياق سەت، ئۇرۇق قوتۇر كالىنى كۆردۈم. قوتۇر كالىلار سېمىز كالىلارنى يەپ كەتتى».

فىرئەۋننىڭ چۈشى

«ئىككىنچى چۈشۈمدە، تولۇق يېتىلگەن يەتتە دانە بۇغداي باشىقىنى كۆردۈم. كېيىن، قۇرۇپ قالغان پۇچەك يەتتە باشاقنى كۆردۈم. ئاشۇ پۇچەك باشاقلار تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتىۋالدى»، دەپ ئېيتىپ بەردى.

يۈسۈپ فىرئەۋنگە:‏ «ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش. يەتتە سېمىز كالا ۋە تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقنىڭ مەنىسى يەتتە يىل، ھەمدە يەتتە ئۇرۇق قوتۇر كالا ۋە پۇچەك يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. يەتتە يىل مىسىر زېمىنىدا ئاشلىق مول بولىدۇ. ئەمما، كېيىن ئاشلىق ئاز، ئاچارچىلىق يەتتە يىل بولىدۇ».

«شۇڭا، ئەقىللىق بىر كىشىنى تاللاپ، ئاشلىق مول بولىدىغان يەتتە يىلدا، ئاشلىق يىغىپ توپلاشقا قويسىلا، كېيىن كېلىدىغان ئاشلىق ئاز بولىدىغان يەتتە يىلدا، خەلقلەر ئاچارچىلىقتا قالمايدۇ»، دېدى.

فىرئەۋن بۇ تەكلىپنى ياقتۇردى. شۇڭا، ئۇ يۈسۈپنى ئاشلىق يىغىپ، توپلاپ ساقلاش ئۈچۈن باشقۇرغۇچى قىلىپ تاللىدى. فىرئەۋندىن قالسىلا، يۈسۈپ مىسىردىكى ئەڭ مۇھىم شەخسكە ئايلاندى.

سەككىز يىلدىن كېيىن، ئاچارچىلىق بولغان ۋاقىتتا، يۈسۈپ بەزى كىشىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردى. سىز بىلەمسىز، ئۇلار كىملەر؟ ئۇلار يۈسۈپنىڭ 10 ئاكىسى ئىدى! قاناندىكى يۇرتىدا ئاشلىق قالمىغاچ، دادىسى ياقۇپ پەيغەمبەر ئۇلارنى مىسىردىن ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇدى، ئەمما ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى. نېمە ئۈچۈن، ئۇلار تونۇمىدى بىلەمسىز؟ چۈنكى، يۈسۈپ چوڭ بولغان ھەمدە باشقىچە كىيىم كىيگەن ئىدى.

يۈسۈپ كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشىدە، ئاكىلىرىنىڭ ئۆزىگە باش ئېگىپ تەزىم قىلىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. يادىڭىزدا بولسا، بىز شۇ ئىشلار توغرىسىدا ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ خۇدانىڭ ياخشى بىر مەقسەت ئۈچۈن ئۆزىنى مىسىرغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. سىزنىڭچە، يۈسۈپ ئەمدى قانداق قىلىدۇ؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

يارىتىلىش 41:‏1-‏57؛ 42:‏1-‏8؛ 50:‏20.



سوئاللار

  • بىر كۈنى ئاخشىمى، فىرئەۋنگە نېمە بولدى؟
  • نېمە ئۈچۈن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىگە ئالدى؟
  • رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، فىرئەۋن قايسى ئىككى چۈشنى كۆردى؟
  • يۈسۈپ ئۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ چۈشەندۈردى؟
  • قانداق بولۇپ، يۈسۈپ مىسىر زېمىنىدا فىرئەۋندىنلا كېيىن تۇرىدىغان مۇھىم بىر شەخسكە ئايلاندى؟
  • نېمە ئۈچۈن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى مىسىرغا كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار يۈسۈپنى تونۇمىدى؟
  • يۈسۈپ قايسى چۈشنى ئېسىگە ئالدى؟ ئاشۇ چۈشنىڭ ياردىمىدە ئۇ نېمىنى چۈشىنىپ يەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 41:‏1-‏57-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يۈسۈپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى يەھۋاغا قارىتىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدى؟ بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار يۈسۈپنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (يارىتىلىش 41:‏16، 25، 28؛ مەتتا 5:‏16؛ 1-‏پېترۇس 2:‏12)

    قەدىمقى مىسىرنىڭ ئاشلىق مولچىلىق يىللىرى بىلەن ئاچارچىلىق يىللىرى، بۈگۈنكى كۈندىكى خۇدا خەلقى بىلەن خرىستىئان دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى روھىي ئەھۋالنى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ؟ (يارىتىلىش 41:‏29، 30؛ يەشايا 65:‏13، 14؛ ئاموس 8:‏11، 12)

  • يارىتىلىش 42:‏1-‏8؛ ۋە 50:‏20-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەگەر يۇرتلاردا، ئەمەلدارلارغا تازىم قىلىپ، ئۇلارغا ھۆرمەت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈش يەرلىك قائىدە-‏يۇسۇنى بار بولسا، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى شۇنداق قىلسا خاتا بولامدۇ؟ (يارىتىلىش 42:‏6)