مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

57-‏ھېكايە: خۇدانىڭ داۋۇتنى تاللىشى

57-‏ھېكايە: خۇدانىڭ داۋۇتنى تاللىشى
داۋۇت بىر قوزىچاقنى قۇتقۇزىۋالدى

نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟ ئۇ بالا پاقلانچاقنى ئېيىقتىن قۇتقۇزۇپ قالغانىدى. ئېيىق كېلىپ، پاقلانچاقنى تۇتۇپ يېمەكچى بولۇپ، ئېلىپ ماڭغانىدى. بىراق، ئۇ بالا ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ، پاقلانچاقنى ئېيىقنىڭ ئېغىزىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى. يەنى ئېيىق ئالدى پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئۈرە بولغاندا، بالا ئېيىقنى قۇچاقلاپ تۇتىۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. يەنە بىر نۆۋەت، ئۇ بالا بىر قويىنى شىرنىڭ ئېغىزىدىن قۇتقۇزۇۋالغان ئىدى. نېمە دېگەن باتۇر بالا ئۇ، ھە! بىلەمسىز، ئۇ ئوغۇل بالا كىم؟

ئۇ ياش يىگىت داۋۇت. ئۇ بەيتلەھەم دېگەن شەھەردە ياشىغان. ئۇنىڭ بوۋىسى ئوبىد بولۇپ، رۇت بىلەن بوئازنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ھەمدە داۋۇتنىڭ دادىسى يىشاي ئىدى. داۋۇت دادىسىنىڭ قويلىرىنى باقاتتى. پەرۋەردىگار يەھۋا سائۇلنى پادىشاھ بولۇشقا تاللاپ ئون يىلدىن كېيىن، داۋۇت تۇغۇلغان ئىدى.

ۋاقتى-‏سائىتى كەلگەندە، يەھۋا سامۇئىل پەيغەمبەرگە:‏ «ئالاھىدە ياغ ئېلىپ، بەيتلەھەمدىكى يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم»، دېدى. سامۇئىل يىشاينىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىيابنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز-‏ئۆزىگە:‏ «شەكسىزكى، يەھۋانىڭ تاللىغىنى مۇشۇ»، دېدى. ئەمما يەھۋا ئۇنىڭغا:‏ «ئۇنىڭ بوي-‏بەستى ۋە كېلىشكەن قامىتىگە قارىما. مەن پادىشاھلىققا ئۇنى تاللىمىدىم»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يىشاي ئوغلى ئابىنادابنى چاقىردى. ئەمما، سامۇئىل:‏ «ياق، يەھۋا ئۇنىمۇ تاللىمىدى»، دېدى. ئارقىدىن، يىشاي ئوغلى شاممانى ئېلىپ كەلدى. سامۇئىل:‏ «ياق، يەھۋانىڭ تاللىغىنى بۇمۇ ئەمەس»، دېدى. يىشاي يەتتە ئوغلىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. لېكىن، يەھۋا ھېچبىرىنى تاللىمىدى. سامۇئىل:‏ «ھەممە ئوغلۇڭ مۇشۇ يەردىمۇ؟»، دەپ سورىدى.

يىشاي:‏ «ئەڭ كىچىك يەنە بىرى بار، بىراق ئۇ قوي بېقىۋاتىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار داۋۇتنى ئېلىپ كەلگەندە، سامۇئىل پەيغەمبەر ئۇنىڭ ناھايىتى قاملاشقان يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەھۋا:‏ «مۇشۇ شۇ، ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيغىن»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، سامۇئىل شۇنداق قىلدى. كەلگۈسىدە ۋاقىت-‏سائىتى كەلگەندە، داۋۇت ئىسرائىلغا پادىشاھ بولاتتى.

1-‏سامۇئىل 17:‏34، 35؛ 16:‏1-‏13.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى بالىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى قانداق بىلىمىز؟
  • داۋۇت قەيەردە ياشىغان؟ ئۇنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
  • يەھۋا نېمە ئۈچۈن سامۇئىلنى بەيتلەھەمدىكى يىشاينىڭ ئۆيىگە بېرىشقا بۇيرۇدى؟
  • يىشاي يەتتە ئوغلىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، نېمە ئىش بولدى؟
  • داۋۇتنى ئېلىپ كەلگەندە، يەھۋا سامۇئىلغا نېمە ئىش قىلىشنى ئېيتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏سامۇئىل 17:‏34، 35-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    داۋۇتنىڭ باتۇرلۇقى ۋە يەھۋاغا تايانغانلىقى، مۇشۇ ۋەقەلەردە قانداق تەكىتلەنگەن؟ (1-‏سامۇئىل 17:‏37)

  • 1-‏سامۇئىل 16:‏1-‏14-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    باشقىلارغا باشقىچە نەزەردە قاراش ياكى پەقەت سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بېرىشتىن خالىي بولۇشىمىزغا، يەھۋانىڭ 1-‏سامۇئىل 16:‏7-‏ئايەتتىكى سۆزى قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ئەلچىلەر 10:‏34، 35؛ 1-‏تىموتىي 2:‏4)

    سائۇلنىڭ مىسالى، يەھۋا بىر كىشىنى مۇقەددەس روھتىن مەھرۇم قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ قەلبى يامان روھ، يەنى خاتا ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان يامان نىيەت بىلەن تولىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (1-‏سامۇئىل 16:‏14؛ مەتتا 12:‏43-‏45؛ گالاتىيالىقلار 5:‏16)