مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

63-‏ھېكايە: دانىشمەن پادىشاھ سۇلايمان

63-‏ھېكايە: دانىشمەن پادىشاھ سۇلايمان

سۇلايمان پادىشاھ بولغاندا، ئۇ ئون نەچچە ياشلىق بالا ئىدى. ئۇ يەھۋانى سۆيەتتى، دادىسى داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ بەرگەن دانا مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالاتتى. يەھۋا سۇلايماندىن بەكمۇ خۇرسەن ئىدى. شۇڭا، بىر كۈنى كېچىسى سۇلايماننىڭ چۈشىدە، يەھۋا ئۇنىڭغا:‏ «سۇلايمان، ساڭا نېمە بېرەي، مېنىڭدىن نېمە تىلەيسەن؟»، دەپ سورىدى.

سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب قايتۇرۇپ:‏ «يەھۋا خۇدايىم، مەن تېخى ياش، قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى بىلمەيمەن. شۇڭا، خەلقىڭگە توغرا ئۇسۇلدا پادىشاھلىق قىلىش ئۈچۈن ئەقىل-‏پاراسەت بەرگىن»، دېدى.

پەرۋەدىگار يەھۋا سۇلايماننىڭ ئەقىل-‏پاراسەت تەلەپ قىلغىنىدىن سۆيۈندى. شۇڭا ئۇ:‏ «سەن مەندىن ئۇزۇن ئۆمۈر ياكى مال-‏دۇنيا سورىماي، بەلكى ئەقىل-‏پاراسەت سورىغىنىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى دۇنيادا ياشاپ ئۆتكەن ھەرقانداق بىر كىشىدىن زىيادە ئەقىل-‏پاراسەتكە ئىگە قىلىمەن ۋە سەن سورىمىغان بايلىق ھەم شان-‏شۆھرەتنىمۇ بېرىمەن»، دېدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككى ئايال قىيىن بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۇلايماننىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرى:‏ «بۇ ئايال مەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇراتتى. مەن بىر ئوغۇل تۇغدۇم، ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇمۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. كېيىن، بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ ئايالنىڭ بالىسى ئۆلۈپ قاپتۇ. بىراق، مەن ئۇخلاپ قالغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلگەن بالىسىنى يېنىمغا قويۇپ قويۇپ، مېنىڭ بالامنى ئېلىۋاپتۇ. مەن ئويغىنىپ، ئۆلۈك بالىغا قارىسام، ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس»، دەپ چۈشەندۈردى.

بۇ ۋاقىتتا، يەنە بىر ئايال:‏ «ياق! تىرىك بالا مېنىڭ، ئۆلۈك بالا ئۇنىڭ!»، دېدى. بىرىنچى ئايال:‏ «ياق! ئۆلۈك بالا سېنىڭ، تىرىك بالا مېنىڭ!»، دەپ جاۋاب قايتۇردى. ئىككى ئايال مۇشۇنداق تالاش-‏تارتىش قىلىشقىلى تۇردى. سۇلايمان قانداق قىلماقچى بولغاندۇ؟

سۇلايمان پادىشاھ بىرىنى قىلىچ ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. قىلىچنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ:‏ «تىرىك بالىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ھەربىر ئايالغا يېرىمدىن بۆلۈپ بېرىڭلار»، دېدى.

بالىنىڭ ھەقىقىي ئانىسى:‏ «ياق! بالىنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇنىڭغا بېرىڭلار!»، دەپ ۋارقىرىدى. ئەمما، باشقا ئايال:‏ «ئۇنى ھېچ قايسىمىزغا بەرمەي، ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئىككى قىلىڭلار»، دېدى.

سۇلايمان پادىشاھ قىيىن بىر مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ

ئاخىرىدا، سۇلايمان پادىشاھ:‏ «بالىنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئۇنى بىرىنچى ئايالغا بېرىڭلار. ئۇ بالىنىڭ ھەقىقىي ئانىسى»، دېدى. سۇلايمان ئۇ ئايالنىڭ بالىنىڭ ھەقىقىي ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆز بالىسىنى بەكمۇ سۆيەتتى، شۇڭا بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى يەنە بىر ئايالغا بېرىشكە رازى بولغانىدى. خەلق سۇلايماننىڭ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، شۇنداق دانىشمەن پادىشاھنىڭ بولغانلىقىدىن ئۇلار تولىمۇ خۇشال بولۇشتى.

سۇلايمان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى بەرىكەتلىدى. شۇ سەۋەب، ئۇلارنىڭ يەرلىرى نۇرغۇن بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم ۋە ئەنجۈر ھەم باشقا ئاشلىقلاردىن مول-‏ھوسۇل بەردى. خەلق چىرايلىق كىيىم-‏كېچەك ۋە تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولدى. شۇ زاماندا، ئىسرائىل دۆلىتىدە بارچە خەلق باياشات، تىنچ-‏ئامان تۇرمۇش كەچۈردى.

1-‏پادىشاھلار 3:‏3-‏28؛ 4:‏25-‏34.



سوئاللار

  • يەھۋا سۇلايماندىن نېمە سورىدى؟ سۇلايمان قانداق جاۋاب بەردى؟
  • سۇلايماننىڭ تەلىپىدىن خۇرسەن بولغاچ، يەھۋا ئۇنىڭغا نېمە بېرىشنى ۋەدە قىلدى؟
  • ئىككى ئايال سۇلايماننىڭ ئالدىغا قانداق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كەلدى؟
  • سىز رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغاندەك، سۇلايمان مەسىلىنى قانداق ھەل قىلدى؟
  • سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، خەلق قانداق تۇرمۇش كەچۈردى؟ نېمە ئۈچۈن؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 1-‏پادىشاھلار 3:‏3-‏28-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئەر ئېتىقادچىلار، 1-‏پادىشاھلار 3:‏7-‏ئايەتتە خاتىرىلەنگەن سۇلايماننىڭ يۈرەك سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ (زەبۇر 119:‏105؛ پەندى-‏نەسىھەت 3:‏5، 6)

    سۇلايماننىڭ دۇئا-‏تەلەپلىرىدىن، قانداق مۇھىم نەرسە ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالالايمىز؟ (1-‏پادىشاھلار 3:‏9، 11؛ پەندى-‏نەسىھەت 30:‏8، 9؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏14)

    سۇلايماننىڭ ئىككى ئايال ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-‏تارتىشنى ھەل قىلىشى ھەققىدىكى ۋەقەدىن، تېخىمۇ ئۇلۇغ سۇلايمان، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىقى توغرىسىدا نېمىنى كۆرۈۋالالايمىز؟ (1-‏پادىشاھلار 3:‏28؛ يەشايا 9:‏6، 7؛ 11:‏2-‏4)

  • 1-‏پادىشاھلار 4:‏29-‏34-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    سۇلايمان ئۆزىدە بىر ئىتائەتچان قەلب بولۇشنى تىلىگەندە، يەھۋا قانداق جاۋاب قايتۇردى؟ (1-‏پادىشاھلار 4:‏29)

    كىشىلەرنىڭ سۇلايماننىڭ ھېكمىتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئويلاپ كۆرسەك، خۇدانىڭ سۆزىنى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك؟ (1-‏پادىشاھلار 4:‏29، 34؛ يۇھاننا 17:‏3؛ 2-‏تىموتىي 3:‏16)