مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

47-‏ھېكايە: ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئوغرى

47-‏ھېكايە: ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئوغرى
ئەكان ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى يۇشۇرۇۋاتىدۇ

ئۇ ئادەمنىڭ ئۆز چېدىرىدا نېمىنى كۆمۈپ قويۇۋاتقانلىقىغا قاراڭ! بىر چىرايلىق تون، بىر زىخچە ئالتۇن ۋە بىرقانچە پارچە كۈمۈش. ئۇ ئادەم مۇشۇلارنى ئېرىخا شەھىرىدىن ئېلىپ كەلگەنىدى. بىراق، ئېرىخا شەھىرىدىكى نەرسىلەرنى چوقۇم قانداق قىلىشى كېرەك ئىدى؟ يادىڭىزدا بارمۇ؟

بارلىق نەرسىلەر چوقۇم يوق قىلىنىپ، پەقەت ئالتۇن-‏كۈمۈشلەر يەھۋانىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇلار يەھۋا خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىدى. يەنى، ئۇنىڭغا تەئەللۇق نەرسىنى ئوغرىلىدى. ئاۋۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ئەكان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇرغانلار ئائىلىسىدىكىلەر. زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.

ئەكان بۇ نەرسىلەرنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن، يەشۇ بەزى كىشىلەرنى ئاي، دېگەن شەھەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى. ئەمما، ئۇلار جەڭدە مەغلۇپ بولدى. بەزىلەر ئۆلتۈرۈلۈپ، قالغانلىرى قېچىپ كەتتى. يەشۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، يىقىلىپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ پەرۋەردىگار يەھۋاغا دۇئا قىلدى:‏ «نېمە ئۈچۈن مۇنداق مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدۇڭ؟».

يەھۋا جاۋاب بېرىپ:‏ «ئورنىڭدىن تۇر! ئىسرائىل خەلقى گۇناھقا پاتتى. ئۇلار چوقۇم يوق قىلىۋېتىش ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى ئۆزىگە ئېلىپ قالدى. چىرايلىق بىر توننى ئوغرىلاپ يۇشۇردى. سەن ئۇ نەرسىلەرنى ۋە شۇلارنى ئالغان كىشىنى يوق قىلمىغىچە، مەن سىلەرنى بەرىكەتلىمەيمەن»، دېدى. ھەمدە يەھۋا ئۇ ئەسكى ئىشنى قىلغان كىشىنى يەشۇغا كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن، يەشۇ بارلىق خەلقنى بىر يەرگە يىغدى. يەھۋا ئەكان دېگەن يامان ئادەمنى كۆرسەتتى. ئەكان:‏ «مەن گۇناھ قىلدىم. مەن چىرايلىق بىر توننى ۋە زىخچە ئالتۇننى ۋە بىرقانچە پارچە كۈمۈشنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىگە بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغاچ، ئۇلارنى مەن ئالدىم. ئۇلارنى چېدىرىمنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگەن جايدىن تاپالايسىلەر»، دېدى.

شۇ نەرسىلەرنى تېپىپ، يەشۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ ئەكانغا:‏ «نېمە ئۈچۈن خەلققە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارغا بالا كەلتۈرىسەن؟ ئەمدى يەھۋا ساڭا بالا كەلتۈرىدۇ!»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق خەلق ئەكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى چالما-‏كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. مۇشۇ ۋەقە، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ئەمەس نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ ئالماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقمۇ؟

شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقى قايتا ئاي شەھىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. بۇ نۆۋەت يەھۋا ئۆز خەلقىگە ياردەم بەرگەچ، ئۇلار جەڭدە غەلبە قىلدى.

يەشۇ 7:‏1-‏26؛ 8:‏1-‏29.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى، ئېرىخا شەھىرىدىن ئېلىپ كەلگەن بايلىقلارنى كۆمۈپ قويۇۋاتقان كىشى كىم؟ ئۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتقانلار كىملەر؟
  • ئەكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىلغان ئىشى، نېمە ئۈچۈن شۇنچە بەك ئېغىر گۇناھ؟
  • يەشۇ ئىسرائىللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاي شەھىرىگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ سورىغاندا، يەھۋا نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟
  • ئەكان بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەشۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، ئۇلارغا نېمە بولدى؟
  • ئەكان قانداق ھۆكۈم قىلىندى؟ بۇنىڭدىن قانداق مۇھىم نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشۇ 7:‏1-‏26-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەشۇنىڭ ئۆز ياراتقۇچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇنىڭ دۇئاسىدا قانداق ئاشكارا بولدى؟ (يەشۇ 7:‏7-‏9؛ زەبۇر 119:‏145؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏14)

    ئەكاننىڭ مىسالى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟ (يەشۇ 7:‏11، 14، 15؛ پەندى-‏نەسىھەت 15:‏3؛ 1-‏تىموتىي 5:‏24؛ ئىبرانىيلار 4:‏13)

  • يەشۇ 8:‏1-‏29-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قارىتا، ھەربىرىمىزنىڭ شەخسەن قانداق مەجبۇرىيىتى بار؟ (يەشۇ 7:‏13؛ لاۋىيلار 5:‏1؛ پەندى-‏نەسىھەت 28:‏13)