مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

27-‏ھېكايە: ئەسكى بىر پادىشاھنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمران بولۇشى

27-‏ھېكايە: ئەسكى بىر پادىشاھنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمران بولۇشى

بۇ ئادەملەر ئاۋۇ كىشىلەرنى زورلاپ، جاپالىق ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. قارىڭە! ئاۋۇ ئادەم بىر ئىشچىنى قامچا بىلەن ئۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇ ئىشچىلار ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئىسرائىللار، دەپ ئاتالغانىدى. ئۇلارنى ئۇرۇپ، مەجبۇرىي ئىشقا سېلىۋاتقانلار بولسا مىسىرلىق ئادەملەر. ئىسرائىللار مىسىرلىقلارغا قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار قانداق بولۇپ قۇلغا ئايلىنىپ قالدى؟

مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلماقتا

ياقۇپنىڭ چوڭ ئائىلىسى نۇرغۇن يىللار مىسىردا تىنچ-‏ئامان تۇرمۇش كەچۈردى. مىسىردا فىرئەۋندىن كېيىن قالسىلا، يۈسۈپ پەيغەمبەر ئەڭ مۇھىم شەخس ئىدى. ئۇ بۇ چوڭ ئائىلىدىن خەۋەر ئالاتتى. ئەمما، يۈسۈپ ئۆلۈپ كەتتى. كېيىن ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرمەيدىغان يېڭى بىر فىرئەۋن مىسىرغا پادىشاھ بولدى.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ زالىم پادىشاھ ئىسرائىلارنى قۇل قىلغانىدى. ئۇ بىر قىسىم زالىم ۋە رەھىمسىز كىشىلەرنى ئىسرائىلارنى باشقۇرۇشقا قويدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى، فىرئەۋن ئۈچۈن شەھەر بىنا قىلىشقا مەجبۇرلاپ جاپالىق ئىشقا سالدى. ئەمما، ئىسرائىللارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ، كۈچىنىڭ زور بولۇپ كېتىشىدىن قورقتى.

مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلماقتا

شۇ سەۋەب، فىرئەۋننىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ ئىسرائىل ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشىغا ياردەم بېرىدىغان تۇغۇت ئانىلىرىغا:‏ «سىلەر چوقۇم بارلىق تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار»، دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئەمما، ئۇلار ياخشى ئاياللار ئىدى، بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى.

شۇڭا، فىرئەۋن بارچە مىسىر خەلقىگە:‏ «ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پەقەت قىز بوۋاقلىرىنى ھايات قالدۇرۇڭلار»، دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق بۇيرۇق؟! بىز بىرلىكتە، بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ قانداق ھايات قالغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى

چىقىش 1:‏6-‏22.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى، قولىدا قامچا تۇتقان ئادەم كىم؟ ئۇ كىمنى قامچىلاۋاتىدۇ؟
  • يۈسۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا نېمە بولدى؟
  • مىسىرلىقلار نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللاردىن قورقتى؟
  • فىرئەۋن، ئىسرائىل ئاياللارنىڭ تۇغۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ئاياللارغا نېمە دەپ بۇيرۇق قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 1:‏6-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسىنى قانداق يوللار بىلەن ئورۇنداشقا باشلىدى؟ (چىقىش 1:‏7؛ يارىتىلىش 12:‏2؛ ئەلچىلەر 7:‏17)

    ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە بولغان ھۆرمىتىنى، ئىبرانىي تۇغۇت ئانىلىرى قانداق كۆرسەتتى؟ (چىقىش 1:‏17؛ يارىتىلىش 9:‏6)

    ئىبرانىي تۇغۇت ئانىلىرى يەھۋاغا سادىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشتى؟ (چىقىش 1:‏20، 21؛ پەندى-‏نەسىھەت 19:‏17)

    ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ھەققىدە يەھۋانىڭ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، شەيتان نېمە ئىش قىلىشقا ئۇرۇندى؟ (چىقىش 1:‏22؛ مەتتا 2:‏16)