مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

40-‏ھېكايە: مۇسانىڭ قىيا تاشقا ئۇرۇشى

40-‏ھېكايە: مۇسانىڭ قىيا تاشقا ئۇرۇشى

يىللار بىر-‏بىرىنى قوغلىشىپ، شۇ تەرىقىدە 10 يىل، 20 يىل، 30 يىل، 39 يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئىسرائىللار يەنىلا چۆلدە ئىدى. بىراق، يەھۋا ئاشۇ يىللاردا ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلدى. ماننا بىلەن ئۇلارنى تويغۇزدى. ئۇ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى بىلەن ئۇلارغا يولباشچىلىق قىلدى. ئاشۇ يىللار جەريانىدا، ئۇلارنىڭ كىيىم-‏كېچەكلىرى يىرتىلىپ جۇل-‏جۇل بولمىدى ياكى پۇتلىرى تىشىلىپ يېغىر بولۇپ كەتمىدى.

مانا ھازىر مىسىردىن ئايرىلغاندىن بۇيانقى 40-‏يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى ئىدى. ئىسرائىللار قايتا كادېشتا چېدىرلىرىنى تىكتى. بۇ دەل 40 يىل ئىلگىرى، قانان زېمىنىنى چارلاش ئۈچۈن 12 پايلاقچى ئەۋەتىلگەن جاي ئىدى. مۇسانىڭ ئاچىسى مەريەم كادېشتا ئۆلۈپ كەتتى. ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، بۇ يەردە يەنە ئاۋارىچىلىق پەيدا بولدى.

خەلق ھېچقانداق سۇ تاپالمىدى. شۇڭا، ئۇلار مۇسا پەيغەمبەردىن نارازى بولۇپ:‏ «ئۆلگەن بولساق ياخشى بولاتتىكەن. نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ ھېچ نەرسە ئۈنمەيدىغان چۆلگە ئېلىپ كەلدىڭ. بۇ يەردە زىرائەتمۇ يوق، نە ئەنجۈر، نە ئۈزۈم، نە ئانارمۇ يوق. ھەتتا ھېچقانداق سۇمۇ يوق ئىكەن»، دېيىشتى.

مۇسا ھاسا بىلەن قۇرام تاشقا ئۇردى

مۇسا پەيغەمبەر بىلەن ھارۇن دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئىبادەت چېدىرىغا كىرگەندە، يەھۋا مۇساغا:‏ «خەلقنى يىغىپ جەم قىل. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاۋۇ قۇرام تاشقا سۆز قىلغىن. خەلق ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق مال-‏چارۋىلىرىنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سۇ چىقىدۇ»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، مۇسا خەلقىنى يىغىپ، ئۇلارغا:‏ «ئەي، خۇداغا ئىشەنچ قىلمىغانلار ئاڭلاڭلار! ھارۇن بىلەن مەن سىلەرگە بۇ قۇرام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟»، دېدى. ئاندىن مۇسا قولىدىكى ھاسا بىلەن قۇرام تاشقا ئىككى قېتىم ئۇردى. قۇرام تاشتىن سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ بىر ئېقىن ھاسىل بولۇپ، بارلىق خەلق ۋە مال-‏چارۋىلار يېتەرلىك سۇغا ئىگە بولدى.

بىراق، يەھۋا خۇدا مۇسا پەيغەمبەر بىلەن ھارۇنغا ئاچچىقلاندى. نېمە ئۈچۈن، بىلەمسىز؟ سەۋەبى، مۇسا بىلەن ھارۇن، ئۆزلىرىقۇرام تاشتىن سۇ چىقارماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، سۇنى يەھۋا چىقارغان. مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ توغرىسىدا راستىنى ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن، يەھۋا ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ:‏ «مېنىڭ خەلقىمنى قانان زېمىنىغا سىلەر باشلاپ كىرمەيسىلەر»، دېدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسرائىللار كادېشتىن ئايرىلدى. قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇلار ھور تېغىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە، ھارۇن تاغ ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ 123 ياش ئىدى. بارلىق ئىسرائىل خەلقى قاتتىق قايغۇرۇپ، 30 كۈنگىچە ھارۇن ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىشتى. ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالىي روھانىيسى بولدى.

سانلار 20:‏1-‏13، 22-‏29؛ تەكرار قانۇن 29:‏5؛ نەھەمىيا 9:‏21.



سوئاللار

  • ئىسرائىللار چۆلدە يۈرگەن يىللاردا، يەھۋا ئۇلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلدى؟
  • ئىسرائىللار كادېشتا بارگاھ قۇرغاندا، ئۇلار نېمە دەپ نارازى بولۇشتى؟
  • يەھۋا قانداق قىلىپ ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ مال-‏چارۋىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلىدى؟
  • رەسىمدىكى، قولى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان كىشى كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى؟
  • نېمە ئۈچۈن يەھۋا مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئاچچىقلاندى؟ ئۇلار قانداق جازالاندى؟
  • ھور تېغىدا نېمە ئىش يۈز بەردى؟ كىم ئىسرائىللارنىڭ باش روھانىيسى بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • سانلار 20:‏1-‏13، 22-‏29؛ ۋە تەكرار قانۇن 29:‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ چۆلدە ئىسرائىللارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۇسۇلىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (تەكرار قانۇن 29:‏5؛ مەتتا 6:‏31؛ ئىبرانىيلار 13:‏5؛ ياقۇپ 1:‏17)

    مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا، يەھۋانى ئۇلۇغلىمىغانىدى، ئۇنداقتا يەھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ (سانلار 20:‏12؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏12؛ ۋەھىيلەر 4:‏11)

    يەھۋانىڭ بەرگەن جازاسىغا مۇسا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (سانلار 12:‏3؛ 20:‏12، 27، 28؛ تەكرار قانۇن 32:‏4؛ ئىبرانىيلار 12:‏7-‏11)