مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

71-‏ھېكايە: خۇدا ۋەدە قىلغان جەننەت

71-‏ھېكايە: خۇدا ۋەدە قىلغان جەننەت

بۇ جەننەت تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە رەسىم. يەھۋا خۇدانىڭ يەشايا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكىنى، ئېھتىمال مۇشۇ رەسىمدىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان جەننەت بولۇشى مۇمكىن. يەشايا پەيغەمبەر يۇنۇس پەيغەمبەردىن سەل كېيىنرەك بىر زاماندا ياشىغانىدى.

جەننەتتىكى كىشىلەر

جەننەتنىڭ مەنىسى، «باغ» ياكى «باغچا». بۇ سىزگە، بىز ئىلگىرى مۇشۇ كىتابتا كۆرگەن مەلۇم بىر نەرسىنى ئەسلەتتىمۇ؟ بۇ، تەڭرى يەھۋا ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا ئۈچۈن پەيدا قىلغان گۈزەل باغقا ئوخشايدۇ، شۇنداقمۇ؟ 2-‏ھېكايىدە جەننەتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. يادىڭىزدا بارمۇ، جەننەت قەيەردە؟ ئۇنداقتا، كەلگۈسىدە پۈتكۈل يەر شارى جەننەتكە ئايلىنامدۇ؟

خۇدا ئۆز خەلقىنى يېڭى جەننەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ يەشايا پەيغەمبەرنى جەننەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يېزىشقا بۇيرۇغانىدى. يەشايا، ئۇ:‏ «بۆرە بىلەن قوي بىللە تۇرۇپ، كىچىك موزايلار بىلەن شىر بالىلىرى بىرگە ئۇزۇق يەيدۇ، كىچىك بالىلار ئۇلاردىن خەۋەر ئالىدۇ. ھەتتا كىچىك بالىلار زەھەرلىك يىلاننىڭ قېشىدا ئوينىسا ھېچقانداق خەتىرى بولمايدۇ»، دەپ يازغانىدى.

نۇرغۇن ئادەملەر:‏ «بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، يەر شارىدا ئەزەلدىنلا نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار بار. كەلگۈسىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ»، دېيىشى مۇمكىن. بىراق، ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ پەرۋەردىگار ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىغا قانداق ماكاننى بەرگەن؟

پەرۋەردىگار ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار پەۋەردىگار يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ گۈزەل ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەمدە قېرىپ ئۆلۈپ كەتكەنىدى. يەھۋا ئۆزىنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا ئايرىلىپ قالغان ئاشۇ نەرسىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن.

كەلگۈسى كېلىدىغان يېڭى جەننەتتە، ھېچقانداق زىيانكەشلىك ۋە خاراب قىلىش بولمايدۇ. پۈتۈنلەي تىنچ-‏ئامانلىق بولىدۇ. بارلىق ئادەملەر ساغلام، خۇشال-‏خۇرام ياشايدۇ. يەنى، ئەھۋال يەھۋا خۇدا ئەڭ دەسلىپىدە نىيەت قىلغاندەك بولىدۇ. بىراق، يەھۋا مۇشۇ ئىشلارنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە كېيىنرەك ئۆگىنىمىز.

يەشايا 11:‏6-‏9؛ ۋەھىيلەر 21:‏3، 4.



سوئاللار

  • يەشايا كىم ۋە قاچان ياشىغان؟ تەڭرى يەھۋا يەشاياغا نېمىنى كۆرسەتتى؟
  • جەننەت سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇ سىزگە نېمىنى ئەسلىتىدۇ؟
  • يەھۋا يېڭى جەننەت ھەققىدە يەشايا پەيغەمبەرنى نېمىلەرنى يېزىشقا بۇيرۇدى؟
  • نېمە ئۈچۈن ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا گۈزەل ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان؟
  • يەھۋا ئۆزىنى سۆيىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • يەشايا 11:‏6-‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    كەلگۈسىدە يېڭى دۇنيادا جان-‏جانىۋارلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولىدىغان تىنچ-‏ئامانلىقنى، خۇدا سۆزى قانداق تەسۋىرلەيدۇ؟ (زەبۇر 148:‏10، 13؛ يەشايا 65:‏25؛ ھەزقىيال 34:‏25)

    يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەت سۆزى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدا قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟ (رىملىقلار 12:‏2؛ ئەفەسلىكلەر 4:‏23، 24)

    كىم سەۋەبلىك، بۈگۈنكى كۈندە ۋە كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا، ئىنسانلار تەبىئىتى يەنى مىجەز-‏خۇلقىدا يېڭىلىنىپ، ياماندىن ياخشىغا ئۆزگىرىدۇ؟ (يەشايا 48:‏17، 18؛ گالاتىيالىقلار 5:‏22، 23؛ فىلىپىلىكلەر 4:‏7)

  • ۋەھىيلەر 21:‏3، 4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    خۇدا ئىنسانلار ئارىسىدا ياشايدۇ، دېگەن سۆزلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى بارلىقى، ھەرگىزمۇ خۇدانىڭ يەر يۈزىدە ئىنسانلار بىلەن بىللە ياشىمايدىغانلىقىنى، مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر قانداق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ (لاۋىيلار 26:‏11، 12؛ 2-‏تارىخنامە 6:‏18؛ يەشايا 66:‏1؛ ۋەھىيلەر 21:‏2، 3، 22-‏24)

    قايسى ئىشلار ئۈچۈن ياشلار تۆكۈپ ئازابلىنىش كەلگۈسىدە يوق بولىدۇ؟ (لۇقا 8:‏49-‏52؛ رىملىقلار 8:‏21، 22؛ ۋەھىيلەر 21:‏4)