مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

70-‏ھېكايە: يۇنۇس ۋە چوڭ بېلىق

70-‏ھېكايە: يۇنۇس ۋە چوڭ بېلىق

سۇدىكى ئاۋۇ ئادەمگە قاراڭ. ئۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا، شۇنداقمۇ؟ چوڭ بىر بېلىق ئۇ ئادەمنى يۇتۇپ كەتمەكچى! بىلەمسىز، ئۇ كىم؟ ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى يۇنۇس. ئۇنىڭ قانداق بولۇپ، بۇنداق خەتەرگە يولۇققانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

يۇنۇس يەھۋانىڭ بىر پەيغەمبىرى ئىدى. ئېلىشا پەيغەمبەر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي يەھۋا يۇنۇسقا:‏ «سەن نىنەۋى دېگەن چوڭ شەھەرگە بار. ئۇ شەھەرنىڭ خەلقى يامانلىق قىلىپ ھەددىدىن ئاشتى. مەن سېنى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئەۋەتىمەن»، دېدى.

يۇنۇس ۋە چوڭ بېلىق

بىراق، يۇنۇس پەيغەمبەر بېرىشنى خالىمىدى. شۇڭا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ، نىنەۋىگە قارشى يۆنىلىشكە سەپەرگە چىقتى. يۇنۇس تاپشۇرغان خىزمەتنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يەھۋا خاپا بولدى. شۇڭا، ئۇ قاتتىق بوران-‏چاپقۇن پەيدا قىلدى. دېڭىز دولقۇنى بەك چوڭ بولۇپ، كېمە چۆكۈپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى. كېمىدىكى دېڭىزچىلار بەكمۇ قورقۇپ كەتتى ۋە ۋارقىراپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىدىن ياردەم تىلەشتى.

ئاخىرىدا، يۇنۇس پەيغەمبەر ئۇلارغا:‏ «مەن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇ ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتقان خۇدا. مەن يەھۋا ماڭا تاپشۇرغان خىزمەتنى قىلىشنى تاشلاپ قېچىپ كېتىۋاتىمەن»، دېدى. شۇڭا، دېڭىزچىلار ئۇنىڭدىن:‏ «بىز سېنى قانداق قىلساق، بوران-‏چاپقۇن توختايدۇ؟» دەپ سورىدى.

يۇنۇس:‏ «مېنى دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز قايتا تىنچ بولىدۇ»، دېدى. دېڭىزچىلار ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. بىراق، بوران-‏چاپقۇن تېخىمۇ ئۇلغايدى. شۇڭا، ئاخىرى بولماي ئۇلار يۇنۇسنى كېمىدىن تاشلىدى. بوران-‏چاپقۇن دەرھال توختاپ، دېڭىز تىنچلاندى.

يۇنۇس سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقىنىدا، چوڭ بىر بېلىق ئۇنى يۇتۇۋالدى. ئەمما، ئۇ ئۆلمىدى. ئۇ ئۈچ كېچە-‏كۈندۈز بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇردى. يەھۋانىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سېلىپ نىنەۋى شەھىرىگە بارمىغانلىقى ئۈچۈن، يۇنۇس پەيغەمبەر قاتتىق پۇشايمان قىلدى. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

يۇنۇس يەھۋاغا دۇئا قىلىپ ياردەم تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋانىڭ كۈچ-‏قۇدرىتى بىلەن بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقىرىۋەتتى. ئاندىن كېيىن، يۇنۇس پەيغەمبەر نىنەۋى شەھىرىگە باردى. مۇشۇ ۋەقە، يەھۋانىڭ ئېيتقان ھەرقانداق سۆزلىرىگە بويسۇنۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىزگە ئۆگىتىدۇ!

يۇنۇس كىتابى.



سوئاللار

  • يۇنۇس كىم؟ يەھۋا يۇنۇس پەيغەمبەرگە نېمە قىلىشنى بۇيرۇدى؟
  • يۇنۇس، تەڭرى يەھۋا بۇيرۇغان جايغا بېرىشنى خالىمىغاچ، نېمە ئىش قىلدى؟
  • يۇنۇس دېڭىزچىلارغا بوران-‏چاپقۇننى توختىتىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشنى ئېيتتى؟
  • رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، يۇنۇس سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا، نېمە ئىش يۈز بەردى؟
  • يۇنۇس چوڭ بېلىقنىڭ قورسىقىدا قانچە ئۇزۇن ۋاقىت تۇردى ۋە ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلدى؟
  • يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن كېيىن، قەيەرگە باردى؟ بۇ بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يۇنۇس 1:‏1-‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نىنەۋى خەلقىگە ۋەز ئېيتىش ۋەزىپىسىگە نىسبەتەن، يۇنۇس قانداق ھېسسىياتتا بولغانىدى؟ (يۇنۇس 1:‏2، 3؛ پەندى-‏نەسىھەت 3:‏7؛ ۋەز 8:‏12)

  • يۇنۇس 2:‏1، 2، 10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    نېمە ئۈچۈن يۇنۇسنىڭ كەچۈرمىشى، يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ؟ (زەبۇر 22:‏24؛ 34:‏6؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏14)

  • يۇنۇس 3:‏1-‏10-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    دەسلەپتە يۇنۇسنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىن قاچقانلىقىغا قارىماي، يەھۋانىڭ داۋاملىق ئۇنى ئىشلىتىشى، بىزنى قانداق ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ (زەبۇر 103:‏14؛ 1-‏پېترۇس 5:‏10)

    نىنەۋى خەلقىنىڭ يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدىن، خۇش خەۋەر يەتكۈزگەندە باشقىلارغا ئالدىن ھۆكۈم قىلماسلىق ھەققىدە قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ (يۇنۇس 3:‏6-‏9؛ ۋەز 11:‏6؛ ئەلچىلەر 13:‏48)