مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

67-‏ھېكايە: يەھوشافاتنىڭ يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىشى

67-‏ھېكايە: يەھوشافاتنىڭ يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىشى

بۇ ئادەملەر كىم ۋە ئۇلار نېمە قىلىۋاتىدۇ، بىلەمسىز؟ ئۇلار جەڭگە ماڭدى ۋە ئالدىدا ماڭغان ئادەملەر ناخشا ئېيتىپ كېتىپ بارىدۇ. بەلكىم سىز:‏ «ناخشا ئېيتقۇچىلار نېمە ئۈچۈن قولىغا قىلىچ ياكى نەيزىلەرنى ئالماي جەڭگە چىقىدۇ؟»، دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، بىز بىرلىكتە قاراپ باقايلى.

ئىسرائىللار جەڭ قىلىشقا كېتىپ بارىدۇ

يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئىدى. يەھوشافات، ئىسرائىلنىڭ شىمالىي 10 قەبىلە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئاھاب ۋە خانىشى ئىزابېل بىلەن ئوخشاش بىر دەۋىردە ياشىغانىدى. ئەمما، يەھوشافات ياخشى پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاسامۇ ئاق كۆڭۈل پادىشاھ بولغانىدى. شۇڭا، جەنۇبىي ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىدىكى خەلقلەر خۇشال-‏خۇرام تۇرمۇش كەچۈردى.

بىراق، ئەمدى بىر ئىش يۈز بېرىپ، خەلق قورقۇشقا باشلىدى. خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر يەھوشافاتقا:‏ «موئاب، ئاممون ۋە سەئىر تاغلىرىنىڭ خەلقى بىر بولۇپ، چوڭ قوشۇن بىلەن ساڭا ھۇجۇم قىلغىلى كېلىۋاتىدۇ»، دەپ خەۋەر بەردى. يەھۋادىن ياردەم سوراش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا جەم بولدى. ئۇلار ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ يەردە يەھوشافات:‏ «ئەي يەھۋا، خۇدايىمىز، بىز نېمە قىلىشنى بىلمەيمىز. دۈشمەننىڭ چوڭ قوشۇنىغا كۈچىمىز يەتمەيدۇ. سېنىڭ ياردىمىڭگە مۇھتاجمىز»، دەپ دۇئا قىلدى.

يەھۋا دۇئاغا قۇلاق سالدى. ئۇ بىر خىزمەتچىسىنى ئەۋەتىپ، خەلققە:‏ «جەڭ سىلەرنىڭ ئەمەس، ئەمما خۇدانىڭكىدۇر. سىلەر جەڭ قىلمايسىلەر. پەقەت قاراپ تۇرساڭلار بولدى. يەھۋا سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدۇ، كۆرۈڭلار!»، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئەتىسى سەھەردە يەھوشافات خەلققە:‏ «يەھۋاغا ئىشىنىڭلار»، دېدى. ھەمدە، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارنى ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا قويدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەھۋانى مەدھىيىلەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ماڭدى. ئۇلار جەڭ مەيدانىغا يېقىنلاشقاندا، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يەھۋا خۇدا، دۈشمەن قوشۇنلىرىدىكى ئەسكەرلەرنى ئۆزئارا جەڭگە سېلىپ قويدى. ئىسرائىللار يېتىپ كەلگەندە، دۈشمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈك تۇراتتى!

يەھوشافاتنىڭ چىن قەلبىدىن يەھۋاغا ئىشەنچ قىلغانلىقى ئاقىلانىلىك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىزمۇ يەھۋاغا ئىشەنچ قىلساق، ئاقىلانە ئىش قىلغان بولىمىز!

1-‏پادىشاھلار 22:‏41-‏53؛ 2-‏تارىخنامە 20:‏1-‏30.


سوئاللار

  • يەھوشافات كىم؟ ئۇ قايسى دەۋىردە ياشىغانىدى؟
  • ئىسرائىل خەلقى نېمە ئۈچۈن قورقۇشتى؟ شۇ سەۋەب، ئۇلار نېمە ئىش قىلدى؟
  • يەھوشافاتنىڭ دۇئاسىغا يەھۋا قانداق جاۋاب قايتۇردى؟
  • جەڭ باشلىنىشتىن ئىلگىرى، يەھۋا دۈشمەنلەرنى نېمە قىلدى؟
  • يەھوشافاتنى ئۆزىمىزگە قايسى جەھەتتىن ئۈلگە قىلالايمىز؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 2-‏تارىخنامە 20:‏1-‏30-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى، يەھوشافات قانداق كۆرسەتتى؟ (2-‏تارىخنامە 20:‏12؛ زەبۇر 25:‏15؛ 62:‏1)

    ئەزەلدىن تارتىپ، يەھۋا ئۆز خەلقى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىپ كەلگەن؟ ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ (2-‏تارىخنامە 20:‏14، 15؛ مەتتا 24:‏45-‏47؛ يۇھاننا 15:‏15)

    «ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىكى جەڭ» باشلانغاندا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز قايسى جەھەتتىن يەھوشافاتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ؟ (2-‏تارىخنامە 20:‏15، 17؛ 32:‏8؛ ۋەھىيلەر 16:‏14، 16)

    بۈگۈنكى كۈندە، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ۋە يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار، لاۋىيلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جاي-‏جايلىرىدىكى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىگە قانداق تۆھپە قوشماقتا؟ (2-‏تارىخنامە 20:‏19، 21؛ رىملىقلار 10:‏13-‏15؛ 2-‏تىموتىي 4:‏2)