مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

24-‏ھېكايە: يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنى سىناپ بېقىشى

24-‏ھېكايە: يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنى سىناپ بېقىشى

يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا رەزىل، شەپقەتسىز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. شۇڭا، ئۇ:‏ «سىلەر جاسۇس، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار»، دېدى.

ئۇلار:‏ «ياق، ئۇنداق ئەمەس. بىز راستچىل ئادەملەرمىز. بىز ھەممىمىز ئاكا-‏ئۇكالار، ئەسلىدە ئون ئىككى ئىدۇق. بىرى ئۆلۈپ كەتتى، يەنە بىر كىچىك ئىنىمىز ئاتىمىز بىلەن ئۆيدە قالدى»، دېدى.

يۈسۈپ ئۇلارغا ئىشەنمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئۇ شىمون ئىسىملىك ئاكىسىنى زىندانغا تاشلىتىپ، باشقىلىرىنى ئالغان ئاشلىقىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلدى. لېكىن، يۈسۈپ ئۇلارغا:‏ «قايتا كەلگىنىڭلاردا، كىچىك ئىنىڭلارنى چوقۇم بىرگە ئېلىپ كېلىڭلار»، دېدى.

ئۇلار قاناندىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى دادىسى ياقۇپقا سۆزلەپ بەردى. ياقۇپ كۆپ ھەسرەت چەكتى. ئۇ يىغلاپ:‏ «يۈسۈپ يوق بولدى. مانا ئەمدى شىمونمۇ يوق بولدى. كىچىك ئوغلۇم بىنيامىننى سىلەر بىلەن بارغۇزمايمەن»، دېدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاشلىقلىرى تۈگەشكە باشلىغاندا، ياقۇپ ئامالسىز ئۇلارنىڭ بىنيامىننى مىسىرغا ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى. شۇندىلا، ئۇلار كۆپرەك ئاشلىق سېتىۋالالايتتى.

يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇ كىچىك ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدى. ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ مۇھىم شەخسنىڭ يۈسۈپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئەلۋەتتە بىلمەيتتى. ھازىر يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا 10 ئاكىسىنى سىناپ كۆرمەكچى بولدى.

ئۇ خىزمەتكارلىرىنى، قېرىنداشلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق توشقۇزۇپ بېرىشكە، ئەمما ئۇلارغا ئۇقتۇرماستىن، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە كۈمۈش جامىنى بىنيامىننىڭ تاغىرىغا سېلىپ قويۇشقا بۇيرۇدى. ئۇلار قايتىپ، يىراقلاپ كەتمەستىلا، يۈسۈپ خىزمەتكارلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا ئەۋەتتى. خىزمەتكارلار ئۇلارنى قوغلاپ يېتىشكەندە، ئۇلارغا:‏ «نېمە ئۈچۈن سىلەر خوجايىننىڭ كۈمۈش جامىنى ئوغرىلاپ كېتىسىلەر؟»، دېدى.

ئاكا-‏ئۇكا قېرىنداشلار:‏ «بىز ئۇنىڭ جامىنى ئوغرىلىمىدۇق، ئەگەر ئۆزلىرى ئارىمىزدا قايسىمىزدىن جامنى تاپالىسا، شۇ كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن»، دېيىشتى.

شۇڭا، دەل مۇشۇ رەسىمدە كۆرگىنىڭىزدەك، خىزمەتكارلار ھەممە تاغارلارنى ئاختۇرۇپ، جامنى بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تاپتى. خىزمەتكارلار:‏ «باشقىلىرىڭلار كېتىڭلار، ئەمما بىنيامىن چوقۇم بىز بىلەن قايتىدۇ»، دېدى. ئۇنداقتا، ئاشۇ ئون ئاكا-‏ئۇكا قېرىنداشلار ئەمدى قانداق قىلماقچى؟

ئۇلار ھەممىسى بىنيامىن بىلەن يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە قايتتى. يۈسۈپ ئاكىلىرىغا:‏ «سىلەر ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار، پەقەت بىنيامىن ماڭا قۇل بولسۇن»، دېدى.

يەھۇدا سۆز قىلىپ:‏ «ئەگەر مەن بۇ بالىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەتمىسەم، دادام ئۆلۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ بالىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۇ بالا ئۆيىگە قايتىپ كەتسۇن، مەن قېلىپ ئۆزلىرىگە قۇل بولاي»، دېدى.

يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇلار بۇرۇنقىدەك رەزىل، شەپقەتسىز ئەمەس ئىدى. ئەمدى يۈسۈپنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

يارىتىلىش 42:‏9-‏38؛ 43:‏1-‏34؛ 44:‏1-‏34.

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەيىبلىنىشى


سوئاللار

  • يۈسۈپ نېمە ئۈچۈن ئاكىلىرىنى جاسۇس دەپ ئەيىبلىدى؟
  • ياقۇپ نېمە ئۈچۈن ئەڭ كىچىك ئوغلى بىنيامىننىڭ مىسىرغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى؟
  • يۈسۈپنىڭ جامى قانداق بولۇپ بىنيامىننىڭ تاغىرىغا كىرىپ قالدى؟
  • بىنيامىننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن يەھۇدا قانداق قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى؟
  • يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى قانداق ئۆزگەرگەن ئىدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يارىتىلىش 42:‏9-‏38-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يۈسۈپنىڭ يارىتىلىش 42:‏18-‏ئايەتتە ئېيتقان سۆزى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى نېمىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ (نەھەمىيا 5:‏15؛ 2-‏كورىنتلىقلار 7:‏1، 2)

  • يارىتىلىش 43:‏1-‏34-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە رۇبېن تۇنجى ئوغۇل بولسىمۇ، نېمە يەھۇدانىڭ ئاكا-‏ئۇكا قېرىنداشلارغا ۋەكىل بولۇپ سۆزلىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ؟ (يارىتىلىش 43:‏3، 8، 9؛ 44:‏14، 18؛ 1-‏تارىخنامە 5:‏2)

    يۈسۈپ ئاكىلىرىنى قانداق سىناپ باقتى؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟ (يارىتىلىش 43:‏33، 34)

  • يارىتىلىش 44:‏1-‏34-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئۆزىنى تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قەستەن ئۆزىنى نېمە ئىش قىلالايدىغان قىلىپ كۆرسەتتى؟ (يارىتىلىش 44:‏5، 15؛ لاۋىيلار 19:‏26)

    يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى ئىنىسىغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (يارىتىلىش 44:‏13، 33، 34)