مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

60-‏ھېكايە: ئابىگائىل بىلەن داۋۇت

60-‏ھېكايە: ئابىگائىل بىلەن داۋۇت

بىلەمسىز، داۋۇت بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئۇ چىرايلىق ئايال كىم؟ ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئابىگائىل. ئۇ ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان سەزگۈر ئايال بولۇپ، داۋۇتنى يامان ئىش قىلىشتىن توسۇپ قالغانىدى. ئۇنداقتا، ئۇنى نېمە ئىش قىلىشتىن توسۇپ قالغان؟ شۇنى بىلىشتىن ئاۋۋال، داۋۇتقا نېمە بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، بىر تاغ ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئائىلىسىدىكى باشقىلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. تەخمىنەن 400 ئادەم ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىدى. داۋۇت ئۇلارغا باشلامچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، داۋۇت موئابنىڭ پادىشاھىغا بېرىپ:‏ «ماڭا نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلگۈچە، ئاتام بىلەن ئانامنى بۇ يەردە تۇرغىلى قويسىڭىز»، دەپ ئۆتۈندى. كېيىن، داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەر تاغلاردا مۆكۈپ يۈرۈشكە باشلىدى.

مۇشۇ ئىشتىن كېيىن، داۋۇت ئابىگائىلنى ئۇچراتقانىدى. ئۇنىڭ ئېرى نابال كۆپ يەر-‏زېمىنى بار باي كىشى بولۇپ، 3000 قويى ۋە 1000 ئۆچكىسى بار ئىدى. نابال ئۇ قوپال، مېھىر-‏شەپقەتىسىز بىر ئادەم ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ خوتۇنى ئابىگائىل ناھايىتى چېۋەر، چىرايلىق ئايال ئىدى. ئۇ ئىش قىلىشنىڭ ئېپىنى بىلەتتى. ھەتتا بىر قېتىم، ئۇ ئائىلىسىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى. قانداق قىلىپ؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى نابالغا ياخشىلىق قىلىپ، يەنى ئۇنىڭ پادىچىلىرىغا ياردەملىشىپ، قويلىرىنى قوغدىغان ئىدى. شۇڭا، بىر كۈنى داۋۇت بىرقانچە ئادەمنى نابالدىن ئىلتىپات قىلىشنى سوراشقا ئەۋەتتى. داۋۇت ئەۋەتكەن ئادەملەر نابالنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ياردەمچىلىرى بىلەن قوينىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتاتتى. بۇ بىر زىياپەت كۈنى ئىدى. شۇڭا، نابالنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرى كۆپ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى:‏ «بىز ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق. بىرەر قويۇڭنى ئوغرىلىمىدۇق. ئەكسىچە، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشقا ياردەملەشتۇق. ھازىر بىزگە ئىلتىپات قىلىپ، يېگىلى ئازراق تاماق بەرسەڭ»، دەپ سورىدى.

نابال:‏ «مەن سەندەك ئادەملەرگە تاماق بەرمەيمەن»، دېدى. ئۇ يامان گەپ-‏سۆزلەرنى قىلىپ داۋۇتنى ھاقارەتلىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كېلىپ بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە:‏ «قىلىچىڭلارنى ئېسىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار نابال ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

نابالنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن قىلغان يامان گەپ-‏سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بىر خىزمەتچى بېرىپ، ئابىگائىلغا بولغان ئىشلارنى ئېتىپ بەردى. ئابىگائىل دەرھال يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇ داۋۇت بىلەن ئۇچراشقاندا، ئېشەكتىن چۈشۈپ، ئىگىلىپ تەزىم بىلەن:‏ «ئەي غوجام، ئېرىم نابالغا پەرۋا قىلمىغايسەن. ئۇ بىر ئەخمەق، قاملاشمىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىدۇ. قىلغانلىرىمىزنى كۆڭلۈڭگە ئالمىغايسەن. مەرھەمەت بۇ ئازراق سوۋغاتنى قوبۇل قىلغايسەن»، دېدى.

ئابىگائىل يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى تەييارلاپ داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى

داۋۇت جاۋاب بېرىپ:‏ «سەن ئەقىللىق ئايال ئىكەنسەن. نابالنىڭ رەھىمسىزلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدىم. سەن مېنى توسۇپ قالدىڭ. تىنچ-‏ئامان ئۆيىڭگە قايتىپ كەت»، دېدى. كېيىنچە، نابال ئۆلگەندە، داۋۇت ئابىگائىلنى خوتۇنلۇققا ئالدى.

1-‏سامۇئىل 22:‏1-‏4؛ 25:‏1-‏43.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى داۋۇت بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئايالنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇ قانداق ئايال ئىدى؟
  • نابال كىم؟
  • داۋۇت نېمە ئۈچۈن ئادەملىرىنى نابالدىن ئىلتىپات قىلىشنى سوراشقا ئەۋەتتى؟
  • نابال داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە نېمە دېدى؟ شۇنىڭ بىلەن، داۋۇت قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟
  • ئابىگائىل ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ئايال ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏سامۇئىل 22:‏1-‏4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ چوقۇم بىر-‏بىرىمىزگە يار-‏يۆلەكتە بولۇشىمىز ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئائىلىسى قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟ (پەندى-‏نەسىھەت 17:‏17؛ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏14)

  • 1-‏سامۇئىل 25:‏1-‏43-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن نابال شۇنچە پەس كىشى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن؟ (1-‏سامۇئىل 25:‏2-‏5، 10، 14، 21، 25)

    بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاياللار، ئابىگائىلنى ئۆزلىرىگە قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (1-‏سامۇئىل 25:‏32، 33؛ پەندى-‏نەسىھەت 31:‏26؛ ئەفەسلىكلەر 5:‏24)

    ئابىگائىل داۋۇتنى قايسى ئىككى يامان ئىشنى قىلىشتىن توسۇپ قالدى؟ (1-‏سامۇئىل 25:‏31، 33؛ رىملىقلار 12:‏19؛ ئەفەسلىكلەر 4:‏26)

    بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، يەھۋا بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتا قارىشىغا، داۋۇتنىڭ ئابىگائىلنىڭ سۆزىنى ئىلىك ئالغانلىق مىسالى قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ئەلچىلەر 21:‏8، 9؛ رىملىقلار 2:‏11؛ 1-‏پېترۇس 3:‏7)