مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

28-‏ھېكايە: مۇسانىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قېلىنىشى

28-‏ھېكايە: مۇسانىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قېلىنىشى

بۇ بوۋاق بالىغا قارىڭە! ئۇنىڭ يىغلاپ كەتكىنىنى، ھەمدە ئايالنىڭ بارمىقىنى مەھكەم تۇتىۋاپتۇ. ئۇ بوۋاق مۇسا. بىلەمسىز، ئۇ چىرايلىق ئايال كىم؟ ئۇ مىسىرلىق مەلىكە، فىرئەۋننىڭ ئۆز قىزى.

فىرئەۋننىڭ قىزنىڭ مۇسانى تېپىۋېلىشى

مۇسانىڭ ئانىسى مىسىرلىقلارنىڭ مۇسانى ئۆلتۈرۈشىنى خالىمايتتى. شۇڭا، ئۇ بوۋىقىنى ئۈچ ئايلىق بولغىچە يوشۇردى. بىراق، ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھامان مۇسانى تېپىۋالىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ مۇسانى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن مۇنداق قىلدى.

ئۇ بىر سېۋەتنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا سۇ كىرمەيدىغان قىلدى. ئاندىن مۇسانى سېۋەتكە سېلىپ، سېۋەتنى نىل دەريا بويىدىكى قۇمۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى. ھەمدە ئۇ مۇسانىڭ ئاچىسى مەريەمنى يېقىن جايدا، نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىغا قاراپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، فىرئەۋننىڭ قىزى نىل دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. تۇيۇقسىز، ئۇ قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىغا:‏ «ئۇنى ماڭا ئېلىپ كەل»، دەپ بۇيرۇدى. مەلىكە سېۋەتنى ئېچىپ، ناھايىتى ئۇماق بىر بوۋاقنى كۆردى! كىچىك مۇسا يىغلاۋاتاتتى. مەلىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى ۋە باشقىلارنىڭ بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىنى خالىمىدى.

مەريەم ئۇ يەرگە كەلدى. قاراڭ، رەسىمدىن ئۇنى تاپالايسىز. مەريەم فىرئەۋننىڭ قىزىدىن:‏ «مەن بېرىپ، سىز ئۈچۈن بوۋاققا قاراپ بېرىدىغان ئىسرائىل ئايالدىن بىرنى چاقىرىپ كېلەيمۇ؟»، دەپ سورىدى.

مەلىكە:‏ «ماقۇل، بارغىن»، دېدى.

مەريەم تېز يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئانىسىغا ئېيتتى. مۇسانىڭ ئانىسى مەلىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مەلىكە:‏ «بۇ بوۋاقنى ئېلىپ بېرىپ، مەن ئۈچۈن بېقىپ بەر، مەن ساڭا ئىش ھەققى بېرىمەن»، دېدى.

شۇنداق قىلىپ، مۇسانىڭ ئانىسى بوۋىقىنى ئۆزى باقالايدىغان بولدى. كېيىن، مۇسا سەل چوڭراق بولغاندا، ئۇنى فىرئەۋننىڭ قىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە مۇسانى ئۆز ئوغلى ئورنىدا بېقىۋالدى. بۇ مۇسانىڭ نېمە ئۈچۈن فىرئەۋنىڭ ئوردىسىدا چوڭ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر

چىقىش 2:‏1-‏10.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئۇ بوۋاق كىم؟ ئۇ كىمنىڭ بارمىقىنى تۇتىۋالغانىدى؟
  • ئانىسى مۇسانى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدى؟
  • رەسىمدىكى ئاۋۇ كىچىك قىز كىم؟ ئۇ نېمە ئىش قىلدى؟
  • فىرئەۋنىڭ قىزى بوۋاقنى تېپىۋالغاندا، مەريەم قانداق تەكلىپ-‏پىكىرنى بەردى؟
  • مەلىكە مۇسانىڭ ئانىسىغا نېمە دېدى؟

قوشۇمچە سوئال

  • چىقىش 2:‏1-‏10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇسانىڭ ئانىسى، مۇسانى بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ تەلىم-‏تەربىيەگە ئىگە قىلىدىغان قانداق پۇرسەتكە ئېرىشتى؟ بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن ئۇ قانداق ئۈلگە قالدۇردى؟ (چىقىش 2:‏9، 10؛ تەكرار قانۇن 6:‏6-‏9؛ پەندى-‏نەسىھەت 22:‏6؛ ئەفەسلىكلەر 6:‏4؛ 2-‏تىموتىي 3:‏15)