مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

3-‏قىسىم: مىسىردىن چىقىشتىن، ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھىغىچە

3-‏قىسىم: مىسىردىن چىقىشتىن، ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھىغىچە

مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى باشلاپ مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ سىناي تېغىغا يېتىپ كەلگەندە، خۇدا ئۇلارغا قانۇن چۈشۈردى. كېيىن، مۇسا قانان زېمىنىنى چارلاپ كېلىش ئۈچۈن 12 كىشىنى پايلاقچىلىققا ئەۋەتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 10 كىشى پايدىسىز مەلۇمات ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، خەلق مىسىرغا قايتىپ كەتمەكچى بولۇشتى. ئىمان-‏ئېتىقادىنىڭ ئاجىزلىقىدىن يەھۋا خۇدا ئىسرائىللارنى جازالىدى؛ ئۇلار 40 يىل چۆلدە مۇساپىر بولۇپ يۈردى.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئىسرائىللارنى قانان زېمىنىغا باشلاپ كىرىشكە يەشۇ تاللاندى. يەھۋا ئىسرائىللارنىڭ شۇ زېمىنغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. يەنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنى توختاتتى؛ ئېرىخا شەھىرىنىڭ تاملىرىنى ئۆرۈدى؛ قۇياشنى پۈتۈن كۈن بىر جايىدا توختىتىپ تۇردى. ئالتە يىلدىن كېيىن، ئاشۇ زېمىن قانانلىقلاردىن تارتىپ ئېلىندى.

يەشۇدىن باشلاپ، ئىسرائىل 356 يىل ھاكىملارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. بىز ھاكىملارنىڭ بەزىلىرى، يەنى باراق، گىدېئون، يىفتاخ، شىمشون ۋە سامۇئىللار توغرىسىدا ئۆگىنىمىز. بىز يەنە راھاب، دېبورا، يائېل، رۇت، نائومى ۋە دىلەيلاھ دېگەن ئاياللار ھەققىدە ئوقۇيمىز. 3-‏قىسىم، جەمئىي 396 يىللىق تارىخى ۋەقەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئىبادەت چېدىرى