مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

58-‏ھېكايە: داۋۇت بىلەن جوليات

58-‏ھېكايە: داۋۇت بىلەن جوليات

فىلىستىنلىكلەر كېلىپ، ئىسرائىللار بىلەن يەنە ئۇرۇش قىلماقچى بولدى. داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى سائۇلنىڭ قوشۇنىدا ئەسكەر ئىدى. شۇڭا، يىشاي بىر كۈنى داۋۇتقا:‏ «بۇغداي قومىچى ۋە نانلارنى ئاكىلىرىڭغا ئاپىرىپ بەرگىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق كۆرۈپ كەل»، دەپ ئەۋەتتى.

جوليات

داۋۇت قوشۇنلارنىڭ بارگاھىغا كېلىپ، ئاكىلىرىنى ئىزدەپ جەڭ مەيدانىغا يۈگۈرۈپ باردى. ئاشۇ ۋاقىتتا، فىلىستىنلىك غايەت يوغان ئادەم جوليات ئالدىغا چىقىپ، ئىسرائىللارنى مازاق قىلىۋاتاتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە، كەچتە چىقىپ شۇنداق قىلاتتى. ئۈزۈلدۈرمەي 40 كۈن شۇنداق قىلغانىدى. ئۇ:‏ «ئاراڭلاردىن بىرىنى مېنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا تاللاڭلار، ئەگەر ئۇ يېڭىپ، مېنى ئۆلتۈرسە، بىز سىلەرگە قۇل بولايلى. بىراق، مەن يېڭىپ، ئۇنى ئۆلتۈرسەم، سىلەر بىزگە قۇل بولۇڭلار. مەن سىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن، جۈرئەت قىلالىساڭلار، بىرىنى تاللاڭلار، مەن بىلەن جەڭگە چۈشسۇن»، دېدى.

داۋۇت بىرقانچە ئەسكەرلەردىن:‏ «ئەگەر بىرى بۇ فىلىستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى مۇشۇ ھاقارەتلەشتىن ئازاد قىلسا، قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ»، دەپ سورىدى.

ئۇلاردىن بىرى:‏ «سائۇل ئۇ كىشىنى مۇكاپاتلاپ، كۆپ بايلىق ئىگە قىلىدۇ ۋە قىزنى ئۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بېرىدۇ»، دېدى.

لېكىن، بارلىق ئىسرائىللار جولياتتىن قورقۇپ كەتكەنىدى. چۈنكى، ئۇ بەكمۇ يوغان ئىدى. ئۇنىڭ بويى 3 مېتىرچە ئېگىز بولۇپ، قالقىنىنى كۆتۈرىدىغان بىر ئەسكىرى بار ئىدى.

بەزى ئەسكەرلەر بېرىپ، داۋۇتنىڭ جوليات بىلەن جەڭگە چۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى سائۇلغا ئېيتتى. ئەمما، سائۇل داۋۇتقا:‏ «سەن بۇ فىلىستىنلىك بىلەن جەڭ قىلالمايسەن. سەن تېخى بىر بالا، لېكىن ئۇ پۈتۈن ئۆمىرىدە جەڭ قىلىپ كۆنگەن ئەسكەر»، دېدى. داۋۇت جاۋاب بېرىپ:‏ «مەن دادامنىڭ قويلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئېيىق ۋە شىرنى ئۆلتۈرگەنمەن. بۇ فىلىستىنلىك شۇلارنىڭ بىرىدەك بولىدۇ. يەھۋا ماڭا ياردەم بېرىدۇ»، دېدى. شۇڭا، سائۇل:‏ «بارغىن! يەھۋا سەن بىلەن بىرگە بولسۇن»، دېدى.

داۋۇت سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىقتىن سىلىق بەش تال تاشنى تىرىپ ئېلىپ، ئۇلارنى خالتىسىغا سالدى. ئاندىن كېيىن، قولىغا سالغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يوغان ئادەم بىلەن جەڭگە چۈشمەكچى بولدى. جوليات داۋۇتنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي، داۋۇتنى ئۆلتۈرۈش ناھايىتى ئاسان ئىش، دەپ ئويلىدى.

داۋۇت بىر تاشنى كۈچەپ ئاتتى

شۇڭا، جوليات:‏ «ماڭا كەلگىن، مەن سېنىڭ گۆشىڭنى ئۇچارقاناتلار ۋە ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرەي»، دېدى. بىراق، داۋۇت:‏ «سەن قىلىچ، نەيزىلەرنى ئېلىپ ئالدىمغا كەلدىڭ. لېكىن، مەن يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن ئالدىڭغا چىقىمەن. بۈگۈن يەھۋا سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ ۋە مەن سېنى ئۇرۇپ يەرگە يىقىتىمەن»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، داۋۇت جولياتنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. ئۇ خالتىسىدىن بىر تاشنى ئېلىپ، سالغىغا سېلىپ، بارچە كۈچى بىلەن ئاتتى. تاش ئۇچۇپ بېرىپ، جولياتنىڭ بېشىغا تەگدى ۋە ئۇ يەرگە يىقىلىپ ئۆلدى! فىلىستىنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ پالۋاننىنىڭ يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قېچىشتى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئۇرۇشتا غەلبە قىلدى.

1-‏سامۇئىل 17:‏1-‏54.



سوئاللار

  • جوليات ئىسرائىل قوشۇنىغا قانداق جەڭ ئېلان قىلدى؟
  • جوليات قانچىلىك يوغان؟ پادىشاھ سائۇل جولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىنى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى؟
  • داۋۇت تېخى بالا بولغاچ، سائۇل ئۇنىڭغا جوليات بىلەن جەڭگە چۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، داۋۇت نېمە دېدى؟
  • جولياتقا جاۋاب قايتۇرغاندا، داۋۇت ئۆزىنىڭ يەھۋاغا ئىشەنچ قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟
  • رەسىمدىن كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، داۋۇت جولياتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نېمە ئىشلەتتى؟ ئاندىن كېيىن، فىلىستىنلىكلەرگە نېمە بولدى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏سامۇئىل 17:‏1-‏54-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    داۋۇتنىڭ قورقماس باتۇر بولۇشىنىڭ سىرى نېمە؟ ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (1-‏سامۇئىل 17:‏37، 45؛ ئەفەسلىكلەر 6:‏10، 11)

    كۆڭۈل ئاچقاندا ياكى ئويۇنلارنى ئوينىغاندا بولسۇن، خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار نېمە ئۈچۈن جولياتقا ئوخشاش رىقابەتلىشىش روھىدىن خالىي بولۇشى كېرەك؟ (1-‏سامۇئىل 17:‏8؛ گالاتىيالىقلار 5:‏26؛ 1-‏تىموتىي 4:‏8)

    داۋۇتنى قىلغان سۆزى، ئۇنىڭ يەھۋانىڭ يار-‏يۆلەكتە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتتى؟ (1-‏سامۇئىل 17:‏45-‏47؛ 2-‏تارىخنامە 20:‏15)

    مۇقەددەس كىتابتىكى مۇشۇ ۋەقەدە، پەقەت ئىككى قوشۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلا ئەمەس، بەلكى يەنە يالغان ئىلاھلار بىلەن ھەق خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى، قانداق كۆرۈپ يېتەلەيمىز؟ (1-‏سامۇئىل 17:‏43، 46، 47)

    يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىشتا، مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قالغان ئەزالىرى، داۋۇتنى ئۆزلىرىگە قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟ (1-‏سامۇئىل 17:‏37؛ يەرەمىيا 1:‏17-‏19؛ ۋەھىيلەر 12:‏17)