مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

26-‏ھېكايە: ئايۇپنىڭ خۇداغا سادىق بولۇشى

26-‏ھېكايە: ئايۇپنىڭ خۇداغا سادىق بولۇشى

بۇ ئادەمگە ئىچىڭىز ئاغرىدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئىسمى ئايۇپ، ئۇ ئايال ئۇنىڭ خوتۇنى. ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئايۇپقا نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ «خۇدادىن تېنىپ ئۆلگىن»، دېدى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ شۇنچە كۆپ ئازاب چەككەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

بەدىنىنى جاراھەت قاپلاپ كەتكەن ئايۇپ

ئايۇپ ساداقەتمەن كىشى بولۇپ، يەھۋاغا ئىتائەت قىلاتتى. ئۇ قاناندىن ئانچە يىراق ئەمەس ئۇز دېگەن جايدا ياشايتتى. يەھۋا ئايۇپ پەيغەمبەرنى ئاجايىپ ياخشى كۆرەتتى. ئەمما، ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان بىرى بار ئىدى. سىز بىلەمسىز، ئۇ كىم؟

ئۇ بولسا ئىبلىس شەيتان ئىدى. يادىڭىزدا بارمۇ، شەيتان، ئۇ ئەسكى پەرىشتە، يەھۋانى ئۆچ كۆرىدۇ. شەيتان ئىلگىرى ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنى يەھۋاغا ئىتائەت قىلماسلىققا ھەرىكەت قىلدۇرغان. شۇڭا، ئۇ ئۆزىچە، مەن يەنە بارلىق كىشىلەرنى يەھۋاغا ئىتائەت قىلماسلىققا ھەرىكەت قىلدۇرالايمەن، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئۇ شۇنداق قىلالىدىمۇ؟ ياق. بىز ئوقۇپ ئۆتكەن ساداقەتمەن ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدە ئويلىنىپ، ئەسلەپ بېقىڭ. قانچىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بېرەلەيسىز؟

ياقۇپ ۋە يۈسۈپ پەيغەمبەرلەر مىسىردا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە يەھۋا خۇداغا ئەڭ سادىق بولغان كىشى ئايۇپ ئىدى. شۇڭا يەھۋا، شەيتاننىڭ بارلىق كىشىلەرنى يامانلىق قىلىشقا ھەرىكەت قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن:‏ «ئايۇپقا قارا، ئۇ ماڭا نەقەدەر سادىق»، دېگەن ئىدى.

شەيتان سۆز قىلىپ:‏ «ئۇنىڭ سادىق بولۇشى، ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنى ھەممە ياخشى نەرسىلەرگە ئىگە قىلغىنىڭ ئۈچۈندۇر. لېكىن، ئاشۇ نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ كەتسەڭ، ئۇ سەندىن تانىدۇ»، دېدى.

شۇڭا، يەھۋا:‏ «بارە، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ كەت. ئايۇپقا بارلىق يامانلىقلىرىڭنى قىل. كۆرۈپ باقايلى، ئۇ مېنىڭدىن تېنىپ كېتەمدۇ. ئەمما، ئۇنى ئۆلتۈرمىگىن»، دېدى.

ئاۋۋال، شەيتان ئوغرى-‏قاراقچىلارنى ئىشلىتىپ، ئايۇپنىڭ كالا ۋە تۆگە پادىلىرىنى ئېلىپ كەتتى ۋە قويلىرىنى ئۆلتۈردى. ئارقىدىن، قاتتىق بوران-‏چاپقۇن ئارقىلىق ئوغۇل-‏قىزلىرىنى، يەنى 10 پەرزەنتىنى ئۆلتۈردى. ئاخىرىدا، شەيتان ئايۇپنى قورقۇنچلۇق كېسەل بىلەن ئازابلىدى. ئايۇپ كۆپ جاپا-‏مۇشەققەت تارتتى. شۇ سەۋەب، خوتۇنى ئايۇپقا:‏ «خۇدادىن تېنىپ ئۆلگىن»، دېگەن ئىدى. لېكىن، ئايۇپ ئۇنداق قىلمىدى. كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ يالغان دوستى كېلىپ، ئۇنى يامان ئىش قىلغىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارغا دۇچار بولدۇڭ، دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما، ئايۇپ يەنىلا سادىقلىقنى ساقلىدى.

بۇ يەھۋانى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى. كېيىن، خۇددى سىز رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار يەھۋا ئايۇپنى بەرىكەتلىدى. خۇدا ئايۇپنىڭ كېسىلىنى ساقايتتى. ئايۇپ چىرايلىق كېلىشكەن 10 پەرزەنتكە قايتىدىن ئىگە بولدى. ھەمدە ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ قوي-‏كالا ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى.

سىزمۇ ئايۇپقا ئوخشاش، ھەمىشە يەھۋا خۇداغا سادىق بولامسىز؟ ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا سىزنىمۇ بەرىكەتلەيدۇ. پۈتكۈل يەر يۈزى ئېرەم بېغىغا ئوخشاش چىرايلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلگەندە، سىز مەڭگۈ ياشىيالايسىز

ئايۇپ 1:‏1-‏22؛ 2:‏1-‏13؛ 42:‏10-‏17

ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر


سوئاللار

  • ئايۇپ كىم؟
  • شەيتان نېمە ئىش قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولدى؟ ئەمما، ئۇ غەلبە قىلالىدىمۇ؟
  • يەھۋا شەيتاننىڭ نېمە ئىش قىلىشىغا رۇخسەت بەردى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • نېمە ئۈچۈن ئايۇپنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا:‏ «خۇدادىن تېنىپ ئۆلگىن»، دېدى؟ (رەسىمگە قاراڭ)
  • ئىككىنچى پارچە رەسىمگە قاراڭ، يەھۋا ئايۇپنى قانداق بەرىكەتلىدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • ئەگەر بىز ئايۇپقا ئوخشاش يەھۋاغا سادىق بولساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ئايۇپ 1:‏1-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە، خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئايۇپنى ئۆزىگە قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (ئايۇپ 1:‏1؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏15؛ 2-‏پېترۇس 3:‏14)

  • ئايۇپ 2:‏1-‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىگە، ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى قانداق ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىنكاسنى قايتۇردى؟ (ئايۇپ 2:‏9، 10؛ پەندى-‏ نەسىھەت 19:‏3؛ مىخا 7:‏7؛ مالاخى 3:‏14)

  • ئايۇپ 42:‏10-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئايۇپنىڭ بىر ئۆمۈر خۇداغا سادىق ياشاپ ئېرىشكەن مۇكاپاتى بىلەن ئەيسا بىر ئۆمۈر خۇداغا سادىق ياشاپ ئېرىشكەنلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئوخشاشلىقلار بار؟ (ئايۇپ 42:‏12؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏9-‏11)

    ئايۇپ خۇداغا سادىقلىقنى ساقلاش ئارقىلىق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇنى بىلىش ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟ (ئايۇپ 42:‏10، 12؛ ئىبرانىيلار 6:‏10؛ ياقۇپ 1:‏2-‏4، 12؛ 5:‏11)