مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

43-‏ھېكايە: يەشۇنىڭ باشلامچى بولۇشى

43-‏ھېكايە: يەشۇنىڭ باشلامچى بولۇشى

مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرگە قانان زېمىنىغا كىرمەكچى بولدى. شۇڭا، ئۇ:‏ «يەھۋا، مېنىڭ ئىئوردان دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇ گۈزەل زېمىننى كۆرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغىن»، دەپ ئۆتۈندى. ئەمما، پەرۋەردىگار يەھۋا:‏ «ئەمدى بولدى، بەس! بۇ ئىشنى يەنە تىلغا ئالما!»، دېدى. يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

مۇسا پەيغەمبەر قىيا تاشنى ئۇرغاندا، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى يادىڭىزدىمۇ؟ مۇسا بىلەن ھارۇن يەھۋاغا ھۆرمەت-‏ئېھتىرام كۆرسەتمىگەن. يەنى، تاشتىن سۇنى ئەسلىدە يەھۋانىڭ چىقارغانلىقىنى خەلققە ئېيتمىغانىدى. مۇشۇ سەۋەب، يەھۋا ئۇلارنىڭ قانان زېمىنىغا كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

شۇڭا، ھارۇن ئۆلۈپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن، يەھۋا مۇساغا:‏ «يەشۇنى قېشىڭغا چاقىرىپ، روھانىي ئەلىئازار ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، يەشۇنىڭ يېڭى باشلامچى ئىكەنلىكىنى بارلىق خالايىققا ئېيىت»، دەپ بۇيرۇدى. خۇددى سىز مۇشۇ رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغاندەك، مۇسا پەيغەمبەر يەھۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندىدى.

مۇسا يەشۇنىڭ باشلامچى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا

ئاندىن كېيىن، يەھۋا يەشۇغا سۆزلەپ:‏ «جۈرئەتلىك بول، قورقمىغىن. سەن ئىسرائىل خەلقىنى مەن ۋەدە قىلغان قانان زېمىنىغا باشلاپ كىرىسەن. مەن سەن بىلەن بىرگە بولىمەن»، دېدى.

كېيىنچە، يەھۋا خۇدا مۇسانى موئاب زېمىنىدىكى نېبو تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىشقا بۇيرۇدى. مۇسا ئۇ ئېگىز جايدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە نەزەر سېلىپ، ئاشۇ گۈزەل قانان زېمىنىنى كۆرەلەيتتى. ئاللا يەھۋا:‏ «ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان زېمىن بۇدۇر. مەن سېنىڭ ئۇ زېمىننى كۆرۈشۈڭگە رۇخسەت قىلىمەن، ئەمما كىرەلمەيسەن»، دېدى.

مۇسا پەيغەمبەر نېبو تېغى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا، 120 ياشتا بولۇپ، يەنىلا كۈچلۈك، كۆرۈش قوۋۋىتى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن كىشىلەر قايغۇرۇپ، كۆپ يىغا-‏زار قىلىشتى. بىراق، ئۇلار يەشۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېڭى باشلامچىسى بولغانلىقىدىن خۇشال بولدى.

سانلار 27:‏12-‏23؛ تەكرار قانۇن 3:‏23-‏29؛ 31:‏1-‏8، 14-‏23؛ 32:‏45-‏52؛ 34:‏1-‏12.



سوئاللار

  • رەسىمدە، مۇسا بىلەن تۇرغان ئۇ ئىككى كىشى كىم؟
  • يەھۋا يەشۇغا نېمە دېدى؟
  • نېمە ئۈچۈن مۇسا نېبو تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقتى؟ ئۇ يەردە، يەھۋا مۇساغا نېمە دېدى؟
  • مۇسا ئۆلگەندە قانچە ياشتا ئىدى؟
  • نېمە ئۈچۈن كىشىلەر قايغۇرۇشتى؟ بىراق، ئۇلار يەنە نېمە ئۈچۈن خۇشال بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • سانلار 27:‏12-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەشۇ يەھۋادىن قانداق ئېغىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى؟ بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (سانلار 27:‏15-‏19؛ ئەلچىلەر 20:‏28؛ ئىبرانىيلار 13:‏7)

  • تەكرار قانۇن 3:‏23-‏29-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋا نېمە ئۈچۈن مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى؟ بۇنىڭدىن قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ (تەكرار قانۇن 3:‏25-‏27؛ سانلار 20:‏12، 13)

  • تەكرار قانۇن 31:‏1-‏8، 14-‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    مۇسانىڭ ئىسرائىللاردىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى قىلغان سۆزى، خۇدا بەرگەن جازانى ئۇنىڭ كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (تەكرار قانۇن 31:‏6-‏8، 23)

  • تەكرار قانۇن 32:‏45-‏52-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدانىڭ سۆزى بىزنىڭ ھاياتىمىزغا قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟ (تەكرار قانۇن 32:‏47؛ لاۋىيلار 18:‏5؛ ئىبرانىيلار 4:‏12)

  • تەكرار قانۇن 34:‏1-‏12-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    گەرچە مۇسا ھېچقاچان يەھۋانى كۆرمىگەن بولسىمۇ، تەكرار قانۇن 34:‏10-‏ئايەت، ئۇنىڭ يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتى توغرىسىدا نېمىنى ئاشكارا قىلىدۇ؟ (چىقىش 33:‏11، 20؛ سانلار 12:‏8)