مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

39-‏ھېكايە: ھارۇننىڭ ھاسىسىدا گۈللەرنىڭ چېچەكلىشى

39-‏ھېكايە: ھارۇننىڭ ھاسىسىدا گۈللەرنىڭ چېچەكلىشى

بۇ تاياق، يەنى ھاسىدا گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ، پىشقان بادامنىڭ ئۆسۈپ چىققانلىقىغا قارىڭە! بۇ ھارۇننىڭ ھاسىسى. بىر كېچىدىلا ھاسىدىن بۇ گۈللەر چېچەكلەپ، بادام مېۋىسى ئۆسۈپ چىققانىدى! نېمە ئۈچۈن؟ قېنى كۆرۈپ باقايلى.

مۇسا ھارۇنغان گۈللەر چېچەكلىگەن ھاسىنى بەرمەكتە

ئىسرائىللار نەچچە ۋاقىتتىن بىرى چۆللەرنى كېزىپ يۈرگەنىدى. بەزى ئادەملەر مۇسا يولباشچى، ھارۇن ئالىي روھانىي بولماسلىقى كېرەك، دەپ ئويلاشتى. كوراھ شۇنداق ئويلىغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، داتان ۋە ئابىرام ۋە خەلققە يېتەكچىلىك قىلىدىغان 250 كىشىمۇ شۇنداق ئويلاشقانىدى. ئۇلار ھەممىسى كېلىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە:‏ «نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بىزدىن يوقىرى ئورۇنغا قويىسەن؟»، دېدى.

مۇسا كوراھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە:‏ «ئەتە ئەتىگەندە ئوتدانلىرىڭىزنى ئېلىپ كېلىپ، خۇشپۇراق ئىسرىقنى سېلىڭلار. ئاندىن يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىغا كېلىڭلار. يەھۋا كىمنى تاللايدىكىن كۆرۈمىز»، دېدى.

ئەتىسى كوراھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن 250 كىشى ئىبادەت چېدىرىغا كەلدى. باشقا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇلارنى قوللاش ئۈچۈن كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرىغا كەلگەنىدى. يەھۋا قاتتىق غەزەبلەندى. مۇسا:‏ «گۇناھكارلارنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسىگە تەگمەڭلار»، دېدى. خەلق ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرلىرىدىن نېرى كەتتى.

ئاندىن مۇسا پەيغەمبەر سۆزلەپ:‏ «مۇشۇ ئىش ئارقىلىق خۇدانىڭ كىمنى تاللىغانلىقىنى بىلىسىلەر. يەر ئۆز ئېغىزىنى ئېچىپ بۇ گۇناھكار كىشىلەرنى يۇتۇپ كېتىدۇ»، دېدى.

مۇسا سۆزلەپ توختىشىغا، يەر يېرىلىپ ئېچىلدى. كوراھنىڭ چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەئەللۇق نەرسىلەر، داتان ۋە ئابىرام ھەم ئۇلارنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىمۇ قوشۇلۇپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپ، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېپىلدى. يەر ئاستىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ۋارقىراش-‏جارقىراشلىرىنى ئاڭلىغان خەلق:‏ «قېچىڭلار! بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن!»، دەپ توۋلاشتى.

كوراھ ۋە ئۇنىڭ 250 ئەگەشكۈچىلىرى يەنىلا ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدا، يەھۋا ئوت چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ كەتتى. ئاندىن يەھۋا ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئوتدانلىرىنى ئېلىپ، نېپىز سۇقۇپ قۇربانلىق سۇپىسىنى قاپلاشقا بۇيرۇدى. قۇربانلىق سۇپىسىنى قاپلاش — ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بىر بەلگۈسى بولۇپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن باشقىلارنىڭ روھانىيلار بولۇپ يەھۋاغا خىزمەت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىسرائىل خەلقىگە ئەسكەرتىپ تۇراتتى.

شۇنداقتىمۇ، يەھۋا خۇدا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلار بولۇشقا تاللانغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىشنى خالىدى. شۇڭا، ئۇ مۇساغا:‏ «ئىسرائىلنىڭ ھەر بىر قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى ئۆز ھاسىسىنى ئېلىپ كەلسۇن. لاۋىي قەبىلىسى ئۈچۈن ھارۇن ھاسىسىنى ئېلىپ كەلسۇن. ئاندىن ھەر بىر ھاسا ئىبادەت چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن روھانىي بولۇشقا تاللىغان كىشىنىڭ ھاسىسىدا گۈللەر چېچەكلەيدۇ»، دېدى.

ئەتىسى ئەتىگەندە، مۇسا پەيغەمبەر كېلىپ ھارۇننىڭ ھاسىسىدا گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ، پىشقان بادام مېۋىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى! ئەمدىغۇ يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ھارۇننىڭ ھاسىسىدا گۈللەرنى ئېچىلدۇرغانلىقىنى چۈشەنگەنسىز؟!

سانلار 16:‏1-‏49؛ 17:‏1-‏11؛ 26:‏10.



سوئاللار

  • كىملەر مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ھوقۇقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى؟ ئۇلار مۇساغا نېمە دېدى؟
  • مۇسا كوراھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن 250 كىشىگە نېمە ئىش قىلىشنى ئېيتتى؟
  • مۇسا خەلققە نېمە دېدى؟ مۇسا سۆزلەپ توختىشىغا نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • كوراھ بىلەن ئۇنىڭ 250 ئەگەشكۈچىلىرىگە نېمە بولدى؟
  • ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئۆلگەنلەرنىڭ ئوتدانلىرىنى نېمە قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن ھارۇننىڭ ھاسىسىدىن گۈللەر ئېچىلدۇردى؟ (رەسىمگە قاراڭ)

قوشۇمچە سوئاللار

  • سانلار 16:‏1-‏49-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    كوراھ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى نېمە ئىش قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلمىشى يەھۋاغا قارشى ئىسياننى ئىپادىلىگەن؟ (سانلار 16:‏9، 10، 18؛ لاۋىيلار 10:‏1، 2؛ پەندى-‏نەسىھەت 11:‏2)

    كوراھ ۋە جامائەتنىڭ 250 «سەردارى» قانداق خاتا كۆزقاراشنى ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرگەنىدى؟ (سانلار 16:‏1-‏3؛ پەندى-‏نەسىھەت 15:‏33؛ يەشايا 49:‏7)

  • سانلار 17:‏1-‏11 ۋە 26:‏10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ھارۇننىڭ ئۈستىدە گۈللەر چېچەكلىگەن ھاسىسى نېمىنى ئاشكارىلىدى؟ يەھۋا نېمە ئۈچۈن ھاسىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ ساقلاشنى بۇيرۇدى؟ (سانلار 17:‏5، 8، 10؛ ئىبرانىيلار 9:‏4)

    ھارۇننىڭ ھاسىسىدىكى ئالامەتتىن قانداق مۇھىم ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ (سانلار 17:‏10؛ ئەلچىلەر 20:‏28؛ فىلىپىلىكلەر 2:‏14؛ ئىبرانىيلار 13:‏17)