مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

38-‏ھېكايە: ئون ئىككى پايلاقچى

38-‏ھېكايە: ئون ئىككى پايلاقچى
ئىسرائىل پايلاقچىلار مېۋە-چىۋىلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ

بۇ كىشىلەر كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان مېۋە-‏چىۋىلەرگە قارىڭە! پاھ، ئاۋۇ بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ يوغانلىقىنى! ئۇنى ئىككى ئادەم تاياققا ئۆتكۈزۈپ كۆتۈرۈشى كېرەك ئىدى. يەنە ئۇ ئەنجۈر ۋە ئانارلارنى كۆرىڭە! بۇ شىرىن مېۋە-‏چىۋىلەرنى قەيەردىن ئېلىپ كەلدى؟ قانان زېمىنىدىن! يادىڭىزدا بارمۇ، قانان ئىلگىرى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ياشىغان زېمىن. بىراق، ئۇ يەردە ئاچارچىلىق بولغاچقا، ياقۇپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مىسىر زېمىنىغا كۆچۈپ كەتكەنىدى. مانا ئەمدى، 216 يىلدىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى باشلاپ قانان زېمىنىغا قايتىپ ماڭدى. ئۇلار چۆلدە كادېش، دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە كەلدى.

قانان زېمىنىدا ئەسكى ئادەملەر ياشايتتى. شۇڭا، مۇسا 12 پايلاقچىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا:‏ «ئۇ يەردە قانچىلىك ئادەم ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ كۈچى قانداق. شۇنىڭدەك، تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان ياخشى تۇپرىقى بارمىكەن كۆزىتىپ كېلىڭلار. يەنە بەزى مېۋە-‏چىۋىلەردىن ئالغاچ كېلىشنى ئۇنتۇماڭلار»، دەپ بۇيرۇدى.

پايلاقچىلار كادېشقا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار مۇساغا:‏ «ئۇ يەر ھەقىقەتەن گۈزەل زېمىن ئىكەن»، دەپ مەلۇم قىلدى. ھەمدە ئۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئېلىپ كەلگەن بەزى مېۋە-‏چىۋىلەرنى مۇساغا كۆرسەتتى. بىراق، ئون پايلاقچى:‏ «ئۇ يەردە ياشايدىغان ئادەملەر يوغان ۋە كۈچلۈك ئىكەن. ئەگەر ئۇ زېمىننى ئېلىشقا ئۇرۇنساق، ھالاك بولىمىز»، دېدى.

ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلاپ قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار:‏ «بىز مىسىردا ياكى بۇ چۆلدە ئۆلسەك ياخشىراق بولاتتى. شۇنداق بولغاندا، بىز جەڭدە ئۆلمەي، خوتۇن-‏بالىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالمايدۇ. مۇسانىڭ ئورنىغا يېڭى بىر يولباشچى تاللاپ، مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى!»، دېدى.

بىراق، پايلاقچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككىسى يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ ئىسمى يەشۇ ۋە كالېب ئىدى. ئۇلار:‏ «قورقماڭلار. يەھۋا بىز بىلەن بىرگە. ئۇ زېمىننى ئالماق ئاسان بولىدۇ»، دېدى. ئەمما، خەلق قۇلاق سالمىدى. ئۇلار ھەتتا يەشۇ بىلەن كالېبنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.

بۇ يەھۋانىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مۇساغا:‏ «20 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكىلەردىن ھېچكىم قانان زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار مەن مىسىردا ۋە چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەنىدى. بىراق، ماڭا يەنىلا ئىشەنچ قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاخىرقى بىر كىشى ئۆلگىچە، ئۇلار 40 يىل چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. پەقەت يەشۇ بىلەن كالېب قانان زېمىنىغا كىرىدۇ»، دېدى.

سانلار 13:‏1-‏33؛ 14:‏1-‏38



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئاۋۇ بىر ساپاق ئۈزۈم قايسى جەھەتتىن دىققىتىڭىزنى تارتتى؟ ئۇنى قەيەردىن ئېلىپ كەلگەنىدى؟
  • نېمە ئۈچۈن مۇسا قانان زېمىنىغا 12 پايلاقچى ئەۋەتتى؟
  • ئون پايلاقچى قايتىپ كېلىپ، مۇساغا نېمە دەپ مەلۇمات بەردى؟
  • ئىككى پايلاقچى يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلاندى؟ شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مۇساغا نېمە دېدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • سانلار 13:‏1-‏33-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئۇ زېمىنغا پايلاقچى بولۇپ بېرىشقا كىملەر تاللانغان؟ ئۇلار قانداق ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولغانىدى؟ (سانلار 13:‏2، 3، 18-‏20)

    نېمە ئۈچۈن يەشۇ ۋە كالېب باشقا پايلاقچىلارغا ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشتا بولدى؟ بۇ بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ (سانلار 13:‏28-‏30؛ مەتتا 17:‏20؛ 2-‏كورىنتلىقلار 5:‏7)

  • سانلار 14:‏1-‏38-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىللىرىگە قارشى سۆزلەرنى قىلىش ھەققىدە قايسى ئاگاھلاندۇرۇشقا چوقۇم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ (سانلار 14:‏2، 3، 27؛ مەتتا 25:‏40، 45؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏10)

    ئۆزىنىڭ ھەر بىر خىزمەتچىسىگە يەھۋانىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، سانلار 14:‏24-‏ئايەت قانداق كۆرسىتىلگەن؟ (1-‏پادىشاھلار 19:‏18؛ پەندى-‏نەسىھەت 15:‏3)