مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

29-‏ھېكايە: مۇسانىڭ قېچىپ كېتىشى

29-‏ھېكايە: مۇسانىڭ قېچىپ كېتىشى

قارىڭە! مۇسا مىسىردىن قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئادەملەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىرلىكتە قاراپ باقايلى، سەۋەبىنى تېپىپ چىقالامدۇق!؟

مۇسا مىسىردىن قېچىپ كېتىۋاتىدۇ

مۇسا مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانى فىرئەۋننىڭ ئوردىسىدا چوڭ بولدى. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى بولغانىدى. مۇسا ئۆزىنىڭ مىسىرلىق ئەمەسلىكىنى؛ ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاتا-‏ئانىسىنىڭ قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىسرائىللار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

مۇسا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. بىر كۈنى، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى. ئۇلار بەكمۇ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىدى. مۇسا بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىسرائىل قۇلنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. مۇسا تۆت ئەتراپىغا قارىدى. ھېچ كىشى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى.

ئەتىسى مۇسا ئۆز خەلقىنى كۆرگىلى يەنە باردى. مۇسا، ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلارنىڭ قۇل قىلىشىدىن ئازاد بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيمەن، دەپ ئويلىغانىدى. ئۇ ئۇرۇش-‏جېدەل قىلىۋاتقان ئىككى ئىسرائىل كىشىنى كۆرۈپ قالدى. شۇڭا، مۇسا خاتا قىلغان بىرىگە:‏ «نېمىشقا قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟»، دېدى.

ئۇ كىشى:‏ «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ؟ سەن مېنىمۇ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟»، دېدى.

مۇسا مانا ئەمدى قورقتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەنىدى. ھەتتا، فىرئەۋن بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، مۇسانى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى. بۇ مۇسانىڭ نېمە ئۈچۈن مىسىردىن قېچىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر.

مۇسا مىسىردىن ئايرىلىپ، يىراقلارغا قېچىپ مىدىيان دېگەن جايغا باردى. ئۇ جايدا، مۇسا يېترونىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە ئۇنىڭ قىزلىرىدىن زىپورە ئىسىملىك بىرى بىلەن توي قىلدى. مۇسا پادىچى بولۇپ، يېترونىڭ قويلىرىنى باقتى. ئۇ مىدىياندا 40 يىل تۇردى. ئەمدى ئۇ 80 ياشقا كىرگەن ئىدى. بىر كۈنى، مۇسا يېترونىڭ قويىنى بېقىۋاتقاندا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. كېيىنكى بەتنى ئېچىپ، زادى قانداق ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.

چىقىش 2:‏11-‏25؛ ئەلچىلەر 7:‏22-‏29.



سوئاللار

  • مۇسا قەيەردە چوڭ بولدى؟ مۇسا ئاتا-‏ئانىسىنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتى؟
  • مۇسا 40 ياشقا كىرگەندە، نېمە ئىش قىلدى؟
  • مۇسا ئۇرۇش-‏جېدەل قىلىۋاتقان بىر ئىسرائىل كىشىگە نېمە دېدى؟ ئۇ كىشى مۇساغا نېمە دەپ جاۋاب قايتۇردى؟
  • مۇسا نېمە ئۈچۈن مىسىردىن قېچىپ كەتتى؟
  • مۇسا قېچىپ قەيەرگە باردى؟ ئۇ يەردە كىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى؟
  • مۇسا مىسىردىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، 40 يىل نېمە ئىش قىلدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 2:‏11-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نۇرغۇن يىللار مىسىرلىقلارنىڭ ئىلىم-‏ھېكمەتلىرىنى ئۆگەنگىنىگە قارىماي، مۇسا يەھۋا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (چىقىش 2:‏11، 12؛ ئىبرانىيلار 11:‏24)

  • ئەلچىلەر 7:‏22-‏29-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇسا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئىسرائىللارنى مىسىرلىقلاردىن قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن، بىز قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ (ئەلچىلەر 7:‏23-‏25؛ 1-‏پېترۇس 5:‏6، 10)