مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

36-‏ھېكايە: ئالتۇن موزاي

36-‏ھېكايە: ئالتۇن موزاي

پاھ! قارىڭە بۇ خەق نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ، ئەمدى؟ ئۇلار بىر موزاي بۇتقا چوقۇنۇشۇۋېتىپتۇ! ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟

مۇسا پەيغەمبەر تاغدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغاچ، خەلق:‏ «مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز. شۇڭا، بىزگە يول باشلاپ، بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىدىغان بىر ئىلاھ ياسايلى»، دېيىشكەنىدى.

مۇسا ئىككى تاش تاختىنى يەرگە تاشلىۋەتتى

مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئاكىسى ھارۇن:‏ «بولىدۇ، ئالتۇن ھالقىلىرىڭلارنى ئېلىپ ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار»، دېدى. خەلق شۇنداق قىلدى. ھارۇن ئۇلارنى ئوتتا ئېرىتىپ بىر ئالتۇن موزاي ياسىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىل خەلقى:‏ «مانا بۇ، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز!»، دەپ چوڭ بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئالتۇن موزايغا ئىبادەت قىلدى.

يەھۋا بۇنى كۆرۈپ، قاتتىق ئاچچىقلاندى. شۇڭا، ئۇ مۇساغا:‏ «دەرھال تاغدىن چۈش. خەلق ئېغىر گۇناھقا پاتتى. ئۇلار مېنىڭ قانۇن-‏پەرمانلىرىنى ئۇنتۇپ، ئالتۇن موزايغا چوقۇنۇشماقتا»، دېدى.

كىشىلەر ئالتۇن موزايغا چوقۇنۇۋاتىدۇ

مۇسا پەيغەمبەر دەرھال تاغدىن چۈشتى. يېقىن كەلگەندە، مانا بۇ بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆردى. كۆپچىلىك ئالتۇن موزاينى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى. مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ، قانۇن-‏پەرمان يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى يەرگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار چېقىلىپ پارە-‏پارە بولۇپ كەتتى. ئاندىن ئۇ، ئالتۇن موزاينى ئوتقا تاشلاپ ئېرىتىپ، ئۇنى تالقاندەك قىلىۋەتتى.

خەلق ناھايىتى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇڭا، مۇسا پەيغەمبەر بەزى ئەرلەرنى قولىغا قىلىچ ئېلىشقا بۇيرۇپ:‏ «ئالتۇن موزايغا چوقۇنغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلۈشى كېرەك»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار 3000 كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى! مۇشۇ ۋەقە، بىزگە يالغان ئىلاھلارغا ئەمەس، بەلكى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟

چىقىش 32:‏1-‏35.



سوئاللار

  • رەسىمدە، كىشىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئاچچىقلاندى؟ مۇسا كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى كۆرگەندە نېمە ئىش قىلدى؟
  • مۇسا بەزى ئەرلەرنى نېمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدى؟
  • مۇشۇ ۋەقەدىن قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • چىقىش 32:‏1-‏35-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ساختا ئىبادەتنى توغرا ئىبادەتكە ئارىلاشتۇرۇشقا يەھۋا قانداق كۆزقاراشتا؟ مۇشۇ ۋەقەدىن نېمىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز؟ (چىقىش 32:‏4-‏6، 10؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏7، 11)

    خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئويۇن-‏ تاماشىلار، يەنى ناخشا-‏ئۇسۇللارنى تاللىغاندا، نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك؟ (چىقىش 32:‏18، 19؛ ئەفەسلىكلەر 5:‏15، 16؛ 1-‏يۇھاننا 2:‏15-‏17)

    لاۋىي قەبىلىسى ئادىللىقنى ياقىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇردى؟ (چىقىش 32:‏25-‏28؛ زەبۇر 18:‏25)