مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

41-‏ھېكايە: مىس يىلان

41-‏ھېكايە: مىس يىلان
مۇسا ۋە مىس يىلان

ئۇ خادا ياغاچقا يۆگىشىپ تۇرغان راست يىلانغا ئوخشامدىكەن؟ ياق. ئۇ يىلان مىستىن ياسالغان. ئاللا يەھۋا مۇساغا ئۇنى خادىغا ئېسىپ قويغىن. شۇنداق بولغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ ھايات قالسۇن، دېگەنىدى. ئەمما، يەر يۈزىدىكى باشقا يىلانلار راست. بۇ يىلانلار ئادەملەرنى چېقىپ كېسەل قىلىپ قويغانىدى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟

سەۋەبى، ئىسرائىل خەلقى، يەھۋا خۇدا بىلەن مۇساغا قارشى سۆز قىلدى. ئۇلار ئاغرىنىپ:‏ «نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، چۆلدە ئۆلسۇن دەپمۇ؟ بۇ يەردە يېمەكلىك ياكى سۇ يوق ئىكەن. بىز ماننا يەپ زېرىكتۇق»، دېيىشتى.

بىراق، ماننا بولسا ئەڭ ياخشى يېمەكلىك. يەھۋا بىر مۆجىزە كۆرسىتىپ، ماننانى ئۇلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن. ھەمدە يەنە بىر مۆجىزە ئارقىلىق ئۇلارغا سۇ بەرگەنىدى. ئەمما، بۇ خەلق پەرۋەدىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمىدى. شۇڭا، يەھۋا ئىسرائىللارنى جازالاش ئۈچۈن بۇ زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتكەنىدى. ئۇلارنى يىلانلار چېقىپ، نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ كەتتى.

زەھەرلىك يىلانلار چېقىۋالغان ئىسرائىللار

ئاخىرى خەلق مۇسانىڭ قېشىغا كېلىپ:‏ «بىز گۇناھ قىلدۇق، چۈنكى بىز يەھۋا ۋە ساڭا قارشى سۆز قىلدۇق. ئەمدى سەن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، يىلانلارنى كەتكۈزۋەتكىن»، دەپ ئۆتۈندى.

شۇڭا، مۇسا خەلق ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا مۇسا پەيغەمبەرگە بۇ مىس يىلاننى ياساشنى بۇيرۇدى. ھەمدە ئۇنى خادىغا ئېسىپ قويۇشنى، شۇنداقلا يىلان چاققان ھەربىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىنى ئېيتتى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. ھەمدە يىلان چېقىۋالغان خەلق مىس يىلانغا قارىغاندا، ئۇلار قايتا ياخشى بولۇپ قالدى.

بۇ ۋەقەدىن ساۋاققا ئىگە بولالايمىز. ئەمەلىيەتتە، بىز ھەممىمىز ئاشۇ يىلان چاققان ئىسرائىللارغا ئوخشايمىز. ئىنسان ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ. كىشىلەرنىڭ قېرىپ، كېسەل بولۇپ، ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈسىز. سەۋەبى، تۇنجى ئەر بىلەن ئايال، يەنى ئادەم بىلەن ھاۋا يەھۋادىن يۈز ئۆرۈگەن، ھەمدە بىز ھەممىمىز ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى. لېكىن، يەھۋا بىزگە مەڭگۈ ياشاشنىڭ بىر يولىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە!

پەرۋەردىگار يەھۋا، ئىنسانلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى ئەۋەتتى. بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسانى يامان ئادەم، دەپ ئويلىغانىدى. شۇڭا، ئۇنى تۈۋرۈك ياغاچقا ئاستى. ئەمما، يەھۋا بىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەيسانى بەرگەن. ئەگەر بىز ئۇنىڭغا قارىساق، ئۇنىڭغا ئەگەشسەك، شۇندىلا مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلەيمىز. بىراق، مۇشۇ توغرىسىدا كېيىنرەك كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز.

سانلار 21:‏4-‏9؛ يۇھاننا 3:‏14، 15.



سوئاللار

  • رەسىمدە، خادىغا يۆگىشىپ تۇرغان ئۇ نەرسە نېمە؟ يەھۋا نېمە ئۈچۈن مۇسانى ئۇنى خادىغا ئېسىپ قويۇشقا بۇيرۇدى؟
  • يەھۋانىڭ قىلغان بارلىق ياخشىلىقىغا، خەلق مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردىمۇ؟ ئۇنداقتا، ئۇلار نېمە ئىش قىلدى؟
  • خۇدا خەلقىنى جازالاپ زەھەرلىك يىلاننى ئەۋەتكەندىن كېيىن، خەلق مۇسادىن نېمە قىلىشنى ئۆتۈندى؟
  • نېمە ئۈچۈن يەھۋا مۇسانى مىس يىلان ياساشقا بۇيرۇدى؟
  • مۇشۇ ۋەقەدىن قانداق ساۋاق ئىگە بولالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • سانلار 21:‏4-‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىل خەلقىنىڭ يەھۋا تەمىنلىگەن يېمەكلىكتىن نارازى بولۇشى توغرىسىدىكى بۇ ۋەقە، بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (سانلار 21:‏5، 6؛ رىملىقلار 2:‏4)

    كېيىنكى زامانلاردا، ئىسرائىللار مىس يىلاننى نېمە ئىش ئۈچۈن ئىشلەتتى؟ پادىشاھ ھىزىكىيە نېمە ئىش قىلدى؟ (سانلار 21:‏9؛ 2-‏پادىشاھلار 18:‏1-‏4)

  • يۇھاننا 3:‏14، 15-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بەلگە قىلىپ خادىغا ئېسىپ قويۇلغان مىس يىلان، ئەيسانىڭ تۈۋرۈككە مىخلىنىشىنى قانداق ئېنىق سۈرەتلەپ بەرگەن؟ (گالاتىيالىقلار 3:‏13؛ 1-‏پېترۇس 2:‏24)