مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

34-‏ھېكايە: يېڭى بىر خىل يېمەكلىك

34-‏ھېكايە: يېڭى بىر خىل يېمەكلىك

ئۇلارنىڭ يەردىن نېمىنى يىغىپ ئېلىۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەلەمسىز؟ ئۇ نەرسە قىراۋغا ئوخشاش ئاپئاق ھەم نېپىز. ئەمما ئۇ قىراۋ ئەمەس، بەلكى يەيدىغان نەرسە.

ئىسرائىل خەلقى ماننا يىغىۋاتىدۇ

ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغىلى ئەمدىلا بىر ئايچە ۋاقىت بولغانىدى. ئۇلار ھازىر چۆلدە بولۇپ، بۇ يەردە يېمەكلىك ئىزدەپ تېپىش بەكمۇ قېيىن ئىدى. شۇڭا، كىشىلەر ئاغرىنىپ:‏ «يەھۋا بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتسە بولماسمىدى. ھېچبولمىغاندا، ئۇ يەردە بىز خالىغان يېمەكلىكنى تويغۇدەك يەيتۇق»، دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا:‏ «مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن»، دېدى. ئۇ دەل شۇنداق قىلدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئىسرائىللار ئاسماندىن چۈشكەن بۇ ئاپئاق نەرسىنى كۆرگەندە، ئۇلار بىر-‏بىرىدىن:‏ «بۇ نېمە؟»، دەپ سوراشتى.

مۇسا پەيغەمبەر ئۇلارغا:‏ «بۇ يەھۋا سىلەرگە بەرگەن يېمەكلىك»، دېدى. كىشىلەر ئۇنى ماننا، دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ تەمى ھەسەل قوشۇلغان نېپىز نانغا ئوخشايتتى.

مۇسا پەيغەمبەر كىشىلەرگە:‏ «سىلەر ھەر بىرىڭلار ئۆزۈڭلار تويغۇدەك يىغىۋېلىشىڭلار كېرەك»، دېدى. شۇڭا، ھەر كۈنى سەھەردە ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئەمما، قۇياش نۇرى يەرنى قىزىتقاندا، يەر يۈزىدە ئېشىپ قالغان ماننا ئېرىپ كېتەتتى.

مۇسا ئۇلارغا يەنە:‏ «ھېچقايسىڭلار، ماننىنى ئەتىسى ئۈچۈن ئاشۇرۇپ قويماڭلار»، دېدى. بىراق، بەزىلەر قۇلاق سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن نېمە ئىش يۈز بەردى، بىلەمسىز؟ ئۇلار ئەتىسى ئەتىگەنگە قالدۇرۇپ قويغان ماننا قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى!

لېكىن، ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، يەھۋا كىشىلەرگە بىر ھەسسە ئارتۇق ماننا يىغىۋېلىشنى ئېيتتى. ئۇ كۈن بولسا ئالتىنچى كۈنى ئىدى. يەھۋا ئۇلارغا ئەتىسى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇشنى ئېيتتى. چۈنكى، ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئاسماندىن ھېچقانداق ماننا ياغدۇرمايتتى. ئۇلار يەتتىنچى كۈنى ئۈچۈن ماننىنى ئاشۇرۇپ قويغاندا، قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتمىدى! بۇ يەنە بىر مۆجىزە!

ئىسرائىللار چۆلدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ئاشۇ يىللاردا، يەھۋا داۋاملىق ئۇلارنى ماننا ئارقىلىق تويغۇزدى.

چىقىش 16:‏1-‏36؛ سانلار 11:‏7-‏9؛ يەشۇ 5:‏10-‏12



سوئاللار

  • رەسىمدە، كىشىلەر يەردىن نېمىنى يىغىپ ئېلىۋاتىدۇ؟ ئۇ نېمە دەپ ئاتالغان؟
  • مۇسا ماننا يىغىۋېلىش توغرىسىدا خەلققە قانداق يوليورۇق بەردى؟
  • يەھۋا خەلققە ئالتىنچى كۈنى نېمە ئىش قىلىشنى بۇيرۇدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • ماننا يەتتىنچى كۈنى ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلغاندا، يەھۋا قانداق مۆجىزە كۆرسەتتى؟
  • يەھۋا قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ماننا ئارقىلىق خەلقنىڭ قورسىقىنى تويغۇزدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 16:‏1-‏36 ۋە سانلار 11:‏7-‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    چىقىش 16:‏8-‏ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جامائىتىدە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىگە بەلگىلەنلەرنى ھۆرمەتلەش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟ (ئىبرانىيلار 13:‏17)

    ئىسرائىللار چۆلدە يۈرگەندە، ھەر كۈنى يەھۋاغا تايىنىشنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە قانداق سېلىپ تۇردى؟ (چىقىش 16:‏14-‏16، 35؛ تەكرار قانۇن 8:‏2، 3)

    ئەيسا ماننانىڭ قانداق سىمۋوللۇق مەنىسىنى بارلىقىنى ئېيتتى؟ مۇشۇ «ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان» بىزنى قانداق پايدىغا ئېرىشتۇرىدۇ؟ (يۇھاننا 6:‏31-‏35، 40)

  • يەشۇ 5:‏10-‏12-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىللار قانچە يىل ماننا يىدى؟ بۇ ئۇلار ئۈچۈن قانداق سىناق بولدى؟ بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (چىقىش 16:‏35؛ سانلار 11:‏4-‏6؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏10، 11)