مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

49-‏ھېكايە: قۇياشنىڭ بىر ئورنىدا توختاپ تۇرۇشى

49-‏ھېكايە: قۇياشنىڭ بىر ئورنىدا توختاپ تۇرۇشى

يەشۇغا قاراڭ. ئۇ مۇنداق دەۋاتىدۇ:‏ «قۇياش، توختاپ تۇر!». شۇنىڭ بىلەن، قۇياش بىر ئورنىدا توختاپ، پۈتۈن كۈن نۇرىنى چېچىپ تۇردى. بۇ مۆجىزە يەھۋانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتى بىلەن يۈز بەرگەنىدى! ئەمما، يەشۇ نېمە ئۈچۈن قۇياشنىڭ داۋاملىق نۇر چېچىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

قۇياش

قانان زېمىنىدىكى بەش زالىم پادىشاھلار گىبېئونلۇقلارغا قارشى ئۇرۇش باشلىغاندا، گىبېئونلۇقلار ئادەم ئەۋەتىپ يەشۇدىن ياردەم سورىدى. ئۇ ئادەم:‏ «دەرھال، قېشىمىزغا كېلىپ، بىزنى قۇتقازغىن! تاغلىق يۇرتلاردىكى پادىشاھلار سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەلدى»، دېدى.

يەشۇ ۋە ئۇنىڭ بارلىق جەڭچىلىرى دەرھال يولغا چىقتى. ئۇلار كېچىچە سەپەر قىلىپ، ئەتىسى گىبېئونغا كەلگەندە، بەش پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرى قورقۇپ قېچىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا ئاسماندىن چوڭ-‏چوڭ مۆلدۈرلەرنى ياغدۇردى. يەشۇنىڭ جەڭچىلىرى ئۆلتۈرگەن كىشىلەرگە قارىغاندا، مۆلدۈر سوقۇپ ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى كۆپ ئىدى.

يەشۇ

يەشۇ كۆپ ئۆتمەي قۇياشنىڭ پېتىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆردى. قاراڭغۇ چۈشسە، بەش پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى قېچىپ كېتەتتى. شۇڭا، يەشۇ يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئاندىن شۇنداق دېگەن ئىدى:‏ «قۇياش، توختاپ تۇر!». قۇياش بىر ئورنىدا نۇر چېچىپ تۇرغاندا، ئىسرائىللار پۈتۈنلەي غەلبە قىلغۇچە جەڭ قىلالايتتى.

قانان زېمىنىدا خۇدا خەلقىنى ئۆچ كۆرىدىغان يەنە نۇرغۇن زالىم پادىشاھلار بار ئىدى. شۇڭا، يەشۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى شۇ زېمىندىكى 31 پادىشاھنى مەغلۇپ قىلغىچە ئالتە يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن كېيىن، يەشۇ قانان زېمىنىنى، تېخى يەر-‏زېمىنغا ئىگە بولمىغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردى.

نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، يەشۇ 110 يېشىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ھايات ۋاقتىدا، خەلق يەھۋاغا بويسۇنۇپ ياشىدى. ئەمما، ئاشۇ ئىتائەتچان كىشىلەر ئۆلگەندە، خەلق ئەسكى ئىشلارنى قىلىشنى باشلاپ، بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇلار ھەقىقەتەن يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولدى.

يەشۇ 10:‏6-‏15؛ 12:‏7-‏24؛ 14:‏1-‏5؛ ھاكىملار 2:‏8-‏13.



سوئاللار

  • رەسىمدە، يەشۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • يەھۋا يەشۇ ۋە ئۇنىڭ جەڭچىلىرىگە قانداق ياردەم بەردى؟
  • يەشۇ قانچە پادىشاھلىقنى يوقاتتى؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتتى؟
  • يەشۇ نېمە ئۈچۈن قانان زېمىنىنى بۆلۈپ بەردى؟
  • يەشۇ ئۆلگەندە قانچە ياشتا ئىدى؟ كېيىن خەلققە نېمە بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشۇ 10:‏6-‏15-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىللار ئۈچۈن يەھۋانىڭ قۇياش ۋە ئاينى بىر ئورنىدا توختىتىپ تۇرغانلىقىنى بىلىش، بۈگۈنكى كۈندە بىزگە قانداق ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ؟ (يەشۇ 10:‏8، 10، 12، 13؛ زەبۇر 18:‏3؛ پەندى-‏نەسىھەت 18:‏10)

  • يەشۇ 12:‏7-‏24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قانان زېمىنىدىكى 31 پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ تۆھپىسى ئەمەلىيەتتە كىمگە مەنسۇپ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم؟ (يەشۇ 12:‏7؛ 24:‏11-‏13؛ تەكرار قانۇن 31:‏8؛ لۇقا 21:‏9، 25-‏28)

  • يەشۇ 14:‏1-‏5-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە زېمىن قانداق بۆلۈپ بېرىلدى؟ بۇنىڭدىن كەلگۈسى جەننەتتە ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە نېمىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز؟ (يەشۇ 14:‏2؛ يەشايا 65:‏21؛ ھەزقىيال 47:‏21-‏23؛ 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏33)

  • ھاكىملار 2:‏8-‏13-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قەدىمقى زاماندىكى يەشۇغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەتتىن چەتنەپ ئېتىقادچىلار جامائىتى ئارىسىدا خاتا تەلىمنى تارقىتىشقا كىملەر قارشى تۇرىدۇ؟ (ھاكىملار 2:‏8، 10، 11؛ مەتتا 24:‏45-‏47؛ 2-‏سالونىكالىقلار 2:‏3-‏6؛ تىتۇس 1:‏7-‏9؛ ۋەھىيلەر 1:‏1؛ 2:‏1، 2)