مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

33-‏ھېكايە: قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈش

33-‏ھېكايە: قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈش

نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، قاراپ بېقىڭە! مۇسا پەيغەمبەر قولىدىكى تاياقنى قىزىل دېڭىزغا قارىتىپ سۇندى. دېڭىزنىڭ بۇ قىرغىقىدا مۇسا بىلەن بىللە تۇرغان ئىسرائىللار ئامان قالدى. ئەمما، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بولسا دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى. مۇشۇ ئىشلارنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

مىسىر قۇشۇنلىرىنىڭ سۇغا غەرق بولۇشى

بىز بۇرۇن ئۆگەنگەندەك، يەھۋا مىسىرلىقلارغا ئونىنچى ئاپەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، فىرئەۋن ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقىپ كېتىڭلار، دېگەن ئىدى. تەخمىنەن 600000 چە ئىسرائىل ئەر، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلار مىسىردىن ئايرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرمۇ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرگە ئايرىلدى. ئۇلار يەنە قوي، ئۆچكە ۋە كالا پادىلىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭدى.

ئۇلار ئايرىلىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىللار مىسىرلىقلاردىن كىيىم-‏كېچەك ۋە ئالتۇن-‏ كۈمۈشتىن ياسالغان نەرسىلەرنى سورىدى. مىسىرلىقلار ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتتىن بەكمۇ قورقۇپ كەتكەنىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىسرائىللار سورىغان نەرسىلەرنى بەردى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئىسرائىللار قىزىل دېڭىز بويىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە ئارام ئالدى. بۇ ۋاقىتتا، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى كەتكىلى قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا، ئۇلار:‏ «ھەي، بىز قۇللارنىڭ كېتىشىگە يول قويۇپتۇق!»، دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن، فىرئەۋن يەنە بىر قېتىم گېپىدە تۇرمىدى. ئۇ دەرھال جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى تەييار قىلدى. ئۇ ئالاھىدە 600 جەڭ ھارۋىسى ۋە مىسىردىكى باشقا بارلىق جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن، ئىسرائىللارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا باشلىدى.

ئىسرائىللار فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇشتى. قاچىدىغان ھېچقانداق يول يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا قىزىل دېڭىز تۇراتتى، ئارقىسىدا بولسا مىسىرلىقلار قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. بىراق، يەھۋا ئىسرائىللار بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىغا بۇلۇت پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى كۆرەلمىدى، ھەمدە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمىدى.

ئاندىن كېيىن، يەھۋا مۇسانى تايىقىنى قىزىل دېڭىزغا قارىتىپ ئۇزىتىشقا بۇيرۇدى. مۇسا شۇنداق قىلغاندا، يەھۋا كۈچلۈك شەرق شامىلى پەيدا قىلىپ، قىزىل دېڭىز سۈيى بۆلۈنۈپ، سۇ ئىككى تەرەپكە تامدەك كۆتۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. نەچچە مىليون ئادەم ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق مال-‏چارۋىلىرىنىڭ بىخەتەر دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن بىرقانچە سائەت ۋاقىت كەتتى. مىسىرلىقلار ئاخىرى ئىسرائىللارنى كۆرەلىدى. ئۇلارنىڭ قۇللىرى قېچىپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا، مىسىرلىقلار ئالدىراپ ئارقىسىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىردى.

ئۇلار دېڭىزغا كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى چىقىرىۋەتتى. مىسىرلىقلار بەك قورقۇپ كەتتى، ھەمدە:‏ «يەھۋا ئىسرائىللارغا ياردەم قىلىپ، بىز بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن قاچايلى!»، دەپ ۋارقىراشتى. ئەمما، ئۇلار تولىمۇ كېچىككەن ئىدى.

بۇ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىز، يەھۋا بۇيرۇغاندەك، مۇسا تايىقىنى دېڭىزغا قارىتىپ ئۇزىتىۋاتقان پەيت. مۇسا شۇنداق قىلغاندا، تامدەك كۆتۈرۈلگەن سۇلار ئەسلىگە قايتىپ، مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى سۇغا غەرق بولدى. بارلىق مىسىرلىق ئەسكەرلەر ئىسرائىللارنى قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەنىدى. شۇڭا، بىرمۇ مىسىرلىق ھايات قالمىدى!

خۇدانىڭ بارلىق خەلقى قۇتۇلۇپ، قانچىلىك خۇشال-‏خۇراملىققا چۆمگەندۇ، ھە! ئىسرائىل ئەرلەر يەھۋانى مەدھىيىلەپ:‏ «يەھۋا شانلىق غەلبە قۇچتى. ئۇ ئاتلارنى ۋە ئات مىنگۈچىلەرنى دېڭىزغا غەرق قىلدى»، دېيىشتى. مۇسانىڭ ئاچىسى مەريەم داپ چالدى، باشقا ئاياللارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ داپ چېلىپ، ئۇسۇل ئوينىدى ۋە ئەرلەرگە قوشۇلۇپ:‏ «يەھۋا شانلىق غەلبە قۇچتى. ئۇ ئاتلارنى ۋە ئات مىنگۈچىلەرنى دېڭىزغا غەرق قىلدى»، دەپ ناخشا ئېيتىشتى.

چىقىش 12-‏بابتىن 15-‏بابقىچە.



سوئاللار

  • ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئېلىپ، مىسىردىن ئايرىلغان ئىسرائىل ئەرلەرنىڭ سانى قانچە؟ يەنە كىملەر ئۇلار بىللە ماڭدى؟
  • ئىسرائىللارنى كەتكىلى قويغاندىن كېيىن، فىرئەۋن قانداق ھېس قىلدى؟ شۇنىڭ بىلەن، ئۇ نېمە ئىش قىلدى؟
  • مىسىرلىقلارنى ئۆز خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن، يەھۋا نېمە ئىش قىلدى؟
  • مۇسا قولىدىكى تايىقىنى قىزىل دېڭىزغا قارىتىپ ئۇزاتقاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟ شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىل خەلقى نېمە ئىش قىلدى؟
  • مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئارقىسىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەندىن كېيىن، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • يەھۋانىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولغان ۋە مىننەتدار بولغانلىقىنى ئىسرائىل خەلقى قانداق كۆرسەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 12:‏33-‏36-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ نۇرغۇن يىللار مىسىرلىقلارغا قۇل بولۇپ ئىشلىگەن ئەجىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قانداق ھەققە ئېرىشتۇردى؟ (چىقىش 3:‏21، 22؛ 12:‏35، 36)

  • چىقىش 14:‏1-‏31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇسانىڭ چىقىش 14:‏13، 14-‏ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن سۆزلىرى، بۈگۈنكى كۈندىكى يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئارماگېدون ئۇرۇشىغا يۈزلىنىشىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (2-‏تارىخنامە 20:‏17؛ زەبۇر 91:‏8)

  • چىقىش 15:‏1-‏8، 20، 21-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتىشى كېرەك؟ (چىقىش 15:‏1، 2؛ زەبۇر 105:‏2، 3؛ ۋەھىيلەر 15:‏3، 4)

    قىزىل دېڭىز بويىدا، مەريەم ۋە باشقا ئاياللارنىڭ يەھۋانى مەدھىيىلىشى، بۈگۈنكى كۈندە ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا قانداق ئۈلگە بولالايدۇ؟ (چىقىش 15:‏20، 21؛ زەبۇر 68:‏11)