مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

72-‏ھېكايە: خۇدانىڭ پادىشاھ ھىزىكىيەگە ياردەم بېرىشى

72-‏ھېكايە: خۇدانىڭ پادىشاھ ھىزىكىيەگە ياردەم بېرىشى

بۇ ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن خەتلەرنى يەھۋانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى؟ بۇ ئادەم ھىزىكىيە. ئۇ جەنۇبىي ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى. ئۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنىدى. نېمە ئۈچۈن؟

پادىشاھ ھىزىكىيە دۇئا قىلىۋاتىدۇ

چۈنكى، ئاسسۇرىيە قوشۇنى ئاللىقاچان ئىسرائىلنىڭ شىمالىي 10 قەبىلىسىنى ۋەيران قىلغانىدى. ئاسسۇرىيىلىكلەر 10 قەبىلە خەلقىنى ۋەيران قىلغاندا، يەھۋا ئۇلارنى توسمىدى. سەۋەبى، 10 قەبىلە خەلقى ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلغانىدى. ئەمدىلىكتە، ئاسسۇرىيە قوشۇنى ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.

ئاسسۇرىيە پادىشاھى ھىزىكىيە پادىشاھقا بىرقانچە پارچە خەتنى ئەۋەتتى. ھىزىكىيەنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا قويغىنى دەل ئاشۇ خەتلەر. بۇ خەتلەردە يەھۋانى مازاق قىلىپ، ھىزىكىيەنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. شۇ سەۋەب، ھىزىكىيە يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلغان. ئۇ:‏ «ئەي يەھۋا، بىزنى ئاسسۇرىيە پادىشاھىدىن قۇتقۇزغايسەن. شۇندىلا، بارچە پادىشاھلىقلار، سەنلا يالغۇز خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلگەي»، دېدى. يەھۋا پادىشاھ ھىزىكىيەنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالدىمۇ؟

ھىزىكىيە ياخشى پادىشاھ ئىدى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ 10 قەبىلە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئۆز ئاتىسى پادىشاھ ئاھازغا ئوخشاش رەزىل ئەمەس ئىدى. ھىزىكىيە يەھۋانىڭ بارچە قانۇنلىرىغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىتائەت قىلاتتى. شۇڭا، ھىزىكىيە دۇئاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا يەھۋادىن كەلگەن مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى:‏ «ئاسسۇرىيە پادىشاھى يېرۇسالېمغا كىرمەس. ھەتتا ھېچبىر ئەسكەر يېقىن كەلمەس. ئۇلار شەھەرگە قارىتىپ بىرەر تال ئوقيامۇ ئاتماس».

بۇ بەتتىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇ ئۆلگەن ئەسكەرلەر كىملەر، بىلەمسىز؟ ئۇلار ئاسسۇرىيىلىكلەر. خۇدا ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇ پەرىشتە بىر كېچىدە 185000 ئاسسۇرىيىلىك ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈردى. شۇڭا، ئاسسۇرىيە پادىشاھى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى.

ئۆلگەن ئاسسۇرىيەلىك ئەسكەرلەر

ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقى قۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، خەلق بىر مەزگىل خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردى. ئەمما، ھىزىكىيە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ماناسسە پادىشاھ بولدى. ماناسسە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ بولغان ئوغلى ئامون ھەر ئىككىسى رەزىل پادىشاھلار ئىدى. شۇڭا، يۇرت يەنە جىنايەتلەر بىلەن زوراۋانلىققا تولۇپ كەتتى. پادىشاھ ئاموننى ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى يوشىيە ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولدى.

2-‏پادىشاھلار 18:‏1-‏36؛ 19:‏1-‏37؛ 21:‏1-‏25.



سوئاللار

  • رەسىمدىكى ئۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى؟
  • ھىزىكىيەنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا قويغانلىرى نېمە خەتلەر؟ ھىزىكىيە نېمە دەپ دۇئا قىلدى؟
  • ھىزىكىيە قانداق پادىشاھ ئىدى؟ يەھۋا پەيغەمبىرى يەشايا ئارقىلىق ھىزىكىيە قانداق خەۋەر يەتكۈزدى؟
  • رەسىمدە كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك، يەھۋانىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرىيىلىكلەرنى نېمە قىلدى؟
  • گەرچە ئىككى قەبىلە پادىشاھلىقىدا بىر مەزگىل تىنچلىق بولغان بولسىمۇ، ھىزىكىيە ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بەردى؟

قوشۇمچە سوئاللار

  • 2-‏پادىشاھلار 18:‏1-‏36-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    ئاسسۇرىيەنىڭ جاكارچىسى رەبشاقى ئىسرائىللارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى بوشاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ نېمە ئىش قىلدى؟ (2-‏پادىشاھلار 18:‏19، 21؛ چىقىش 5:‏2؛ زەبۇر 64:‏3)

    قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھىزىكىيەنى ئۆزىگە قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ (2-‏پادىشاھلار 18:‏36؛ زەبۇر 39:‏1؛ پەندى-‏نەسىھەت 26:‏4؛ 2-‏تىموتىي 2:‏24)

  • 2-‏پادىشاھلار 19:‏1-‏37-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خەلقى مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ھىزىكىيەنى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟ (2-‏پادىشاھلار 19:‏1، 2؛ پەندى-‏نەسىھەت 3:‏5، 6؛ ئىبرانىيلار 10:‏24، 25؛ ياقۇپ 5:‏14، 15)

    قانداق بولۇپ پادىشاھ سىنھارىب ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولدى؟ ئۇ كىمنى بېشارەتلىك تەسۋىرلىدى؟ (2-‏پادىشاھلار 19:‏32، 35، 37؛ ۋەھىيلەر 20:‏2، 3)

  • 2-‏پادىشاھلار 21:‏1-‏6، 16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.

    يېرۇسالېمدا پادىشاھلىق قىلغانلار ئارىسىدا، نېمە ئۈچۈن ماناسسەنى ئەڭ زالىم ھۆكۈمران دېيىشكە بولىدۇ؟ (2-‏تارىخنامە 33:‏4-‏6، 9)