مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

52-‏ھېكايە: گىدېئون ۋە ئۇنىڭ 300 ئەسكىرى

52-‏ھېكايە: گىدېئون ۋە ئۇنىڭ 300 ئەسكىرى

بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇلار ھەممىسى ئىسرائىل جەڭچىلەر. ئۇ كىشىلەر ئېڭىشىپ سۇ ئىچىۋاتىدۇ. ئۇلارغا يېقىن تۇرغان ئاۋۇ كىشى ھاكىم گىدېئون. ئۇ جەڭچىلەرنىڭ قانداق سۇ ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرىۋاتىدۇ.

سۇ ئىچىۋاتقانلارنىڭ سۇنى ئېچىش ئۇسۇلىدا پەرق بارلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ بەزىلەر سۇغا باشچىلاپ چۈشۈپ، يۈزلىرى سۇغا چىلىشىپ تۇرغان ھالەتتە سۇ ئىچمەكتە. بىراق، ئاۋۇ بىرى قولىدا سۇ ئېلىپ ئىچىۋاتىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ سۇ ئىچكەچ، ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىمۇ كۆزىتەلەيدۇ. بۇ بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى، پەرۋەردىگار يەھۋا ئۇنىڭغا پەقەت سۇ ئىچكەچ، ئەتراپنى كۆزەتكەن ئادەملەرنى تاللاپ، قالغانلىرىنى ئۆيىگە قايتۇرۇشنى بۇيرۇغان ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا يەنە ئېغىر كۈنلەر كەلدى. سەۋەبى، ئۇلار يەھۋاغا يەنە بويسۇنمىغانىدى. مىدىيانلىقلار ئىسرائىل خەلقى ئۈستىدىن كۈچلۈك كېلىپ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلدى. شۇڭا، ئىسرائىل خەلقى يەھۋاغا يىلىنىپ، نالە-‏پەرياد قىلىپ ياردەم تىلەشتى. يەھۋا ئۇلارنىڭ يىلىنىشلىرىغا قۇلاق سالدى.

يەھۋا خۇدا گىدېئونغا بىر قوشۇن تەشكىللەشنى بۇيرۇدى. شۇڭا، گىدېئون 32000 جەڭچىنى توپلىدى. ئەمما، ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلار 135000 كىشىلىك قوشۇن ئىدى. يەھۋا گىدېئونغا:‏ «سېنىڭ ئەسكەرلىرىڭ بەكمۇ كۆپ»، دېدى. يەھۋا نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ؟

سەۋەبى، ئەگەر ئىسرائىللار جەڭدە غەلبە قىلسا، ئۇلار بىز ئۆز كۈچىمىزگە تاياندۇق؛ بۇ غەلبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولمىدۇق، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. شۇڭا، يەھۋا گىدېئونغا:‏ «قوشۇندىكى بارلىق كىشىلەرگە ئېيت، كىم قورقسا، ئۆيىگە قايتسۇن»، دېدى. گىدېئون بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگەندە، قوشۇندىن 22000 جەڭچى قايتىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، 135000 كىشىلىك قوشۇنغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، پەقەت 10000 جەڭچى گىدېئون بىلەن قالدى.

گىدېئون ئەسكەرلىرىنى سىناۋاتىدۇ

بىراق، قۇلاق سېلىڭە! يەھۋا:‏ «سېنىڭ جەڭچىلىرىڭ يەنىلا بەك كۆپ»، دېدى. شۇڭا، ئۇ گىدېئونغا ئۇلارنى بۇ ئېقىن سۈيىنى ئېچىشكە بۇيرۇپ؛ كىمكى ئېڭىشىپ يۈزىنى سۇغا تەگكۈزۈپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇۋېتىشنى ئېيتتى. ئاندىن كېيىن، يەھۋا:‏ «مەن سۇ ئىچكەچ، ئەتراپنى كۆزەتكەن 300 جەڭچىلىرىڭ بىلەن سېنى غەلبىگە ئېرىشتۇرىمەن»، دەپ ۋەدە بەردى.

جەڭ قىلىش پەيتى يېتىپ كەلگەندە، گىدېئون 300 جەڭچىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلدى. ئۇ ھەربىر جەڭچىگە بىر كاناي، بىر كوزا ۋە بىر مەشئەلنى بەردى. مەشئەل بولسا كوزا ئىچىدە ئىدى. يېرىم كېچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن قوشۇنلىرى بارگاھىنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، بىرلا ۋاقىتتا كاناي چېلىپ، كوزىلارنى چېقىپ:‏ «يەھۋا بىلەن گىدېئوننىڭ قىلىچىدۇر!»، دەپ توۋلاشتى. دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئەسكەرلىرى ئويغانغاندا، ئۇلار ھودۇقۇپ قورقۇپ كېتىشتى. ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قېچىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار جەڭدە غەلبە قىلدى.

ھاكىملار 6-‏بابتىن 8-‏بابغىچە.



سوئاللار

  • ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا قانداق ئېغىر كۈنلەر كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن گىدېئونغا، سېنىڭ جەڭچىلىرىڭ بەكمۇ كۆپ دېدى؟
  • گىدېئون قورقساڭلار ئۆيۈڭلەرگە قايتىڭلار دېگەندىن كېيىن، قانچىلىك ئادەم ئۇنىڭ بىلەن قالدى؟
  • رەسىمگە قاراپ، يەھۋانىڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن، گىدېئوننىڭ قوشۇنىنى پەقەت 300 جەڭچىگە قىسقارتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ؟
  • گىدېئون 300 جەڭچىنى قانداق ئورۇنلاشتۇردى؟ قانداق قىلىپ ئىسرائىللار غەلبىگە ئېرىشتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • ھاكىملار 6:‏36-‏40-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن گىدېئون نېمە ئىش قىلدى؟

    بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋانىڭ نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى قانداق كۆرۈپ يېتەلەيمىز؟ (پەندى-‏نەسىھەت 2:‏3-‏6؛ مەتتا 7:‏7-‏11؛ 2-‏تىموتىي 3:‏ 16، 17)

  • ھاكىملار 7:‏1-‏25-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ھوشيارلىقنى ساقلىغان 300 جەڭچى بىلەن باشقا بىخەستەلىك قىلغان جەڭچىلەرنى سېلىشتۇرساق، قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ (ھاكىملار 7:‏3، 6؛ رىملىقلار 13:‏11، 12؛ ئەفەسلىكلەر 5:‏15-‏17)

    خۇددى 300 جەڭچى گىدېئونغا قاراپ ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، ئۇلۇغ گىدېئون يەنى ئەيسا مەسىھكە قاراپ نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (ھاكىملار 7:‏17؛ مەتتا 11:‏29، 30؛ 28:‏19، 20؛ 1-‏پېترۇس 2:‏21)

    يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغىنىمىزدا، مەيلى قانداق ۋەزىپە بەلگىلەنگەن بولسۇن، ئۇنى مەمنۇنلۇق بىلەن قىلىشىمىزغا، ھاكىملار 7:‏21-‏ئايەت قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (1-‏كورىنتلىقلار 4:‏2؛ 12:‏14-‏18؛ ياقۇپ 4:‏10)

  • ھاكىملار 8:‏1-‏3-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارىسىدىكى تالاش-‏تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە، گىدېئوننىڭ ئەفرائىم قەبىلىسى بىلەن بولغان تالاش-‏تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (پەندى-‏نەسىھەت 15:‏1؛ مەتتا 5:‏23، 24؛ لۇقا 9:‏48)