مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

30-‏ھېكايە: تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى

30-‏ھېكايە: تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى

مۇسا قويلىرى ئۈچۈن ئوتلاق ئىزدەپ، ئۇزۇن يول يۈرۈپ ھورىب تېغىغا كەلگەنىدى. بۇ يەردە، ئۇ تىكەنلىكتە ئوت يېنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىكەنلىكنىڭ كۆيۈپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى!

مۇسا كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە

مۇسا:‏ «بۇ غەلىتە ئىشقۇ، يېقىنراق بېرىپ قاراپ باقايچۇ!»، دەپ ئويلىدى. ئۇ يېقىن كەلگەندە، تىكەنلىكتىن بىر ئاۋاز چىقىپ:‏ «بۇ يەرگە يېقىن كەلمە، ئايىقىڭنى سالغىن، چۈنكى سەن تۇرۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر»، دېدى. پەرۋەردىگار يەھۋا پەرىشتىسى ئارقىلىق مۇساغا سۆز قىلغانىدى. شۇڭا، مۇسا يۈزىنى ئېتىۋالدى.

ئاندىن كېيىن، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا:‏ «مەن خەلقىمنىڭ مىسىردا ئازاب-‏ئوقۇبەت تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز خەلقىمنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا مەن سېنى ئەۋەتىمەن»، دېدى. يەھۋا ئۆز خەلقىنى گۈزەل زېمىن قانانغا ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىدى.

ئەمما، مۇسا يەھۋا خۇداغا:‏ «مەن قانچىلىك ئۇلۇغ ئادەم ئىدىم؟ بۇ ئىشنى قانداقمۇ قىلالايمەن؟ لېكىن، مەن بارغان بىلەنمۇ، ئىسرائىللار ماڭا:‏ «سېنى كىم ئەۋەتتى؟»، دېسە، ئۇنداقتا، نېمە دەيمەن؟»، دېدى.

پەرۋەردىگار، ئۇ جاۋاب بېرىپ:‏ «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان يەھۋا، مېنى سىلەرگە ئەۋەتتى دېگن»، دېدى. يەھۋا يەنە:‏ «بۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئىسمىم»، دېدى.

بىراق، مۇسا پەيغەمبەر يەھۋاغا:‏ «مېنى خۇدا ئەۋەتتى دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمىسىچۇ»، دېدى.

يەھۋا خۇدا مۇسادىن:‏ «قولۇڭدىكى نېمە؟»، دەپ سورىدى.

مۇسا:‏ «تاياق»، دەپ جاۋاب بەردى.

پەرۋەردىگار:‏ «ئۇنى يەرگە تاشلا»، دەپ بۇيرۇدى. مۇسا پەيغەمبەر ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، تاياق يىلانغا ئايلاندى. ئاندىن كېيىن، ئاللا يەھۋا مۇساغا يەنە بىر مۆجىزە كۆرسەتتى. ئۇ مۇساغا:‏ «قولۇڭنى قوينۇڭغا سال»، دېدى. مۇسا شۇنداق قىلدى. ئۇ قولىنى چىقارغىنىدا، ئۇنىڭ قولى خۇددى ئاپئاق قارغا ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى! ئۇنىڭ قولى قارىماققا ماخاۋ، دەپ ئاتىلىدىغان يامان كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىن، يەھۋا مۇساغا ئۈچىنچى مۆجىزىنى كۆرسىتىدىغان كۈچنى ئاتا قىلدى. ئاخىرىدا، ئۇ مۇساغا:‏ «سەن مۇشۇ مۆجىزىلەرنى قىلغىنىڭدا، ئىسرائىللار سېنى مېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىمگە ئىشىنىدۇ»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، مۇسا يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ:‏ «مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىمنىڭ قانداق تۇرغانلىقىنى كۆرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايسىز»، دېدى. يېترو مۇساغا ئاق يول تىلىدى. مۇسا پەيغەمبەر مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندى.

چىقىش 3:‏1-‏22؛ 4:‏1-‏20.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى تاغنىڭ ئىسمى نېمە؟
  • مۇسا قويلىرىنى ھەيدەپ تاغقا بارغاندا، ئۇ كۆرگەن غەلىتە ئىشنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ؟
  • كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتىن چىققان ئاۋاز نېمە دېدى؟ ئۇ كىمنىڭ ئاۋازى؟
  • خۇدا مۇساغا ئۆز خەلقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغاندا، مۇسا قانداق جاۋاب بەردى؟
  • ئەگەر خەلق مۇسادىن سېنى كىم ئەۋەتتى، دەپ سورىسا، خۇدا ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى ئۆگەتتى؟
  • مۇسا خەلققە ئۆزىنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىيالايتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 3:‏1-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئۆزىمىزنى ئىلاھىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئىقتىدارىمىز يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلغىنىمىزدا، خۇدانىڭ قوللاپ-‏قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىمىزغا، مۇسانىڭ كەچۈرمىشى قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (چىقىش 3:‏11، 13؛ 2-‏كورىنتلىقلار 3:‏5، 6)

  • چىقىش 4:‏1-‏20-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قىرىق يىل مىدىيان زېمىنىدا ياشاش جەريانىدا، مۇسانىڭ مىجەز-‏خۇلقىدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇشقا ئىنتىلگەنلەر، مۇسادىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟ (چىقىش 2:‏11، 12؛ 4:‏10، 13؛ مىخا 6:‏8؛ 1-‏تىموتىي 3:‏1، 6، 10)

    مۇسانى ئويلاپ كۆرسەك، يەھۋا ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق بىزگە تەربىيە بەرگەندە، نېمىگە ئىشەنچ قىلالايمىز؟ (چىقىش 4:‏12-‏14؛ زەبۇر 103:‏14؛ ئىبرانىيلار 12:‏4-‏11)