مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

50-‏ھېكايە: ئىككى جەسۇر ئايال

50-‏ھېكايە: ئىككى جەسۇر ئايال

ئىسرائىل خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، ئۇلار يەھۋاغا نالە-‏پەرياد قىلىشتى. پەرۋەردىگار يەھۋا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ، خەلققە ياردەم بېرىدىغان باتۇر باشلامچىلارنى تەيىنلىدى. مۇقەددەس كىتابتا بۇ باشلامچىلار ھاكىملار، دەپ ئاتالغان. يەشۇ بىرىنچى ھاكىم بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىم بولغان بەزىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئوسنىئېل، ئىھۇد ۋە شەمگار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىل خەلقىگە ياردەم بەرگەنلەر ئارىسىدا ئىككى ئايال بار بولۇپ، ئىسىملىرى دېبورا ۋە يائېل ئىدى.

دېبورا باراققا سۆز قىلىۋاتىدۇ

دېبورا بىر ئايال پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدا يەھۋا ئۇنىڭغا كەلگۈسى ھەققىدە خەۋەر بېرەتتى. ئۇ يەھۋانىڭ ئېيتقانلىرىنى خەلققە يەتكۈزەتتى. دېبورا يەنە ھاكىملىقمۇ قىلاتتى. ئۇ تاغلىق يۇرتتىكى مەلۇم بىر خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەر بولسا ئۇنىڭ قېشىغا ياردەم سوراپ كېلەتتى.

شۇ ۋاقىتتا، يابىن قاناننىڭ پادىشاھى بولۇپ، ئۇنىڭ 900 جەڭ ھارۋىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسرائىل خەلقى يابىنغا قۇل بولۇشقا مەجبۇرلانغانىدى. پادىشاھ يابىننىڭ قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى سىسېرا ئىدى.

بىر كۈنى دېبورا، باراق دېگەن ھاكىمنى چاقىرتىپ كېلىپ، يەھۋانىڭ سۆزىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھۋا مۇنداق دېگەن ئىدى:‏ «سەن 10000 كىشىنى ئېلىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ بار. مەن سىسېرانى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن. سېنى سىسېرا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلبىگە ئېرىشتۇرىمەن».

باراق دېبوراغا:‏ «ئەگەر سەنمۇ مەن بىلەن بارساڭ، مەن بارىمەن»، دېدى. دېبورا ئۇنىڭ بىلەن باردى. ئەمما، ئۇ باراققا:‏ «سەن غەلبە شان-‏شەرىپىگە شېرىك بولمايسەن، چۈنكى يەھۋا سىسېرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ»، دېدى. ھەممە ئىشلار دېگەندەك بولۇپ چىقتى.

باراق سىسېرانىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن تابور تېغىدىن چۈشتى. ئۇشتۇمتۇت يەھۋا بىر كەلكۈن سۈيى پەيدا قىلدى، كۆپلىگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرى سۇغا غەرق بولدى. ئەمما، سىسېرا جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، قېچىپ كەتتى.

باراق، يائېل ۋە سىسېرا

بىر ئازدىن كېيىن، سىسېرا يائېلنىڭ چېدىرىغا كەلدى. يائېل ئۇنى چېدىرغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا سۈت بەردى. سۈت ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تېزلا ئۇخلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، يائېل چېدىرنىڭ بىر قوزۇقىنى ئېلىپ، ئۇ ئەسكى ئادەمنىڭ بېشىغا قاقتى. كېيىن باراق كەلگەندە، يائېل ئۆلۈك سىسېرانى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى! دېبورانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئەمدىغۇ كۆرۈپ يەتكەنسىز؟!

ئاخىرىدا، پادىشاھ يابىنمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئىسرائىل خەلقى بىر مەزگىل قايتا تىنچ-‏ئامانلىققا ئېرىشتى.

ھاكىملار 2:‏14-‏22؛ 4:‏1-‏24؛ 5:‏1-‏31.



سوئاللار

  • ھاكىملار قانداق كىشىلەر؟ بىرقانچىسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟
  • دېبورا قانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى؟ بۇ نېمە ئىش قىلىشنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان؟
  • پادىشاھ يابىن ۋە ئۇنىڭ سەركەردىسى سىسېرا، ئىسرائىللارغا ھەيۋە قىلىپ قورقۇتقاندا، دېبورا يەھۋانىڭ قايسى سۆزىنى ھاكىم باراققا يەتكۈزدى؟ ئۇ كىمنىڭ غەلبە شان-‏شەرىپىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟
  • يائېل ئۆزىنىڭ جەسۇر بىر ئايال ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟
  • پادىشاھ يابىن ئۆلگەندىن كېيىن، نېمە ئىش بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ھاكىملار 2:‏14-‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    قانداق قىلىپ ئىسرائىللار يەھۋانىڭ غەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە كەلتۈردى؟ بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ (ھاكىملار 2:‏20؛ پەندى-‏نەسىھەت 3:‏1، 2؛ ھەزقىيال 18:‏21-‏23)

  • ھاكىملار 4:‏1-‏24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاياللار دېبورا بىلەن يائېلنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆز ئىشەنچ ۋە جەسۇرلۇقىنى قانداق نامايان قىلالايدۇ؟ (ھاكىملار 4:‏4، 8، 9، 14، 21، 22؛ پەندى-‏نەسىھەت 31:‏30؛ 1-‏كورىنتلىقلار 16:‏13)

  • ھاكىملار 5:‏1-‏31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    كەلگۈسى ئارماگېدون ئۇرۇشى ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلغىنىمىزدا، باراق بىلەن دېبورانىڭ جەڭ غەلبە ناخشىسىنى قانداق ئىشلىتەلەيمىز؟ (ھاكىملار 5:‏3، 31؛ 1-‏تارىخنامە 16:‏8-‏10؛ ۋەھىيلەر 7:‏9، 10؛ 16:‏16؛ 19:‏19-‏21)