مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

44-‏ھېكايە: راھابنىڭ پايلاقچىلارنى يوشۇرۇشى

44-‏ھېكايە: راھابنىڭ پايلاقچىلارنى يوشۇرۇشى

بۇ كىشىلەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچۇردى. ئۇلار چوقۇم قېچىپ كېتىشى كېرەك، بولمىسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار كىملەر؟ ئۇلار ئىسرائىللار ئەۋەتكەن پايلاقچى بولۇپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ئايالنىڭ ئىسمى راھاب. راھاب ئېرىخا شەھىرىنىڭ سېپىل تېمى ئۈستىدىكى بىر ئۆيدە تۇراتتى. نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىلەر ئاۋارىچىلىققا يولۇقتى؟ جاۋابىنى بىرلىكتە ئىزدەپ باقايلى.

ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قانان زېمىنىغا كىرىشكە تەييار بولدى. بىراق، ئۇلار شۇنداق قىلىشتىن ئىلگىرى، يەشۇ ئىككى پايلاقچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا:‏ «بېرىپ، ئۇ زېمىن بىلەن ئېرىخا شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىڭلار»، دېدى.

راھاب ۋە ئىككى ئىسرائىل پايلاقچى

پايلاقچىلار ئېرىخا شەھىرىگە كىرگەندە، ئۇلار راھابنىڭ ئۆيىگە باردى. ئەمما، بىرىسى ئېرىخانىڭ پادىشاھىغا:‏ «ئىسرائىللارنىڭ ئىككى پايلاقچىسى بۇ زېمىننى چارلاش ئۈچۈن، بۈگۈن ئاخشام بۇ شەھەرگە كەلدى»، دەپ خەۋەر بەردى. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، راھابنىڭ ئۆيىگە ئادەملەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار راھابقا:‏ «ئۆيۈڭدىكى كىشىلەرنى تاپشۇرۇپ بەر!»، دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئەمما، ئۇ پايلاقچىلارنى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە يوشۇرۇپ قويغانىدى. شۇڭلاشقا، راھاب:‏ «مېنىڭ ئۆيۈمگە كىشىلەر كەلگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. قاراڭغۇ چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىشتىن ئىلگىرى كېتىپ قالدى. ئەگەر تېزرەك قوغلىساڭلار، ئۇلارنى تۇتۇۋالالايسىلەر!»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى.

ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، راھاب دەرھال ئۆگزىگە چىقتى. ئۇ پايلاقچىلارغا:‏ «مەن يەھۋانىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، يەھۋانىڭ قىزىل دېڭىز سۈيىنى قانداق قۇرۇتقانلىقى ۋە سىلەرنىڭ پادىشاھ سىھون ۋە ئوگنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىغانمىز. مەن سىلەرگە ياخشىلىق قىلدىم، شۇڭا ماڭا ۋەدە بېرىڭلار. ياخشىلىق قىلىپ، مېنىڭ ئاتا-‏ئانام، ئاكا-‏سىڭىللىرىمنى تىرىك قويساڭلار»، دېدى.

پايلاقچىلار ياخشىلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بىراق، راھاب بەزى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. شۇڭا، پايلاقچىلار ئۇنىڭغا:‏ «بۇ قىزىل شوينىنى ئېلىپ دېرىزەڭگە چىگىپ قوي. ئاندىن بارلىق ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە يىغىپ جەم قىل. بىز ئېرىخا شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا، دېرىزەڭدىكى بۇ شوينىنى كۆرۈپ، ئۆيىڭدىكى ھېچبىر كىشىنى ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ بۇيرۇدى. پايلاقچىلار يەشۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، بولۇپ ئۆتكەن بارچە ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى.

يەشۇ 2:‏1-‏24؛ ئىبرانىيلار 11:‏31.



سوئاللار

  • راھاب قەيەردە تۇراتتى؟
  • رەسىمدىكى ئىككى كىشى كىم؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئېرىخا شەھىرىگە بارغان؟
  • ئېرىخانىڭ پادىشاھى راھابقا نېمە دەپ بۇيرۇق قىلدى؟ راھاب قانداق جاۋاب قايتۇردى؟
  • راھاب ئىككى پايلاقچىغا قانداق ياردەم قىلدى؟ ئۇ ئۇلاردىن قانداق ياخشىلىق قىلىشنى ئۆتۈندى؟
  • ئىككى پايلاقچى راھابقا قانداق ۋەدە بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشۇ 2:‏1-‏24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىللار ئېرىخا شەھىرىگە قارشى قوپقاندا، يەھۋانىڭ چىقىش 23 :‏28-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن ۋەدىسى قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟ (يەشۇ 2:‏9-‏11)

  • ئىبرانىيلار 11:‏31-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.

    راھابنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسى ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقىنى قانداق تەكىتلىدى؟ (رىملىقلار 1:‏17؛ ئىبرانىيلار 10:‏39؛ ياقۇپ 2:‏25)