مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

31-‏ھېكايە: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ فىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈشى

31-‏ھېكايە: مۇسا ۋە ھارۇننىڭ فىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈشى

مۇسا پەيغەمبەر مىسىرغا قايتىپ كېلىپ، بارلىق مۆجىزىلەر توغرىسىدا ئاكىسى ھارۇنغا ئېيتىپ بەردى. مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارغا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يەھۋانىڭ مۇسا پەيغەمبەر بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىگە بارلىق خەلق ئىشەندى.

ئاندىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن فىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇلار ئۇنىڭغا:‏ «ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى يەھۋا، ‹خەلقىمنى ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ، چۆل-‏باياۋاندا ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بارغىلى قوي›، دەيدۇ»، دېدى. ئەمما فىرئەۋن:‏ «مەن يەھۋاغا ئىشەنمەيمەن، ھەمدە ئىسرائىللارنىمۇ بارغىلى قويمايمەن»، دەپ جاۋاب بەردى.

خەلق ئىش توختىتىپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلماقچى بولغىنى ئۈچۈن، فىرئەۋن قاتتىق ئاچچىقلاندى. شۇڭا، ئۇ ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئىسرائىللار ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق خورلىنىپ جاپا تارتقىنىنى مۇسادىن كۆرۈپ، ئۇنى ئەيىبلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسا بەكمۇ بىئارام بولدى. ئەمما، يەھۋا ئۇنىڭغا غەم قىلماسلىقنى ئېيتىپ:‏ «مەن چوقۇم فىرئەۋننى مېنىڭ خەلقىمنى كەتكىلى قويىدىغان قىلىمەن»، دېدى.

مۇسا بىلەن ھارۇن فىرئەۋننىڭ ئالدىدا

مۇسا بىلەن ھارۇن فىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكىلى يەنە باردى. بۇ قېتىم ئۇلار بىر مۆجىزە كۆرسەتكەن ئىدى. ھارۇن تايىقىنى يەرگە تاشلىدى، تاياق چوڭ يىلانغا ئايلاندى. ئەمما، فىرئەۋننىڭ قول ئاستىدىكى دانىشمەنلەرمۇ تايىقىنى يەرگە تاشلىدى، ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلىنىپ كەتتى. بىراق، قارىڭە! ھارۇننىڭ يىلىنى، دانىشمەنلەرنىڭ يىلىنىنى يەپ كەتتى. فىرئەۋن يەنىلا ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدى.

شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا فىرئەۋنگە ئۆز كۈچ-‏قۇدرىتىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى. ئۇنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ يەھۋا مىسىرغا ئون ئاپەت ياغدۇردى.

نۇرغۇن ئاپەتلەردىن كېيىن، فىرئەۋن مۇساغا ئادەم ئەۋەتىپ:‏ «ئاپەتنى توختات، مەن ئىسرائىللارنى ماڭغىلى قويىمەن»، دېدى. بىراق، ئاپەت توختىغاندا، فىرئەۋن گېپىدىن يېنىۋالدى. ئۇ خەلقنى ماڭغىلى قويمىدى. ئەمما، ئونىنچى ئاپەتتىن كېيىن، ئاخىرى فىرئەۋن ئىسرائىللارنى ماڭغىلى قويدى.

قايسى 10 ئاپەت، سىز بىلەمسىز؟ ئاشۇ ئاپەتلەر توغرىسىدىكى ھېكايىنى بىرلىكتە ئوقۇپ باقايلى.

چىقىش 4:‏27-‏31؛ 5:‏1-‏23؛ 6:‏1-‏13، 26-‏30؛ 7:‏1-‏13.



سوئاللار

  • مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسرائىل خەلقىگە مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەندە، خەلق نېمىگە ئىشەندى؟
  • مۇسا بىلەن ھارۇن فىرئەۋنگە نېمە دېدى؟ فىرئەۋن قانداق جاۋاب قايتۇردى؟
  • رەسىمدىن كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، ھارۇن تاياقنى يەرگە تاشلىغاندا نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • يەھۋا فىرئەۋننى قانداق ئەدەبلەپ قويدى؟ فىرئەۋن قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟
  • ئونىنچى ئاپەتتىن كېيىن، نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 4:‏27-‏31 ۋە 5:‏1-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    فىرئەۋن:‏ «مەن يەھۋانى تونۇمايمەن»، دېگىنىدە، نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى؟ (چىقىش 5:‏2؛ 1-‏سامۇئىل 2:‏12؛ رىملىقلار 1:‏21)

  • چىقىش 6:‏1-‏13، 26-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆزۈمنى ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپقا تونۇتمۇدۇم، دەيدۇ؟ (چىقىش 3:‏13، 14؛ 6:‏3، ب ج؛ يارىتىلىش 12:‏8، ب ج؛22:‏14)

    تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا، مۇسا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلغان بولسىمۇ، يەھۋا يەنىلا مۇسانى ئىشلەتكەن ئىدى. بۇ نۇقتىنى بىلىش، بىزنى نېمە ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ (چىقىش 6:‏12، 30؛ لۇقا 21:‏13-‏15)

  • چىقىش 7:‏1-‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇسا ۋە ھارۇن جاسارەتلىك بىلەن يەھۋانىڭ ھۆكۈمىنى فىرئەۋنگە يەتكۈزگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۇلارنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (چىقىش 7:‏2، 3، 6؛ ئەلچىلەر 4:‏29-‏31)

    يەھۋا ئۆزىنىڭ مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان، تەڭدىشى يوق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (چىقىش 7:‏12؛ 1-‏تارىخنامە 29:‏12)